akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3331|ئىنكاس: 20

مادىرىت كىملەرنى سېتىۋالماقچى؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
6-ئاينىڭ 28-كۈنى مادىرىت 2006-2007يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش يىغىنى ئاچتى. ھەمدە كاپىرونڭ بۇندىن كىيىن مادىرىتنىڭ تېرنىرى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە كاپىرو گەرچە مادىرىتنى لوڭقىغا ئىرىشتۈرگەن بولسىمۇ لىكىن كىينكى پەسىللىك ئەڭ ياخشى نامزات بۇلالمايدىكەن.
ئەمدى مادىرىتنىڭ كىملەرنى سېتىۋالىدىغانلىقىغا كەلسەك،ئۇلار تېخىچە ئىنىق بىرنەرسە دىمىگەن، لىكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ سېتىۋېلىش مۇمكىنچىلىقى بارلارنى ئوتتۇرغا قويغان..

تېرنىرغا كەلسەك ئۇلار خېتافور كۇلۇبىدىكى شۇستىرغا ئەڭ قىزىققان ، شۇستىرمۇ ھازىر خېتافوردىن ئىستىپا بەرگەن.
ۋارىتارغا كەلسەك ئۇلار كاشىلياسنى ھەرگىز قولدىن چىقامايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە لىۋىرپۇلنىڭ ۋارتارى دۇدۇكنى سېتىۋالماقچى بولغان ،دۇدۇكمۇ ئازاكى ماقۇل بولغان ،
مۇداپىيە سېپىگە كەلسەك گىرمەنىيىلىك بېك مىزىر مادىرىتقا قوشۇلۇشقا ماقۇل بولغان .كاناۋارونىڭ قېلىش قالماسلىقىدا تېخىى ئىنىق قارار چىقارمىغان ،لىكىن كاناۋارونىڭ ۋاكالەتچىسى ئۇنىڭ توختام تۈگىگىچە مادىرىتتا قېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئارقا سەپتىن ئۇلار ئەڭ قىزىقىدىغىنى جىۋو بىلەن ئارۋىيس بولغان .لىكىن سەرۋىلىيا ئارۋىيسىنى  30مىلىيون ياۋرو غائاندىن قولدىن چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ،بۇ ئەللۋەتتە بىر بېك ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەت باھا . ئۇنىڭدىن باشقا مەنچىستىردىكى خەييىنزمۇ ئۇلارنىڭ تىزىملىكىدە باركەن.
ئوتتۇرا مەيدانغا كەلسەك ئېمىرسۇننىڭ كۇلۇپتا قېلىش مۇمكىنچىلىقى ئەڭ ئازكەن. ماك لەيلەي،فابۇرىجاس،روبىنلار ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانىكەن .ماك لەيلەي بىلەن رۇبىننىڭ چېرسى بىلەن تۈزگەن توختانىدا مەسىلە چىققان ، ئارسىنال بولسا ھازىر تەۋرىنىپ تۇرغان باسقۇچتا بۇلارنىڭ ھەممىسى نادىرىت ئۈچۈن بىر پۇرسەت. يەنەبىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا مادىرىت گوللاندىيىنىڭ 21ياشلىقلار كوماندىسىدىكى سول ھۇجۇمچى دورۇنتېغا ئىنتايىن قىزىققان ھەمدە ئۇنى ياۋروپادىكى يىڭى كارلوس دەپ تەرىپلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا باپۇدىستا نىڭمۇ كۇلۇپتا قېلىش مۇمكىنچىلىقى يۇقۇرى ئەمەسكەن . رېييېس بولسا ئارسىنالغا قايتقۇسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن، ئارسىنال تەرەپ ئۇنى 6مىلىيون ياۋروغا مادىرىتقا تۇنۇشتۇرماقچى بوپتۇ .
ھۇجۇم سېپىدا بولسا  ئۇلار ئىجارىگە ئەكەلگەن ياش توپچى رامۇسنى كۇلۇپتا ئېلىپ قالىدىغانلىقىن بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا نابۇرۇس كۇلۇبى بۇرۇن كاسانونى سېتىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ بۇ بىرنەچچە كۈندە ئۇلار
يەنىلە ئويلىشىدىغانلقىن بىلدۈرگەن. ئېنتىربولسا ئادىرىيانونى دىيالاغا ئالماشتۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان ،ACمىلان بولسا كاسانوغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمدىكى گەپ مۇھىمنىڭ مۇھىمى بولغان كاكا دا .
مادىرىتنىڭ خوجايىنى كاردېرون كاكاغا 80 مىلىيون ياۋرو چىقىرىدىغانلىىنى بىلدۈرگەن . لىكىن مىلان تەرەپ كاكانى سېتىلماس تاۋار دەپ ئىلان قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:

كاكا


كاسانو


دىيالا


رامۇس


ماك لەيلەي


فابۇرىگاس


روبىن


ئارۋىيسى


جىۋو


مىزىر


دۇدۇك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-7-1 13:47:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوردادو دەپ راموسنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ قويۇپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2007-7-1 13:51:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ياخشى تۇنۇيالماپسىز !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-7-1 13:57:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىدنىڭ ئەزالىرىنى تونۇيالمىسام مۇسابىقە كۆرمىسەممۇ بولىدۇ.....  يەنىمۇ ئوبدانراق كۆرۈڭە....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-7-1 13:58:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرىستىئان رونالدو بىلەن كاكانى سېتىۋالالىغان بولسا ئەڭ ياخشى بولاتتى.ئەپسۇس.
بۇ پەسىلدە مادرىتنىڭ ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە كىرىشىمۇ تەسمىكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-7-1 14:04:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكانى سېتىۋالالىسا بەكلا ياخشى بولاتتى. بىراق مىلەن تەرەپ قەتئىي ساتمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ.
  كاكانىڭغۇ مادرىدقا ئوتتەك كەلگۈسى بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-7-1 14:45:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستلا راموسنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپسىز....!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-7-1 16:55:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق بۇ ماھىرنىڭ ئىسمى لاموسى(راموس) ئىدىغۇ؟

مەن بۇ بىككە بەك قايىل.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2007-7-1 17:00:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار بىر توربەتكە شۇنداق دەپ چىقىرپ قويۇپتىكەن . شۇڭا مەنمۇ شۇنداق دەپ ئاپتىمەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2007-7-1 17:02:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزىتىپ قويدۇم !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-7-2 11:25:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋۇرپولنىڭ ۋاراتارسى مادىرىدقا كىلىپ زاپاس ئەزا بولغاندىن كەلمىگىنى ياخشى~~~~
كاكا نىڭ كىلىشى تەس جۇمۇ~ ~~رونالدىنخونىڭ  acمىلانغا كىلىش ئېھتىماللىقى يوقتەك كاكا نىڭمۇ مادىرىدقا كىلىشى ئېھتىماللىقى بەك كىچىك~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-7-2 13:35:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بارسىانىڭ جوڭگۇدىكى باش تورىدا پۇتبول ھەۋەسكالىرىغا <<ھازىرقى مادىرىددىكىلەردىن سىز كىمگە ئەڭ ئوچ >> ەدپ بىلەت تاشلاتقۇرۇپتىكەن ، مۇشۇ كاپىلودىنمۇ يۇقىرى 1-ئورۇندىكىكەن. مىنىڭمۇ پەقەت خوشام يوق پۇتىنى قارا دەيمىزمۇ ماقېىتىمقى بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ رونالدىنيونىڭ پۇتىغا ئارقىدىن قاتتىن بىر تىپىپتى بەك ئاچچىغىم كەگەن .
ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئىچى تار دەيمىزمۇ ئىشقىلىپ بارسىلونا مادرىد بىلەن مۇناسىۋەتسىز  مۇھىم مۇسابىقىگە چۈشۈپ قالسا مۇخبىرلارغا ئۇلارنىڭ يېڭىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دەپ خەۋەر تاقىتىدىغان ئادىتى بار.
FM ئوينىغان ۋاقىتتا 1 يىل 4-3-3سەپ شەكلى ئىشلەتتىم، كىيىنكى يىلى 5-3-2 ئىشلىتىپ باقاي دىسەم كوماندىدا 1 ئوتتۇرا بىك كاملايدىن ، تۇرامۇنى ئىشلىتەي دىسەم قېرىپ بۇرۇنقى ھالى يوق، شۇنىڭ بىلەن پۇلمۇ خىلى جىق بولغاندىكىن ياخشى بىر ياش بىك ئالاي دىسەم ياشلارنىڭ ئارىسىدىن لاموستىن ياخشىراق بىرەرسىنى تاپالمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن شۇنىلام ئالاي دەپ 40مىلىيۇن ياۋرۇ قىلسام ساتمايدۇ ، ئاخىرى 60مىلىيۇن باھا قىلسام مادرىدقۇ ساتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا توختام تۈزۈپ ئەۋەتسەم ، مەن بارسىلوناغا بامامايمەن دەپ قوبۇل قالماپتۇ ، ئاچچىغىم بەك كەگەن زادى شۇ ۋاقىتتا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش