پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 10761|ئىنكاس: 43

----پۇتبول لاتارىيىسىنى قانداق ئويناش كىرەك؟!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Inter+R9

98

تېما

7

دوست

2594

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2491
يازمىسى: 2594
نادىر تېما: 7
ياۋرۇ: 52339
تۆھپە: 164
ۋاقتى: 599
h
ھالەت

ئىنتىر لۈكچىكى ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-1 22:33:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇق گەپ : ئاخشام ئۇيقۇم كەلمەي كومپىيوتىرىمنىڭ ئالدىدا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي ئولتۇرغىنىمدا،تاغامنىڭ بۇرۇن ئىلىپ تاشلاپقويغان «پۇتبول لاتارىيە 310» كونا ھەپتىلىك گىزىتى كۆزۈمگە چۈپقالدى. شۇنىڭ بىلەن ''مەنمۇ بىرمەزگىل لاتارىيە ئەپباققان ئەدەم بوغاندىكىن مۇشۇ توغرىسىدا بىرنىمە يىزباقمايما؟''دىگەن ئوي بىلەن، چەينەككە لىق چاي دەملەپ قويۇپ بىرتەرەپىن ناخشىنى قويۇپقويغاچ تۆۋەندىكى ئۆزۈمنىڭ شەخسى قاراشلىرىمنى يىزىپ چىقىپ مۇنبەرداشلارغا سۇناي دىدىم... يىزىشنى باشلىدۇق ئەمسە!!!

-------------------------------

                    پۇتبول لاتارىيىسىنى قانداق ئوينىغاندا مۇۋاپىق بولىدۇ؟!

«پۇتبول لاتارىيىسى» ، «جۇڭگو تەنتەربيە لاتارىيىسى»نىڭ تارمىقىدىكى ، ياۋرۇپا يۇقۇرى دەرىجىلىك پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقلەرنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسىنى پەرەز قىلىپ ، 2يۆەنلىك چەك ئىلىش ئارقىلىق، ئاخىرقى ھەقىقى مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە ئالدىدا پەرەزقىغان چەك ئۈستىدىكى نەتىجىنى سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق پەرەزقىلغان چەك ئۈستىدىكى نەتىجىنىڭ توغراچىقىش دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلىك سوممىدا مۇكاپات پۇلىغا(ئەڭ يۇقىرى چەك 5مىلىيۇن يۆەن،باجدىن كىيىن قولغا تىگىدىغىنى 4مىلىيون . ئەڭ تۆۋەن 0 يۆەن) ئىرشەلەيدىغان بىرخىل ئاممىۋى چەك ئويۇنى.
‹«پۇتبول لاتارىيىسى» 200x-يىلى جۇڭگو ئىچكىركى ئۆلكىلەردە بازارغا سىلىنىپ كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشتى. كىيىن 2003-يىلى(ئىسىمدە قىلىشچە؟) «پۇتبول لاتارىيىسى» جۇڭگونىڭ غەربى رايۇنغا ، جۈملىدىن شىنجاڭغا تارقىتىلغاندىن بۇيان ، شىنجاڭدىكى ئوت يۈرەك پۇتبول مەستانىلىرى 5مىليونغا ئاتلىنىشقا باشلىدى. مەنمۇ شۇ يىلىدىن باشلاپ ھەپتىدە 2-4يۆەنىك ئىلىپ قويىدىغان بولغان. 3-دەرىجە بار ۋاختىدا بىرقىتىم 3-دەرىجىگە ئىرىشىپ باقاندىن باشقا ، تۈزۈكرەك نەتىجىمۇ يوق. ئوقۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىلىۋالغاندىن كىيىن ، تىلۋزور يوق سەۋەبلىك مۇسابىقە كۆرۈش پۇرسىتى ئازلاپ لاتارىيە ئىلىشنىمۇ توختىتىۋالدىم. ئەمدى ئۈرۈمچىدىمۇ ئۆي بار بولدى. كونا دەپتەرنى قايتا ئاختۇرۇپ تاپدىغان گەپ. مۇنبىرىمىزدە «پۇتبول لاتارىيىسى» توغرىسىدا پاراڭلار ناھايىتى ئاز بولسىمۇ ، لاتارىيە ئالىدىغانلار يوق دىسە مەن ئىشەنمەيمەن. شاپۇراخۇن بىلەن بۇغراغا ئوخشاش ئوغۇرلۇقچە ئىلىپ ، پۇلنى يالغۇز تاپىدىغانلار ئاز ئەمەس ھەقاچان.




ئەمدە مەن ئۆزۈمنىڭ شەخسەن ئويلىغانلىرىم بويىچە ، «پۇتبول لاتارىيىسى»نى قانداق ئوينىسا توغرا بولۇش توغرىسىدا بىرقانچە تۈر بويىچە سۆزلەپ باقاي.
(1) مۇتەخەسىسلەرگە زىيادە تايىنىۋالماسلىق :- «پۇتبول لاتارىيسى»نىڭ ئوموملىشىغا ئەگىشىپ ، تىلىۋىزور ، توربەت ۋە گىزىتلەردە كۆپلەپ «پۇتبول لاتارىيىسى» مۇتەخەسىسلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەۋسىيە پەرەزلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. «پۇتبول لاتارىيسى»تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى باسقۇچقا كەلگەندە ، مۇتەخەسىسلەر ۋە تەۋسىيەلىرى تەكلىماكاننىڭ قۇملىرىدەك كۆپىيىپ كەتتى. ھەرگىزمۇ بۇلارنىڭ ھەمىسى ئاساسى يوق دىگىنىم ئەمەس. لىكىن مۇشۇنداق مۇتەخەسىسلەر ۋە تەۋسىيەلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەمنىڭ كاللىسى ئايلىنىپ كىتىدۇ. بەزىدە ئاشۇ مۇتەخسىسلەرنىڭ ساماندەك تەۋسىيەلىرىنى كۆرۈپ ، ئۆزىمىزنىڭ بىر ئوبدان پەرەزلىرىمىزنى بۇزىمىز . بىر قىتىم دادام بىلەن ئىككىمىز مىڭ تەسلىكتە پۇتتۇرگەن پەرەزلىرىمىزنى ئەتىسى شەنبە كۈنى دادام cctv5 تىكى جاڭلۇ نىڭ ئىككى تەۋسىيەسى بىلەن ئۆزگەرتىپ نەچچە تۈمەن ئۇچۇپ كەتكەن . شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ پەرەزلىرىگىمۇ ئىشىنىپ قويۇش كىرەك . ئاشۇ مۇتەخسىسىلەرنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قارايدىغان بولساق ، ھەربىر مەيدانغا كۆرسەتكەن تەۋسىيە پەرەزلىرى ئاساسەن دىگىدەك قوش تاللاش . ئاشۇلارنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئالساق بىر كۈنى تەلىيىمىز كىلىپ 5مىلىيون چىقىپ قىلىشى مومكىن. ئەمما ئاشۇ 5مىلىيوننى ساقلىغىچە 10مىلىيون خەجلىنىپ كىتىشىمۇ مومكىن . ئەگەر شۇنىلغا ئوخشاش ھەربىر مەيدانغا جۇپىتىن،3تىن پەرەز بىرىدىغان ئىش بولسا،ئۆزۈمنى ماختىغىنىم ئەمەس مەنمۇ يامان مۇتەخەسىس بوپكىتىمەن... شۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە توغرا يولىدا پايدىلىنىش ، ھەرگىزمۇ زىيادە تايانچە قىلۋالماسلىقىمىز لازىم.
(2) مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش :- ئۈستىدە تىلىۋىزور ، توربەت ۋە گىزىتلەردىكى مۇتەخەسىسلەرگە زىيادە تايىنىۋالماسلىق توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۈم. ئۇنداقتا ئۇلار تەمىنلىگەن قانداق ئۇچۇرلار بىز ئۈچۈن پايدىلىق؟ مەن دىسەم ئۇلانىڭ قۇمدەك تەۋسىيە پەرەزلىرىنى يوققا چىقىرۋەتسەك بولىدۇ. بىز ئۈچۈن پايدىلىقى ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ شۇ پەسىلدىكى ساسھىپخان ۋە مىھمان مەيداندىكى نەتىجىسى (主场龙客场虫،،客场龙主场虫 دىگەندەك، تىپىك مىسال:مۇشۇ مەسىلدىكى acمىلان ۋە گىرمانىيەنىڭ 03\\04 پەسلىدىكى ئاجىز كوماندا مىنشىنغۇ دەيمەن ئىشنى قىلىپ مىنىڭ 2تۈمەن پۇلۇمنى ئۇچۇرۋەتكەن مەرەزنىڭ بىرسى)؛ ھەرقايسى كومادىلارنىڭ ئالدىدىكى ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش ئەگرى سىزىق سىنتاكسىكىسى(بۇنىڭ ئىچىدە يىقىنقى 3دىن 5 مەيدانغىچە بولغان ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش ئەخۋالىغا ئالاھىدە نەزەر تاشلىساق بولىدۇ)؛ كوماندا ئەزالىرىنىڭ بولۇپمۇ مۇداپىئە سىپىدىكى يادىرولۇق ئەزە ۋە ھۇجۇم تەشكىللىگۈچى يادىرولۇق ئەزانىڭ يىقىنقى ئىپادە كەيپىياتى ھەم ياردار بولۇش بولماسلىقى ؛ كوماندىلارنىڭ ياۋرۇپا چىمپىيولۇق لۇڭقىسى ياكى بىرلەشمە لوڭقىسى سەۋەبلىك، شۇ ھەپتىدە قوش مەيدان ياكى كۆپ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىش ئەخۋالى بار-يوقلۇقى ھەم كوماندىدىكى يادىرولۇق بولغان چەت نوپوسلۇق بولغان ئەزانىڭ، دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسى تۈپەيلى ئالدىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۇزۇن سەپەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئەخۋالنىڭ بار-يوقىقى ؛ يىقىندا تىرنىر ئالماشتۇرغان ئەخۋال بار-يوقلۇقى دىگەنلەرگە ئوخشاش، كوماندىلارنىڭ پايدىلىق ئۇچۇرلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسساق بولىدۇ. يەنە ئالاھىدە تىققەت قىپقويۇشقا تىگىشلىگى دىبىرى جىڭى. مەيلى ئىككى كومادىنىڭ ئەمىلى كۈچ جەھەتتە قانچىلىك پەرىق بولۇسۇن، بىر شەھەردىكى ئىككى كوماندا ياكى بىر بىرلەشمىدىكى ئىككى رەقىپ بولغان كوزور كوماندىلار ئارسىدىكى مۇسابىقا نەتىجىسىنى پەرەز قىلغاندا بىر تيەرەپنىڭ ئەمىلى كۈچۈگە ياكى يىقىنقى ئەخۋالىغا قاراپلا ئالدىراپ يەكۈن چىقارماسلىق كىرەك . يۇقىرىدا كۆرسەتكەن ئەخۋالارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تەڭ يۈزبىرىش ئھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە كوماندىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلساق بولىدۇ.
(3) 复式نى يىيىپ ئىلىش :- ھازىر مودا بولۇۋاتقان ھەم 复式غا كىتىدىغان پۇلنىڭ سوممىسىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدىغان ئۇسۇل. بۇ دىگەنلىك، ئالدىدا تەييارلاپ بولغان 复式 شەكلىدىكى پەرەزنى بىرمۇ-بىر 单式شەكلىگە ئاجىرتىپ يىيىپ، يىيىپ چىقىرىپ بولغان 单式لەر ئىچىدىن كىرەكسىزلىرىنى چىقىرۋىتىپ نادىرلىرىنى ساقلاپ قىلىش. مۇشۇنداق مەخسۇس يىيىپ بىرىدىغان دىتاللارمۇ بارغۇ دەيمەن. لىكىن مەن يەنىلا قولمۇ-قول ئاجىرتىپ يىيىشنى تەۋسىيە قىلىمەن(5مىلىيون ئۈچۈن ھورۇنلۇق قىلمىسىڭىزلا). ئىلىكتىرون مىڭىدىن ئادەم مىڭىگە ئىشەنگەن ئەۋزەل. بۇنى ئۆز ئىختىدارىڭىزغا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ.
★(4) لاتارىيە ئويناشنى بىردىنبىر پۇل تىپىش ۋاستىسى قىلۋالماسىق(ئۆزىمىزنىڭ ئەخۋالىغا بىقىپ پۇل خەجلەش) :- مىنىڭ ئۈستىدە قىلغان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى قۇرۇق گەپكە چىقىرۋەتسىڭىز مەيلى،لىكىن ھازىر قىلماقچى بولغان سۆزىمنى ئاڭلاپ قويۇشىڭىزنى« ئىغىر» تەۋسىيە قىلىمەن! ھەممىز پۇلغا ئامراق، پۇلىمىز قانچىكى كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. ھازىر لاتارىيە ئالغۇچىلاردا كۆرۈلۈۋاتقان بىرمەسىلە، ئاتالمىش 5مىليوننى دەپ ، ئۆزىنىڭ ئىختىسادى ئەخۋالىغا باقماي قارىغۇلارچە ھەر ھەپتە نەچچە يۈز يۆەن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولغان پۇلغا لاتارىيە سىتىۋىلىش. قانچە كۆپ سىتىۋالسا مۇكاپاتقا ئىرىشىش نىسبىتى شۇنچە يۇقۇرلايدۇ ، بۇ راست. لىكىن بىلۋىلىشقا تىگىشلىكى، مەيلى قانچىلىك سىتىۋالىلى پۇكاپات چىقىماسلىق نىسبىتى چىقىش نىسبىتىگە سىلىشتۇرغاندا مەڭگۈ يۇقۇرى بولىدۇ. ھازىر مۇكاپاتقا ئىرىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆپ سوممىدا 复式 ئالغانلار، بۇمۇ راست. ئەما ئاشۇ يۇقۇرى سوممىدا سىتىۋالىدىغانلار ئارىسىدا ، بۇرمۇنچە پۇل خەجلەپ ئاخىرىدا موچەنگىمۇ ئىرىشەلمەيدىغانلار يەنىلا ئاساسى كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم،لاتارىيە ئويناشنى بىردىنبىر پۇل تىپىش ۋاستىسى قىلىۋالماسلىق ۋەياكى بىردىنبىر تۇرمۇشنى ئوڭشاش ئارزۇسى قىلۋالماسلىقىمىز لازىم. مەنچە ئەڭ توغرا ھەم ئۇزۇن مۇددەت بەرداشلىق بىرەلەيدىغا ئۇسۇل، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئىختىسادى ئەخۋالىغا قاراپ ھەرقىتىملىق سىتىۋىلىش سوممىسىنى مەلۇم سانغا بەلگەپ ياخشى بولغان سىتىۋىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش. ئەگەر داۋاملىق كونا پەدە بويىچە قارىغۇلارچە پۇل خەجلەۋەرگەندە ، قىزىل رەقەمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئاخىرىدا لاتارىيەدىن زىرىكىدىغان ئەخۋال يۈزبىرىدۇ. مەن تەۋسىيەقىلىدىغىنىم ، ئادەتتە مۇقىم كىرىمى يوق ئوقۇغۇچىلار ھەرھەپتىدە لاتارىيىگە خەجلەيدىغان سوممىنى 10 يۆەندىن ئاشۇرۋەتمەسلىك ، ئاساسى نىشاننى «ئىختىيارى 9مەيدان»غا مەركەزلەشتۈرۈش ؛ مۇقىم كىرىمى بار ،ئايلىق كىرىمى 1000 يۆەندىن تۆۋەنلەر ھەرھەپتىدە لاتارىيىگە خەجلەيدىغان سوممىنى 50 يۆەندىن ئاشۇرۋەتمەسلىك. ئۆزىمىزنىڭ ئەخۋالىغا قاراپ 16،18،24،32،36،48يۆەنلىك 复式 نى 单式 غا يىيىپ ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئايلىق كىرىمى 2000يۆەن ئەتىراپىدىكىلەر ھەرھەپتىدە لاتارىيىگە خەجلەيدىغان سوممىنى 150 يۆەندىن ئاشۇرۋەتمەسلىك . ئۆزىمىزنىڭ ئەخۋالىغا قاراپ 54،64،72،81،96،108،128،144 يۆەلىك 复式 نى 单式 غا يىيىپ ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. قالغان يۇقۇرى كىرىمدىكىلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەخۋالى كۆتىرەلىگەن ئاساستا، ئۆزىگە مۇقىم بولغان قىممەت بەلگىلەپ ،شۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ سىتىۋالسا بولىدۇ. (ئەسكەرتىش: يۇقۇردا تەۋسىيە قىلغان سومما چىكىنى مەن چوقۇم شۇ 50كوي،150كويلۇق ئىلىڭلار دىگىنىم ئەمەس، پەقەت شۇ چوڭ ئىلىپ كۆنەپقىپ كۆپىرەك ئالاتتىم دەيدىغانلارغا نىسبەتەن سەمىمىيلىك بىلەن تەۋسىيە قىپبەگەن ئەڭ يۇقىرى چەك خالاس! )

(5) بىرنەچچەيلەن بىرلىشىپ ئويناش :- بۇمۇ ھازىر مودا بولىۋاتقان ئويناش ھەمدە مۇكاپاتنىڭ تەمىنى كۆپىرەك تىتىپ كىلىۋاتقان كولكتىپ. بۇنىڭ ياخشى تەرپىنى كۆپ سۆزلەپ ئوتۇرمىساممۇ پەرەز قىلىپ بىلىۋالالايسىلەر. شۇ ئاساسلىقى كوللىكتىپنىڭ كۈچىدە ، شەخسەن ئۆزى يالغۇز ئالغاندىكىدىن كۆپىرەك بولغان ساندا سىتىلىۋىپ ، مۇكاپات چىقىش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش. ئەلۋەتتە ماس ھالدا چىققان مۇكاپات پۇلىنى ، پاي قوشقان نىسبەتكە ئاساسەن كوللىكتىپ بۆلىشىۋالىدۇ. ئىشەنچىلىك مۇكاپات پۇلىنى تەقسىمات قىلىش كىلىشىمى تۈزگەن ئاساستا بۇمۇ ئۇزۇن ۋاقىت بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ئوبدان ئۇسۇل.
★(6) ساغلام بولغان لاتارىيە ئويناش پىسخىكىسى يىتىلدۈرۈش :- بۇمۇ دوستلارغا «ئىغىر» تەكىتلەيدىغان بىر قىسمى. ساغلام بولغان لاتارىيە ئويناش پىسخىكىسى دىگەنلىك ، قىسقىراق قىلىپ ئىيتقاندا ، لاتارىيەنىڭ نەتىجىسىنى ھەددىدىن زىيادە موھىم بىلىپ كەتمەسلىك كىرەك. مۇكاپات چىقسا خوش بولۇپ ئاسماننى بىشىڭىزغا كەيسىڭىزمەيلى . لىكىن مۇكاپات چىقمىغاندا ئۆزىمىزگە روھى بىسىم قىلىۋاساق بولمايدۇ. بۇ ئاساسلىقى قىزىل رەقەم بىرقەدەر كۆپچىقىدىغانلارنى قارتىلغان. لاتارىيە سىتىۋىلىش سوممىسىنى (4) مەزمۇندا ئىيتقانداق مۇۋاپىق تەڭشەپ ، ياخشى بولغان لاتارىيە ئويناش ئادىتى يىتىلدۈرسەك بولىدۇ. مۇكاپات چىقسا چىققانچە، چىقمىسا كۆڭەلگە ئەپكەتمەي چەكنى ئۇدۇللا ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتسەك بولىدۇ. ياۋرۇپادىكى مۇسابىقىلەر توختاپ قالمايدۇ. ھۆكىمەتمۇ بىرئوبدان پۇل تىپىۋاتقاندىكىن لاتارىيەنى توختىتىپ قويمايدۇ. 2يۆەن پۇل بولسالا پۇرسەت دىگەن كۆپقۇ...
يەنە بىر «ئىغىر» تەكىتلەيدىغىنىم ، لاتارىيە ئويناشتا ھەرگىزمۇ قىمار پىسخىكىسى بولمىسۇن. قىزىل رەقەم كۆپ كۆرۈلۈپ كىتىپ ، زىياننى قايتۇرۋالىمەن دەپ تىخىمۇ كۆپ قان-تەرى پۇللىرىنى سەپبىرىدىغانلار بولسا ، تىزراق لاتارىيە ئويناشنى توختىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. لاتارىيە ئويناشتا ساغلام بولغان پىسخىكا ناھايىتى موھىم. ساغلام بولغان لاتارىيە تونۇشى بىلەن لاتارىيە ئوينىغاندا مۇسابىقە كۆرگەندە قىزغىنلىقى تىخىمۇ يۇقۇرلاش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ قىلىشىڭىزمۇ مومكىن. ئەكسىچە بولغاندا، يەنىمۇ كۆپلىگەن قىزىل رەقەم بىلەن ئازاپ ئىلىپ كىلىدۇ خالاس.
(7) ئازىراق «قاپلانىڭ يۈرىكىنى يەپقۇيۇش» :- «پۇتبول لاتارىيسى»دە پەرەز قىلىش ھەممىدىن قىيىن ھەم مۇكاپات سوممىسى كۆپ چىقىدىغىنى 冷门 نەتىجە كۆرۈلگەن سان(冷门 : ھەممە ئادەمنىڭ ئويلىمىغان يىرىدىن چىققان نەتىجىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: بىرازىلىيە جۇڭگو كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتسە، مانا مۇشۇنى 冷门 دەيمىز). لاتارىيە ئوينايدىغانلار بىرقىتىم بولسىمۇ ئىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان 5مىلىيون مۇكاپات پۇلى مۇشۇ 冷门 سىز چىقمايدۇ. شۇڭا ھەرقىتىم لاتارىيە سىتىۋالغاندا بىرەر گورۇپقا بولسىمۇ ، يۈرەكنى قاپتەك تۇتۇپ تۇرۇپ بىر ياكى ئىككى مەيدان كۈچلۈك بىلەن ئاجىز كوماندا ئوتتۇرىدىكى مۇسابىقىگە كۈچلۈك كوماندا ئۇتتۇرۋىتىدىغان ياكى تەڭ بولىدىغان نەتىجە بوياپ قويۇش(بىرلا ۋاقىتتا 2خىل نەتىجە تولدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغىنىم ئەمەس.ئايرىم-ئايرىم دىمەكچى،پۇلىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن). بۇ پەقەتلا تەلەي سىناش تاكتىكىسى.
(8) 2يۆەنگە قىززىغان مۇسابىقە سىتىۋىلىڭ :-‹پۇتبول لاتارىيسى›ئويناشنىڭ ماڭا ئەڭ ياقىدىغان يىرى، مۇسابىقى كۆرۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئانچە قىززىمىغان مۇسابىقىنىمۇ قىززىتىپ بىرىدۇ. بىرلا مەيدان مۇسابىقە ئەمەس ، سىتىۋالغان لاتارىيەدە باربولغان باھارلىق مۇسابىقىگە تەڭ ئادەمنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، كەچتە مۇسابىقە كۆرىۋىتىپ مۈگۈدەپقالىدىغان ئىش بومايدۇ. ئادەتتە «پۇتبول لاتارىيسى» ئىلىش ئادىتى يوقلارغىمۇ ھەپتىدە2يۆەنگە «ئىختىيارى 9مەيدان» ئەپقويىشىنى تەۋسىيە قىىمەن. مۇسابىقە كۆرۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە يەنى مۇكاپاتقا ئىرىشىپ قىىشىڭىزمۇ مومكىن. بىر چاممىدا ئىككى پاقتك سوقۇش دىگەن ماناشۇ!
★(9) يۇقارقى تەۋسىيەلەرنىڭ ھەممىسى شەخسى كۆزقارشىم :- بۇ تىمىدا دوستلارغا تەۋسىيە قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى «پۇتبول لاتارىيىسى» ئوناش جەريانىدىكى شەخسى تەجىربىلىرىم ھەم شەخسى كۆزقاراشلىرىم. پەقەت ئۆزۈڭلارنىڭ ئەخۋالىغا ئاساسەن ،پايدىلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارىغان تەرەپلىرىنى توغرا ئۇسۇلدا پايدىلانساڭلار بولىدۇ. ھەممىسى ئۆزۈم بولۇپ قويىدۇ دەپ قارايدىغان تەجىربىلەر. ھەرگىزمۇ مۇشۇنداق ئالساڭلار چوقۇم مۇكاپات چىقىدۇ دىگىنىم ئەمەس.
ياردەم :- ئاۋۇ «جۇڭگو پۇتبول لاتارىيىسى» نىڭ بازارغا سىلىنغان ۋاختى ۋە شىنجاڭغا كىرگەن ۋاختى قايسىڭلارنىڭ ئىسىدە بار؟ شىنجاڭغا كىرگەن ۋاختى ئىسىمدە قىلىشچە توغرىغۇ دەيمەن،ئا «جۇڭگو پۇتبول لاتارىيىسى»نىڭ بازارغا سىلىنغان ۋاختى پەقەت يادىمدا قالماپتۇ. تىمىنى يوللاشتىن بۇرۇن، توربەتلەردىن ئاختۇرۇپمۇ تاپالمىدىم.
يەنە بىرسى ، مۇنبەردە مەنلا لاتارىيە ئويناپ باقمىغانغۇ دەيمەن. تىمىنى تىكىپ-ياماپ 9تۈر چىقىرۋاغىنىم بىلەن كەپ تەرەپلىرى ۋە ئۆزگەرتىدىغان تەرەپلىرى يەنە بار دەپ قارايمەن. قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى ئايىماڭلار ئەمسە!

--------------
يۇقارقى تىما پۇتبول كۇلۇبى ۋە ماڭا مەنسۇب! يۆتكىگۈچەر بولسا قارشى ئالىمەن. لىكى شەرت : ئەسلى يازمىنىڭ ئەسلى يازغۇچىسى ۋە ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ! ئالدىنقى قىتىم سەلكىندىكىدەك ، يازمىنىڭ پەش-چىكىت، ئىملا خاتالىقىنى قويماي ئەينەن كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ، كۆرگەن ئادەم ماختىسا تاتىنماي ماختاشلارنى قوبۇل قىلغاندىكىدەك ئەخۋالنى يەنە كۆرۈشنى خالىمايمەن. ئەسلى يازغۇچىنىڭ كىچىلەپ چىقارغان ئەجىرىنى ھۆرمەتلەپ قويايلى!


zarapxan  تەستىقلىدى
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ankar528 + 20 ئىجادىي يازما
zarapxan + 30
ئاتېللا + 30

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

خىيال...

Inter+R9

98

تېما

7

دوست

2594

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2491
يازمىسى: 2594
نادىر تېما: 7
ياۋرۇ: 52339
تۆھپە: 164
ۋاقتى: 599
h
ھالەت

ئىنتىر لۈكچىكى ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 00:03:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:===پۇتبول لاتارىيىسىنى توغرا ئوينايلى ===

يىڭى ئىسىم يارىشىپتىما....  
خىيال...

277

تېما

14

دوست

5892

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  146
يازمىسى: 5892
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 7556223
تۆھپە: 833
ۋاقتى: 2466
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى 3 - لىك لوڭقىسى مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 00:07:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:===پۇتبول لاتارىيىسىنى توغرا ئوينايلى ===

بەك توغرا گەپقىلىپسىز ،مەنمۇ ئانچە -مۇنچە ئېلىپ قوياتتىم ،لىكىن بىرەر قېتىممۇ مۇكاپات چىقىپ باقمىدى  [s:12] ،ھەر قېتىم 14دىن 10نى تاپالايدىكەنمەن  [s:1]
سىزنىڭ يۇقارقى ئۇسۇللىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ باقسام بولغۇدەك . [s:1]

277

تېما

14

دوست

5892

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  146
يازمىسى: 5892
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 7556223
تۆھپە: 833
ۋاقتى: 2466
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى 3 - لىك لوڭقىسى مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 00:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:===پۇتبول لاتارىيىسىنى توغرا ئوينايلى ===

1 - قەۋەتتىكى زەپەر نىڭ 2008-06-01 04:03 دە يوللىغان تېمىسى Re:===پۇتبول لاتارىيىسىنى توغرا ئوينايلى === نى نەقىل قىلدى:
يىڭى ئىسىم يارىشىپتىما.... 
بەك يارىشىپتۇ .
قانداق قىلغاندا ئىسىمنى مۇشۇنداق ئويغۇرچە چىقارغىلى بولىدۇ ؟ئۆگىتىپ قويمامسىز .[s:1]

Inter+R9

98

تېما

7

دوست

2594

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2491
يازمىسى: 2594
نادىر تېما: 7
ياۋرۇ: 52339
تۆھپە: 164
ۋاقتى: 599
h
ھالەت

ئىنتىر لۈكچىكى ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 00:23:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3 - قەۋەتتىكى sardar77 نىڭ 2008-06-02 00:09 دە يوللىغان تېمىسى Re:Re:===پۇتبول لاتارىيىسىنى توغرا ئوينايلى === نى نەقىل قىلدى:

بەك يارىشىپتۇ .
قانداق قىلغاندا ئىسىمنى مۇشۇنداق ئويغۇرچە چىقارغىلى بولىدۇ ؟ئۆگىتىپ قويمامسىز .[s:1]
يىڭى ئىسىمدا بىر id تىزىملىتىپ، ھازىرقى idرىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرىسىز..
نىجاتنى تاپالىسىڭىز قىپبىرىدۇ...

خىيال...

||ھۆكۈمران||

47

تېما

22

دوست

228

جۇغلانما

سەيياھ

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  1874
يازمىسى: 598
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 228
تۆھپە: 15094352
ۋاقتى: 229
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 01:13:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ لاتارىيەگە قىزىقمىساممۇ لىكىن پۇتبولغا ئائىت بولغاندىكىن ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىكەن.
بوپتۇ بىر قىتىم ئىلىپ باقاي(مۇكاپات چىقسا يىرىمى سىزنىڭ،چىقمىسا2يۇئەننى قايتۇر....*چاقچاق.
مىنىڭچە يۇقىردا سۆزلەنگەنلەر بولىدىغان ئۇسۇلكەن.لاتارىيە ئوينايدىغانلار زەپەرنى مىھمان قىلمىساڭلار بولمايدۇ.

مەن كەلدىم

329

تېما

0

دوست

4526

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7
يازمىسى: 4526
نادىر تېما: 5
ياۋرۇ: 10
تۆھپە: 123
ۋاقتى: 3710
h
ھالەت

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە مادرىد لۈكچىكى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 12:42:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە.

ئەمدى بىلىۋالدىم.... مېنىڭ كۆڭلىمدىكىنى بىلگەندەكلا   بۇ تېمىنى يوللاپسىز.....

ئەمسە مەن  لاتارىيە  ئويناشنى باشلىۋەتتىم  [s:12]

بۇلۇت ئاق ، ئاسم

12

تېما

9

دوست

1057

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  414
يازمىسى: 1057
نادىر تېما: 9
ياۋرۇ: 51448
تۆھپە: 11121124
ۋاقتى: 2017
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 12:58:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
16،18،24،27،32،36،48يۆەنلىك 复式 نى 单式 غا يىيىپ ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
=========================================================
ئاۋۇنى خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ يە  ،،راستىنلا 27 يۈەنلىك( ماۋۇ تاق سانكەن) ئىلىش ئۇسۇلى بارمۇ؟
پەقەت قىلىچلا ئەڭ ئادىل!

Inter+R9

98

تېما

7

دوست

2594

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2491
يازمىسى: 2594
نادىر تېما: 7
ياۋرۇ: 52339
تۆھپە: 164
ۋاقتى: 599
h
ھالەت

ئىنتىر لۈكچىكى ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 13:00:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك كىركەتمەيرەك ئويناسىلە ھە ...
ما  كىيىنچە  موكاپات چىقىپ قالسا  مىھمان قىلمىساڭلا بولمايدىجىما...!
خىيال...

Inter+R9

98

تېما

7

دوست

2594

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2491
يازمىسى: 2594
نادىر تېما: 7
ياۋرۇ: 52339
تۆھپە: 164
ۋاقتى: 599
h
ھالەت

ئىنتىر لۈكچىكى ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 13:32:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9 - قەۋەتتىكى porli نىڭ 2008-06-02 12:58 دە يوللىغان تېمىسى نى نەقىل قىلدى:
16،18،24،27،32،36،48يۆەنلىك 复式 نى 单式 غا يىيىپ ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
=========================================================
ئاۋۇنى خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ يە  ،،راستىنلا 27 يۈەنلىك( ماۋۇ تاق سانكەن) ئىلىش ئۇسۇلى بارمۇ؟

ھوي ھوي!
ئا جەدىۋەلگىلا قايلاپ كەچتە مۈگۈدۈچۈلىكتە 27 注数نى كىرگۈزۈپ قويۇپتىمەن...
تۈزۈتۈپ قوياي....
تىمامنى تەپسىلى ئوقۇغىنىڭىزدىن خوش بولۇۋاتىمەن
خىيال...

داۋاملىق ئالغا م

110

تېما

11

دوست

7673

جۇغلانما

كوماندا باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  633
يازمىسى: 7673
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 50036
تۆھپە: 137
ۋاقتى: 1807
h
ھالەت

مىلان لۈكچىكى 3 - لىك لوڭقىسى

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 16:33:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەنمۇ بۇرۇن خىلى ئويناپ قوياتتىم. بىر قىتىم 3-دەرجىلىك مۇكاپات چىققاندىن باشقا بىرقىتىممۇ مۇكاپات چىقىپ باقمىدى. كىيىن 3-دەرجىلىك مۇكاپاتنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن باشلاپ ئوينىماسلا بولدۇم بۇ ئويۇننى.
پۇتبولچىلىقنى پۇتبولچىلارلا راۋاجلاندۇرالمايدۇ!

Inter+R9

98

تېما

7

دوست

2594

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  2491
يازمىسى: 2594
نادىر تېما: 7
ياۋرۇ: 52339
تۆھپە: 164
ۋاقتى: 599
h
ھالەت

ئىنتىر لۈكچىكى ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-2 22:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويناپ باققانلار مەنلا بولمىغاندىكىن ... ئۆزەڭلارنىڭ تەجىربىلىرىڭنىمۇ سۆزلەپ باقمامسىلەر...
چۆكىپلا كىتىپتۇ ما تىما......
خىيال...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )