akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 15395|ئىنكاس: 50

ئۆزىمىزنىڭ توپچىلىرى!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
5.31 -كۇنى شىنجاڭ كوماندىمىز  ب دەرىجىلىكلەرنىڭ 4- ئايلانما مۇسابىقىسىدە شېنياڭ 炮兵学院 دە ساھىپخان كوماندا بىلەن 1:1 تەڭلەشتى . مۇسابىقىگە جوڭگۇ تىببي ئۇنۋىرسىتى ،شەرقىي شىمال ئۇنۋىرسىتى ،شېنياڭ قۇرۇلۇش ئۇنۋىرسىتى ، لىياۋنىڭ ئۇنۋىرسىتى قاتارلىق مەكتەپلەر ھەم شېنياڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداش ئاكا ھەدىلىرىمىزدىن بولۇپ 150گە يېقىن شىنجاڭ توپ مەستانىسى بېرىپ ھۇررا سادالىرىنى ياڭرىتىپ مەدەت بەردى .(مەن بەك توۋلىۋىتىپ 2 كۇن بولدى ئاۋازىم چىقمايۋاتىدۇ ) .شېنياڭ كوماندىسىدىن 300 دەك مەستانىلىرى ھەم مۇشۇ مەكتەپتىكى 200 دەك ھەربىي دۇمباقلىرىنى ياڭرىتىپ مەدەت بەردى ،بىزنىڭ ئاۋازىمىزمۇ بوش ئەمەس ئەلۋەتتە .
توۋەندىكىلەر مۇسابىقە رەسىملىرى:  ئاق كىيىم ،قىزىل كۇسار بىزنىڭ كوماندىمىز ، كۆك رەڭلىكى شېنيەڭ كوماندىسى .

مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا






باشلاندى .




مۇسابىقە باشلىنىپ 2 مىنۇت بولغاندىلا بىر ئىختىيارى توپقا ئېرىشتۇق ، قالايمىقانچىلىقتا كوماندىمىز بىر توپ كىرگۇزدى . مەنمۇ قانداق كىرگىنىنى كۆرەلمەيلا قالدىم .



توپ كىرگەن پەيت .




ئۇلار قايتىدىن توپ باشلىدى .




مۇسابىقە كەسكىن داۋاملاشماقتا .توپ كىرگۇزگەندىن كېيىن كوماندىمىز روھلىنىپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇلارنى بېسىپ ئوينىدى .







ئۇلارنى قوپال ھەرىكەتلىرى ،كەينىدىن پۇتلاشلىرى. رىپىر نىڭ كارتىسى يوقاپ كەتكەن چېغىۋا ،كەينىدىن پۇت سالسىمۇ ھېچقانداق كارتا بېرىلمىدى . توپچىمىز يارىلاندى .






قاراڭلار ! بۇ ھەربىي مەكتەپنىڭ زەمبىرەكلىرى بىزگە قارىتىقلىق ، مەيداندا يەنە 30  دەك ھەربىي  ئامانلىق قوغداشقا مەسئۇل . توپچىلىرىمىزنىڭ زەمبىرەكتەك توپلىرى ئۇلارنىڭ تۆمۈر زەمبىرەكلىرىنى خىجىل قىپقويدى  بولغاي .








مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇتتىن كېيىن كوماندىمىز ئاساسەن مۇداپىئە ھالەتكە چۇشۇپ قالدى . ئۇلار ساھىپخان ئەمەسمۇ ، مۇداپىئە قايتۇرما ھۇجۇم ئۇسۇلى ئەڭ مۇۋاپىق . شېنياڭ كوماندىسى بۇ يىل قۇرۇلغان بولۇپ بۇرۇنقى شېنياڭ جىندې (جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىدىكى ) كوماندىسىنى چاڭشاغا يۆتكەپ كەتكەچكە ،بۇ كوماندا ھازىر شېنياڭدىكى بىردىنبىر كەسپىي كوماندا بوپ قالدى .شېنياڭلىقلار بۇ كوماندىغا  نۇرغۇن كۇچ سەرپ قىلدى ،تۇنجى يىلىلا ئا دەرىجىگە ئەپچىقىش خىيالىدا بولىۋاتىدۇ .يولداشلارمۇ بۇ كوماندىنى بۇ يىل شىمالىي رايوندىكى ئەڭ كۇچلۇك كوماندا دەپ قاراۋاتىدۇ .












قاراڭ ئاۋۇ كەينىدىن پۇت سېلىشقا مۇشۇنىڭغىمۇ كارتا يوق ، سېرىق كارتمۇ بەرمىدى دېسە .



قايتۇرما ھۇجۇم .







شېنياڭ توپ مەستانىلىرى ۋە داقا دۇمباقلىرى . مەيداننى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ھەربىيلەرنى كۆردۇڭلارمۇ ؟





چىرايلىق پاس .



بىزنىڭ توپچىلىرىمىز ئۇلارغا تېگىپلا كەتسە پۇشتەك چېلىنىدۇ ،ئۇلارغا سۇركىلىپ قويسىمۇ قائىدىگە خىلاپ بىراق ئۇلار كوماندىمىزدىكى بىر ماھىرنىڭ يۇزىگە كەينىدىن تېپىۋەتتى . شۇنىڭغىمۇ ھېچقانداق كارتا بىرىلمىدى .ئۇ كۆرۇنۇشنى تارتىشقا ئۇلگىرەلمەپتۇق .








37 مىنۇت بولغاندا ئۇلار بىر توپ كىرگۇزۇپ تەڭلىشىۋالدى . باشتا بىرى تەپتى ،كوماندىمىزدىكى بىر بېك تەرىپىدىن توسىۋىلىندى .كەينىدىن يەنە بىرى تولۇقلاپ سېلىۋالدى .بىردە بىر بولدى .





كوماندىمىزنىڭ قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتتى .



يېرىم مەيدان مۇسابىقە بىردە بىر ئاياقلاشتى .


دەم ئېلىش ۋاقتىدا كوماندىمىزنىڭ زاپاس ئەزالىرى بەدەن قىزىتقاچ، ياندىن زاپاس ۋاراتار چىقىرىپ بەرگەن توپلارنى  بىر قانچە داۋگۇڭلارنى ئېتىپ كىرگۇزدى .ھەم  تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش ساداسىنى ياڭرىتىۋەتتى .










كېيىنكى يېرىم مەيداندا ھەربىيلەر بەنزا ئالماشتى ، بىر تۇركۇملىرى چىقىپ كېتىپ يەنە بىر تۇركۇملىرى مەدەتكە كەلدى .ھېرىپ كەتكەن چېغىۋا ، دۇمباق چالسىمۇ دۇ دەيمەن ،ھې ھې ...



كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلاندى ، توپچىلىرىمىز مەيدانغا كىردى .


سۈر ھەيۋىسىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ .



بىزنىڭ بۇ زۇليار ئىسىملىك ۋاراتارىمىزغا مەن قول قويدۇم جۇمۇ . بۇ مەيداندىن توپ باشلىسا ئۇ مەيداندىكى ۋاراتارنىڭ قولىغا چۇشۇرەلەيدىكەن .




ۋاراتارىمىز چاققان بولغاچ قارشى تەرەپنىڭ بىر خەتەرلىك ھۇجۇمىنى تارمار قىلدى .



ئاۋۇ يولداشنىڭ قورقۇپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۇڭ .


بېكلىرىمىز مۇداپىئەدە .كېيىنكى يېرىم مەيداندىمۇ يەنىلا مۇداپىئە ئاساس قىلىپ ئوينالدى .


قاراڭ يەنە كەينىدىن تەپتى ،يەنە كارتا يوق . توپنى ئالالمىسا ئۇششۇقلۇق قىپ ئادەم تېپ باقىدىكەن دېسە !


[img]
?imgmax=640[/img]


يەنە بىر ئېغىر قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت. يەنە كارتا يوق .ئۇلار ئېرىشكەن بىردىنبىر سېرىق كارتا  ئالدىنقى مەيداندا ، 7- نومۇرلۇق بارى تېزلىكتە قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەپ يۇقىرى سۇرئەتتە توپ ئېلىپ كېتىپ بارغاندا ،كەينىدىن پۇت سېلىپ يىقىتىۋەتكەندە ، 150 تاماشىبىننىڭ ۋارقىراش سادالىرى ئىچىدە ئاران بىر سېرىق كارتا چىقاردى . بۇنداق پۇت سالغانغا مەن قىزىل كارتا بەرمىگەننى تۇنجى قېتىم كۆردۇم .







ئەپسۇس ،  بارى تەپكەن ئىختىيارى توپ تۇۋرۇككە سۇركىشىپ چىقىپ كەتتى .



يەنە بىر ئادىمىمىز تېپىپ يارىلاندۇرۇلدى .





  ئۇلار خەتەرلىك يەردىن يەنە بىر ئىختىيارى توپقا ئېرىشتى .




9- نومۇرلۇق ماھىر يەھيا ئۇسۇپ چىقىرىۋەتتى .بۇلۇڭ توپ !




ئادەم تىپىش داۋاملاشماقتا ، بىزنىڭ توپچىلىرىمىزغا ئورۇنسىز سەۋەپلەر بىلەن 3 قېتىم سېرىق كارتا بەرگەن رىپىر ئۇلار تەپكەندە كۆزىنى يۇمۇۋالغان ئوخشايدۇ .

[img]
?imgmax=640[/img]

ھاۋا نەم ،سىم سىم يامغۇرلۇق بولغاچقا ،ۋاراتارىمىزنىڭ پېيى تارتىشىپ قالدى ،رىپىر پۇشتەكنى خېلى كېچىكىپ ئاندىن چالدى ، شېنياڭ مەستانىلىرىنىڭ ۋارقىراشلىرى مەيداننى بىر ئالدى .



مۇنداق پۇتقا تەپكەننى كۆرگەنمۇ يە !!!ئۇلار توپ ئەمەس پۇت تېپىپ ئوينايدىكەن ئەمەسمۇ .



مۇسابىقە داۋاملاشماقتا .80 مىنۇت بولغاندا 10- نومۇرلۇق ھۇجۇمچىمىز 19- نومۇرلۇق ھۇجۇمچى بىلەن ئالمىشپ مەيدانغا چىقتى ،ھەم بەش مىنۇت ئۆتمەيلا ، ۋاراتار ئالدىدا بىر چىرايلىق داۋگۇڭ ئېتىپ ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى .ئەپسۇس ، بۇ توپ كىرمەي قالدى ، ئۇنىڭدەك داۋگۇڭنى خەلقىرىئالىق مۇسابىقىلەردىمۇ كۆرۇش تەس ! مېنىڭچە پۇتۇن مەيداندىكى ئەڭ پېچەت كۆرۇنۇش مۇشۇ داۋگۇڭ ، بىراق ئۇنى تارتىشقا ئۇلگىرەلمەپتۇق .


18 چەك سىزىقى ئالدىدىن ئۇلارغا بىر ئىختىيارى توپ بېرىلدى .خەتەرلىك !!! مەنغۇ قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت كۆرمىگەن ، ئاۋۇنىڭ يېتىۋېىلىشىنى كۆرۇڭ . نۇقتا توپ بىرەرمىكىن دەپ ، ئالدىغا تۆت بەش قەدەم يۇگۇرۇپ ، ئاندىن يىقىلدى . بىراق مەقسىتىگە يېتەلمىدى دە . مەن بولغان بولسام يالغان يىقىلدىڭ دەپ سېرىق كارتا بىرەتتىم .







تەپكەن توپى ئۇچۇپ كەتتى .





يەنە بىر توپ ۋاراتارىمىز تەرىپىدىن تارمار قىلىندى .قوشۇپ بىرىلگەن 3 مىنۇت  توشقىلى نەۋاق . قارىغاندا بۇلار 100 مىنۇت ئوينايدىغان ئوخشايدۇ .





مۇسابىقە توشتى . ھاياجان ئىلكىدە 90 مىنۇت بەكلا تىز ئۆتۇپ كەتتى . توپچىلىرىمىز قېرىنداشلىرىغا سالام بېرىپ ، رەھمىتىنى بىلدۇردى ،ھاردۇقىمىز مۇشۇ سالام بىلەن چىقتى .







بىزنىڭ يەنىلا كەتكۇمىز يوق .



ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ قايتقىچە تاماشىبىنلار ھەممىسى بار ،ھەممەيلەن يۇرتىمىز ئۇچۇن كۇرەش قىلىۋاتقان مۇش ئەزىمەتلەرنى يېقىندىن بىر كۆرىۋېلىش ،ھەم بولسا سالاملىشىۋېلىش ئىستىكىدە . ئۇلارنى ساقلاۋاتاتتى. بىراق ھەربىيلەر بىزنى ماشىنىغا يېقىنلاشتۇرمىدى . بىزنىڭ ئالقىش ياشا سادالىرىمىز ئاستىدا ئۇلار بۇ ھەربىر مەكتەپتىن ئايرىلدى ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى مۇسابىقىلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمىز .
رەسىم بىلەن تەمىنلىگۇچى ئالىمجان غا چىن كۆڭلۇمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .


كوماندىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپ شەكلى :


22 .زۇليار
24. نۇر ئەخمەت     14 دوڭۋېي   2 چىنخاۋ     5 مېڭ فەنيەن
16  لى ياڭ     9 يەھيا
7 بارى   11 دىلمۇرات   8  چىن جىيې
19  تاھىر ( 10 پەرھات )

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +90 يىغىش سەۋەبى
zarapxan + 20 نادىر يازما
ruslan007 + 20 نادىر يازما
ئاتېللا + 50

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-6-2 00:17:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا  جۇڭگو گۇمپىللىرىنى كۆرۈپ ھىچنىمە دىگۈم كەلمەيۋاتىدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-6-2 00:18:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن -كۆپ رەخمەت سىزگە .بۇ تېمىنى يوللاپ بەك ياخشى قىلىپسىز ،ئۇلارغا ئامەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-6-2 01:07:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قائىدىسىز ئوينايدىغان كوماندىلار ئا دەرىجىلىككە چىقسا،ھەي جۇڭگۇ پۇتبولىنىڭ كەلگۈسى........
بولدى.ئارتۇقچە سۆزلىمەي. شىنجاڭ كوماندىسى ئالغا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-6-2 01:22:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kuman di miz nig ki mi oz gi rip ki tip tu hu
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-6-2 05:37:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-6-2 07:14:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىسام مەدەتچىلىرىمىزنى ئۇيغۇرچە ۋارقىرىغىلى قويماپتىغۇ ؟ ... شۇنداق قىلغىنىغا ئۈرۈمچىگە كەلگەندە مانا ئەمىسە دەپ تازا ۋارقىراپ قۇلاقلىرىدىن يىرىڭ چىقىرىۋەتمىسەك ... خەپ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-6-2 10:40:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار ما تىمىنى جەۋھەرلىمسەك تازا ياخشى بولىمىغدەك جۇما ھەقىقەتەن ئىسل تىما بۇپتۇ
شىنجاڭدا ئۇتكۇزۇلگەن مۇسابىقىدىمۇ مۇنداق ياخشى رەسملەر تارتلىمىغانغۇ دەيمەن ،ھەقىقەتەن ئىسل تىما بۇپتۇ ، ئۇقۇپ بولىغىچە ھاياجاندا مانا ھازىرىمۇ قۇلۇم كۇنۇپكا تاختىسغا تىگىشى بىلەن تىترەپ خەتمۇ باسالمايۋاتىمەن ،
رەھمەت سىزگە رەھمەت رەسىم بىلەن تەمىنلىگەن تۇرداشقا ، رەھمەت ،
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىما ھەقىقەتەن جەۋھەرلەشكە تىگىشلىك تىما بۇپتۇ ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-6-2 10:55:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كۇنلەردە قىماردا ئۇتتۇرۇپ مالىيەدىن قىزىل رەقەم كۇرۇلگەن بولسىمۇ   [s:14]  [s:14]  [s:14]
سىزنىڭ مۇشۇ تىمىنى يوللىغانلىقىڭز ئۇچۇن ماددى جەھەتتە مۇكاپات بىرەلمىسەممۇ مۇنبەر پۇلىدىن مىڭ سوم چىقىرىپ مۇكاپاتلاش قارارىغا كەلدىم
يارايسلەر  شىنجاڭ  كوماندىسىدىكى ئويغۇر ئەزىمەتلەر ياراسىلەر شىنياڭدىكى ئويغۇر سىتودىنتلار ،
بولسا ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلغىنغا شىنجاڭغا كىلپ ئوينىغان ۋاقىتدا تازا 0دە مانچە نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ ئۇلارنىڭ مىجىقىنى چىقىرىۋتڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-6-2 12:20:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8 - قەۋەتتىكى muallim نىڭ 2008-06-02 10:55 دە يوللىغان تېمىسى  نى نەقىل قىلدى:
مۇشۇ كۇنلەردە قىماردا ئۇتتۇرۇپ مالىيەدىن قىزىل رەقەم كۇرۇلگەن بولسىمۇ   [s:14]  [s:14]  [s:14]
سىزنىڭ مۇشۇ تىمىنى يوللىغانلىقىڭز ئۇچۇن ماددى جەھەتتە مۇكاپات بىرەلمىسەممۇ مۇنبەر پۇلىدىن مىڭ سوم چىقىرىپ مۇكاپاتلاش قارارىغا كەلدىم
يارايسلەر  شىنجاڭ  كوماندىسىدىكى ئويغۇر ئەزىمەتلەر ياراسىلەر شىنياڭدىكى ئويغۇر سىتودىنتلار ،
بولسا ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلغىنغا شىنجاڭغا كىلپ ئوينىغان ۋاقىتدا تازا 0دە مانچە نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ ئۇلارنىڭ مىجىقىنى چىقىرىۋتڭلار

مىڭ سوم يوللاپ بېرىپسىزغۇ ؟؟ بەكلا كايىپسىز جۇمۇ !! رەھمەت دەپ ئالغاچ تۇراي ،مۇنبەرگە يېڭى بولغاچقا پۇلۇم بەك ئازتى ، ھې ھې .... كېيىنچە جىقراق پۇل تاپسام سىزنىمۇ مۇپاكاتلايمەن !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-6-2 12:26:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا مۇكاپاتقا لايىق تىما بۇلۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-6-2 13:35:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ياخشى تىما يوللاپسىز جۇمۇ ~~!  ئەگەر بۇقىتىممۇ شاڭخەي دۇڭيا دىگەن بىرنىمىلەر يەنە بولۇپ بىزنىڭ كوماندا شاڭخەيگە كەلگەن بولسا مەكتەپدىكى بارلىڭ بالىلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ مەدەت بولاتتىم~~
ھەي ئىست ئەمدى شاڭخەيدە ئوينايدىغان مۇسابىقە يوقتە~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 14:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش