ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 844 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ھەممەيلەنگە مەلۇم 6-ئاينىڭ 10 كۈنى 00:45 دە ئىتالىيە بىلەن گوللاندىيە تارىخى خارەكتىرلىك مۇسابىقىدىن بىرنى ئورۇندىدى.... كۆپۈنچە تورداشلارنىڭ ئىددىيسىدە 2006-يىلىنىڭ سەردارى ئىتالىيە شەرتسىز غەلبە قىلىدۇ دىگەن ئوي بارئىدى. شۇسەۋەپتىن ئارىمىزدا مۇسابىقىنى كۆرمەي قويغانلارمۇ ئاز ئەمەس . لىكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق بولماي قالدى... ئاتىللا نىڭ سۆزى بويچە ۋاقىتلىق بولسىمۇ «يەڭگەن خان بولدى».
خۇلاسە: گوللاندىيە غەلبە قىلدى مۇنداقچە ئىيتقاندا 8 يىل بۇرۇنقى ئۆچىنى ئالدى. چۈنكى 2000-يىللىق ياۋرۇپا لۇڭقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىمۇ دەل مۇشۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ مەن پۇتبولنى چۈشىنىپ ئىككى يىل ئۆتكەندە يۈز بەرگەن ئەھمىيەتلىك مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى. چۈنكى مۇسابىقە مەيدانىدا ھازىرمۇ تونۇشلۇق توپ چولپانلىرىدىن. ماردىنى، توتتى، يىنزاجى، دىل پىرو، گاتتۇسۇ، كاناۋارو. زامبۇراتتا.... فەندىرسار، دەيۋىس. ئالدىنقى كۈنى ئىسمىنى بىلمىگەن كىلىۋىرت....بار ئىدى. _ ئىشقىلىپ ئىتالىيە كاماندىسى ھازىرقىدەكلا ،پەقەت بىرنەچچە ئادەم ئالماشتۇرغاندەكلا ئوينىدى....مۇسابىقە باشلىنىپ گوللاندىيە كوماندىسىدىن بوركانپو، كىلويىۋىتلارنىڭ قاپقا تۈرۈكىنى قايتا-قايتا سوقىشى، شۇنداقلا 4-نۇمۇرلۇق ئەمەلدىن قالغان ئاداشنىڭ ئىككى قىتىم كىلۋىرىتنىڭ بىر قىتىم نوختا توپ ئۇرالماسلىقى بىلەن تەلەيلىك ئىتالىيە كاماندىسى 0:0نەتىجىنىڭ ئاخىرىدىكى نوختا توپ كۆرىشىنى پولاپ قاپقىچىسىغا تايىنىپ چىرايلىق ئورۇندىدى. بولۇپمۇ توتتى 2006 دىكىگە ئوخشاشلا نوختا توپنى قوشۇقسىمان ئۇرۇپ پورتۇگالىيەلىك دىڭىز قاراقچىللىرىنى مەغلۇبىيەت كېمىسى بىلەن يولغا سەپ قويۇپلا قالماي بارسالونا مەستانىلىرىنى ئالدىنقى ئاي ئارماندا قويغان لىچىكاردونىڭ چىرايىغا قايغۇ ئەپ كەلدى.... لىكىن «سۇمرۇغ دىگەن يەنىلا سۇمرۇغ دە -» ئىتالىيىلىك بۇ تەلەيچىلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى غەلبىنى ھىچكىم قول قويمىسا بولمايدىغان زىدانى باشچىلىقىدىكى فىرانسىيەگە ئۆتۇنۇپ بىرىپ زىدانىيغا 98 دىكى لۇڭقا كىچىپ كەپ قاپتۇ دەپ ياۋرۇپانىڭ لۇڭقىسىنىمۇ قوش قوللاپ تۇتقۇزۇپ، ھەقىقى بىگىمنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالغان ئىدى......
...... بۇ تۈنجىسى بولسا كىرەك . شۇڭا بېكىتىمىزدىكى تەستىقلاش ھوقوقىغا ئىگە تەھرېر يولداشلارنىڭ كۆپرەك ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
|
|