ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 255 |
جۇغلانمىسى: 456 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبىرىمىزنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى !
مۇنبىرىمىز قۇرۇلۇپ ئاز بولمىغان تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى ، زىيارەتچىلەرنىڭ سانىمۇ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ . تور زىيارەتچىلىرىنىڭ تور بىكەتكە ۋە بىكەتتىكى مەزمۇنلارغا بولغان تەلىپى ۋە ئېھتىياجى كۈندىن - كۈندىن يۇقىرىلاپ مېڭىۋاتىدۇ . بىكىتىمىز مۇشۇ ۋەجىدىن مۇنبەردە بىر قېتىملىق رەتلەش ئېلىپ بارماقچى . بارلىق باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالار بۇ قېتىملىق رەتلەشكە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ ، ئازراق ۋاقتىنى چىقىرىپ ئەخلەت تېمىلارنى دوكلات قىلىشىنى سورايمىز !
ھەرقانداق بىر تېمىغا كىرسىڭىز شۇ تېمىنى ياكى مەلۇم بىر ئىنكاسنى دوكلات قىلالايسىز ، مەزمۇننىڭ ئۈستىدىكى باشقۇرۇش تۈرى بار ئورۇندا « دوكلات » دىگەن ئۇلىنىش بار ، شۇ جاينى بېسىپ دوكلات قىلسىڭىز بولىدۇ .
دوكلات مەزمۇنى :
1 . بۇرۇندىن ھازىرغىچە يوللانغان ناچار تېمىلار ياكى ئىنكاسلار .
2 . ساغلام بولمىغان گەپ سۆزلەر بولغان تېما ياكى ئىنكاس .
3 . بۇرۇن يوللىنىپ ھازىر كۆرۈنمەس بۇلۇپ قالغان رەسىم تېمىلىرى ياكى رەسىملىك تېمىدىكى كۆپ قىسىم رەسىملەر كۆرۈنمەس بۇلۇپ قالغان بولسا .
فىلىملىك تېمىلارنى ۋاقتىنچە رەتلەش ئېلىپ بارمايمىز ، مۇنبەرنىڭ يېڭى نۇسقىسىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولغانلىق سەۋەب ، بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەرنى بىر قىسىم كومپىيۇتېرلاردا كۆرگىلى بولمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ ، بۇنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىمىز ، ھەل بولغاندىن كىيىن رەتلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
باشقۇرغۇچىلارغا :
دوكلات قىلىنغان تېما ياكى ئىنكاسلار ئۆزى تۇرۇشلۇق سەھىپىگە يوللىنىدۇ ، ھەر قايسى باشقۇرغۇچىلار ئۆزىمىز مەسئۇل سەھىپىگە كىرىپ ئۈستىدىكى « سەھىپە باشقۇرۇش » دىگەن ئۇلانمىدىن كىرىپ ، باشقۇرۇش تۈرىدىن « دوكلات يازمىسى » دىگەن ئۇلىنىشقا كىرىپ دوكلات قىلىنغان يازما ئىنكاسلارنى كۈرۈپ بىر تەرەپ قىلساڭلار بولىدۇ . مۇنبەر باشلىقلىرى ھەر قانداق سەھىپىدىكى دوكلاتنى باشقۇرالايدۇ .
باشقۇرغۇچى دوستلارنىڭ مۇشۇ ئىشقا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ! |
|