-
2008-12-27
ئىستانبۇلدا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى Istanbolda ulugh alim mehmud kashgheriy tughulghanliqining 1000-yilliqini xatirilesh murasimi otkuzuldi - [مەشھۇر شەخسلەر]
ئىستانبۇلدا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
Istanbolda ulugh alim mehmud kashgheriy tughulghanliqining 1000-yilliqini xatirilesh murasimi otkuzuldi
cئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000- يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈلۈشكۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا «تۆتىنچى نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى تۈرك تىلى شەرەپ مۇكاپاتى» تارقىتىپ بېرىلدى.
تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىگە زور تۆھپە قوشقان ياپونىيىلىك پروفېسسور تاداشى سۇزۇكى، رومىنىيىلىك پروفېسسور بائۇبەك ئاگىېمىن، ئۆزبېكىستانلىق ئەشقابىل سۇھۇكۇر، تاتارىستانلىق پروفېسسور مۇھەممەد مىرزا، تۈركمەنىستانلىق ئوراز ياغمۇر قاتارلىق ئالىملارغا «تاشپاقا سىرتىدىكى كۈلتىگىن خاتىرە سارىيى» مۇكاپاتى بېرىلدى.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي، مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە مىسلىسىز تۆھپە قوشقان ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرىنى ئۆلگە قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رومىنىيە، ياپونىيە، تۈركمەنىستان، تاتارىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن قىممەتلىك ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گۈناي، ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پەقەت بىر تەتقىقاتچىلا ئەمەس، ئەينى ۋاقىتتا بىر پىكىرداش بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ تۈرك مەدەنىيىتى ۋە شېئىرىيىتىگە غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئېيتتى.
مەنبە:تۈركىيە خەۋەرلىرى
收藏到:Del.icio.us
评论