akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5998|ئىنكاس: 25

مارادونا : رائۇل بولغان بولسىمۇ ئوخشاشلا چېمپىيۇن بولالايىتتى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سوخو تورى 30-ئىيۇن خەۋىرى :


مارادونا سوخو خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:
ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ چېمپىيۇن بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم .چۈنكى ئۇلاردا تېخنىكىسى ياخشى توپچىلار(مەسلەن : توررېس،شاۋى،كاسىلىياس.....)بۇلۇپلا قالماستىن ،يەنە نۇرغۇن يىل چېمپىيۇن بولالماسلىقتەك بىرخىل چېمپىيۇنلۇققا ئىنتىلىش ھەم ئۆكۈنۈش ھېسياتى مەۋجۈت.گېرمانىيە كوماندىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ،ئۇلارنىڭ مەيدىسىدىكى چاقناپ تۇرغان ئۈچ يۇلتۇزنىڭ رەقىبىنى قورقۇتۇشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق.
نەتىجە مېنىڭ بۇ  ئويۇمنى تېخىمۇ ئىسپاتلىدى،ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دېگەن ھەل قىلغۇچ جەڭ دېمەكتۇر.
گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ بۇنداق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خېلى تەجىربىسى بار.بىراق ئاخىرىدا يەنىلا ئىسپانىيە كوماندىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.ئەگەر لېماننىڭ ياخشى ئىپادىسى بولمىغان بولسا ،مۇسابىقە نەتىجىسىنى تېخىمۇ قۇبۇل قىلغۇسىز بۇلۇپ قالاتتى. ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئاگىنتىنا كوماندىسىغا ئوخشاش ماھارەت كۆرسەتكىنىگە رەھمەت . شۇنداق بولغانلىقى سەۋەبلىك مەن بۇ مۇسابىقىنى تولۇق كۆردۈم .
ئىسپانىيە چېمپىيۇن بولدى .لېكىن «رائۇل بولمىغاچقا بۇ ئۇتۇق ئىسپانىيەگە مەنسۇپ بولدى » دېگەن قۇرۇق گەپكە ئىشەنمەڭلار.مەن ئىزچىل تۈردە رائۇل بولغان بولسىمۇ ئىسپانىيە كوماندىسى ياخشى ئوينىيالايدۇ دەپ قارايمەن .بىردىنبىر مۇمكىنچىلىك ئاراگونىس تازا خوشال ئەمەس ،چۈنكى ئۇ رائۇلنى دۆلەت  كوماندىسى  تىزىملىكىدىن قالدۇرىۋىتىشكە جۇئەت قىلالىدى يۇ ، لېكىن ئۇنى زاپاس ئەزالار تىزىملىكىخى كىرگۈزۈپ ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.   مېنىڭچە نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن پۇتبولچى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئازراق ئىشىلا كۇپايە . بەلكىم ياۋروپا چېمپىيۇنلىقى نۇرغۇنلىغان چېمپىيۇنلارغا سەل قارىغان بۇلىشى مۇمكىن .

مەن نۇرغۇن جۇڭگۇ توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى يېرىم كېچىدە كىرپىك قاقماي كۆرىدىغانلىقى بىلىپ ناھايىتى تەسىرلەندىم .جۇڭگۇغا نەچچە قېتىم بېرىش جەريانىدا بۇنداق مەنزىرىلەرنى كۆرگەنىدىم . شۇڭلاشقا مەن سول بىلىكىمگە ئۇچقۇر ئەجدىھانىڭ سۆرىتىنى چەكتۈردۈم . مەن جۇڭگۇ پۇتبولچىلىقىنىڭ مۇشۇ ئۇچقۇر ئەجدىھادەك تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .يەنە بىر جەھەتتىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى يېقىنلاپ كەلمەكتە،مېسسىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ غەلبە بىلەن ئاياقلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،يەنە ئارگىنتىنانىڭ چېمپىيۇن بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
fifaتەستىقلىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 05:39:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارادۇنا راستىنلا شۇنداق دەپتۇما؟   بۇ ئاداش ھەجەپ ئسپانيگە كۇڭۇل بۇلۇپ قاپتۇيا؟             
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 07:08:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيىگە <كۆڭۈل> بۆلگەندەك قىلىپ گېرمانىيىنىڭ 2006-يىلىدىكى ھېلىقى ئىشىغا يەنىلا زور دەرىجىدە ئۆچمەنلىك ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكچى...........
==========================================================
مارادونا:
گېرمانىيە كوماندىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ،ئۇلارنىڭ مەيدىسىدىكى چاقناپ تۇرغان ئۈچ يۇلتۇزنىڭ رەقىبىنى قورقۇتۇشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق
(بۇ ئېنىقلا ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكتىن دېيىلىۋاتقان گەپ)
*****

< لېماننىڭ ياخشى ئىپادىسى بولمىغان بولسا>
(لېماننىڭ ئىپادىسى دەپ،يەنىلا 2006-يىلىدىكى نۇقتا توپ ئىشىنى تەگەۋاتىدۇ)

****

ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ئاگىنتىنا كوماندىسىغا ئوخشاش ماھارەت كۆرسەتكىنىگە رەھمەت
(2006-يىلى گېرمانىيە بىلەن ئوينىغاندا بىزمۇ ياخشى ماھارەت كۆرسەتكەن،لېكىن نەتىجىدە ئۇتتۇرغان كوماندا بىز بولدۇق دېمەكچى)
=========================================================

مارادونا ھازىر بىر پۇتبول مەستانىسى،شۇڭا ئۇنى مۇشۇنداق ئويلايدۇ دەپ ئۆزەمچە گەپلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ماڭدىم!!!

ھە راست، يەنە بىر يېرى ئارگېنتىنا ئىسپان تىلىنى قوللىنىدىغان بولغاچقا ئاز پاز كۆڭۈل بۆلسىمۇ بۆلگەندۇ~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 07:28:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارادۇنا گىرمانىيەنى ھەددىدىن  ئارتۇق چۈكۈرۈپتىغۇ.. بەڭگى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 09:35:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارادونا توغرا دەپتۇ .يەڭگەن بەگ بولۇر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 10:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېرگىيو گارسىيا دېگەننىڭ ئورنىغا بولسىمۇ رائۇلنى ئېلىپ قويغان بولسا رائۇلنىڭ ھېچقانچە ئارمىنى قالماستى. ئالاگۇنىس دېگەن قوتۇر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 10:51:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست باللا ، رائۇل نى نىمىشقا ئالمىغانتى ؟ خاپۇلىشىپ قاپتىكەنما ؟ مەن پەقەت بىلەممىدىم ، تاس قالدى ھەل قىلغۈچ مۇسابىقىدە چىقىردىغان ھۇجۇمچى قالمىغىلى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 11:11:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رائۇلنى ئالماسلىقىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب رائۇل خانلىق مادرىدنىڭ توپچىسى. ئالاگۇنىس بارسا قوشۇنىغا بەك ئىشىنىدۇ ھەم ياقتۇرىدۇ. شۇڭا ھازىرقى ئىسپانىيە كوماندىسىدا مادرىدلىقلار بەكلا ئاز. راموس بىلەن ئالاگۇنىسنىڭ جېدىلىمۇ ئۇنچە ئاددىي سەۋەبتىن ئەمەس. كاسىللاسنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تالانتى،ئىپادىسى بولمىغىنىدا ئۇنىڭ ئورنىغىمۇ ۋالدېزنى ئەپ قويۇپ ئوتۇرار بولغىيمىتىكىنى بۇ قېرى توڭگۇز !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 12:18:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدە ئارگىنتىنا بىلەن گىرمانىيە مۇسابىقسىدە ، ئازىراق سۈركىلىش بولغان ، شۇنىڭغا تىخىچە ئاچچىق يۈتىۋاپتۇ دە ......... گىرمانىينى بەك چۈشۈرىۋىتپتۇ .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 12:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارادونامۇ دەيدۇ ئەمدى، ئەگەر گىرمانىيە چىمپىيون بولغان بولسىمۇ شۇنداق دىگەن بولاتتى........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 14:19:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رائۇلنى چۈشۈرمىگىنى بەك غەلىتە!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-7-1 14:34:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياجاننى بېسىۋىلىپ ئىنكاس يېزىشايلى تورداشلار .

ئاراگونس بۇ قىتىم بارسېلونا بولسۇن مادرىد بولسۇن ھېچ قايسىغا يان باسمىتى ، بۇ قىتىمقى دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەركىب تېپىش ئەھۋالىدا ھەتتا نەتىجىسى ئالاھىدە چېكىنىپ كەتكەن ۋالىنسىيەدىنمۇ ۋىللا ، سىلۋا لارنى ئالدىغۇ . ئاراگونس ياشلارنى تەربىلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ ، ئۇ بۇرۇنمۇ ئىسپانىيە ياشلار كوماندىسىنى يىتەكلەپ ياخشىە نەتىجىلەرنى قوغا كەلتۈرگەن .

مارادونا رائۇلنى ياقتۇرىدۇ ( ئىككىلىسى سولخەيلەردىن)، مارادونا گىرمانىيەنى چۆكتۈرگىنى يوق ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى ئوينىغانلا ئۆزۈڭلارنىڭ گىرماننى ياقتۇرۇش ھىسسياتىڭلارنى قايرىپ قويۇپ دەپ بېقىڭلار ؟ گىرمانىيە قانچىلىك ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قىلالىدى ؟ ئىسپاننىڭ بېكلىرىنى ئۆزىنىڭ سۈرئەت ، تەن ئەستۈنلۈكى بىلەن بويسۇندىرالىدىمۇ ؟ ئەڭ ئاخىرقى پاسلىرى ئۈنۈملۈك زەربە ھاسىل قىلالىدىمۇ ؟
ئىسپانىيە ئۇتتى ، ئۇتقاندىمۇ ھەتتا ؟گىرمانىيەنىڭ تېرنىدى لېف دىن تارتىپ قايىل قىلغۇدەك ئۇتتى ، ئۇنداق ئەمەسمۇ يا ؟
يېڭى بى رچىمپىيوننىڭ بارلىققا كېلىشى بۇندىن پۇتبۇل مۇسابىقىلىرى تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ ، تېخىمۇ قىززىقى بولىدۇ ، قاچانغىچە ئالغانلار ئېلىۋىرىدۇ نەتىجىنى ؟ ئىسپانلار ، پورتۇگال ، گوللاند بۇلار بۇرۇنمۇ كۈچلۈك كوماندىلاردىن ، پەقەت توپنى چىرايلىق ئوينايمىز دەپلا  نوقۇل 1:0 زىم ئىتالىيە ، نەتىجىدىن باشقىسى بىكار دەيدىغان گىرمانلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ كەلدى ، ئەمدى بىر بېشىنى كۆتۈرۈپ قويسا قارشى تۇرۇپ كەتكىنىڭلارنى دىسە .  
پۇتبول ساھەدىسىكى ئسپان ، پورتۇگال ، گوللاند، فىرانسيە  مىنىڭ بىرازىلىيە ۋە ئارگىنتىنا دىن كىيىنكى ياقتۇردىغان كوماندىلىرىم .

ئىتالىيە ۋە گىرمانىيە كوماندىلىرىنى ھۆرمەت قىلىمەن ، ئۇلار زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ، لىكىن پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ جەريانىدىن ھوزۇرلىنىش نەتىجىسىگە قارىغاندە مۇھىم  دەپ قارايدىغان بىر پۇتبولغا قىززىققۇچىدىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-8 18:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش