ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 255 |
جۇغلانمىسى: 456 |
تۆھپىسى: سەر |
|

ئارسىنال كۇلۇبى ھېنرىنىڭ يۆتكىلىش ئىشىدا بارسىلونا كۇلۇبى بىلەن بىردەكلىككە كىلىپ بولغانلىقىنى ، ھېنرى بەدەن تەكشۈرتۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىن بارلىق توختام ھۆججەتلىرى كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ تور بىكىتىدە ئىلان قىلدى .
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارسىلونا تەرەپمۇ ماكا تىلىۋىزىيە ئىستانىسى ئارقىلىق مۇنداق خەۋەر بەردى : ئارسىنال بىلەن بولغان كىلىشىمدە بىز ناھايىتى خۇشال ، ھەممە ئىشلار دۈشەنبە كۈنى ئاياقلىشىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇنى ھىنرى ئۆزىمۇ بىلىدۇ .
ھېنرىنىڭ يكتكىلىش ھەققى 24 مىلىيون ياۋرۇ ، مۇددىتى 4 يىل .
ھېنرى بۇنىڭدىن بۇرۇن فىرانسىيە كۇماندىسىنىڭ بىر مۇخپىرىغا مۇنداق دىگەن : مەن يەنە چۇقۇم دۈشەنبە كۈنى بەدەن تەكشۈرتۈشنى قۇبۇل قىلىشىم كىرەك ، مەن بارسىلونانى تاللاپ بولدۇم ، ئەمدى 4 پەسىلنى شۇ يەردە ئۆتكۈزىمەن .
بارسىلونانى تاللىشىمدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ توپ تىپىشى ئۆزگىچە ، ئۇلارنىڭ شانلىق تارىخى بار .
ئارسىنالدىن ئايرىلىپ ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن ، مەن ئەسلىدە بىر ئۆمۈر مۇشۇ يەردە توپ تىپىرمەنمىكىن دىگەن ، مىنىڭ ھازىرقىدەك بۇلۇشنى كۆرگۈم يوق ئىدى ، بىراق مەن ئاللىبۇرۇن يېڭىچە بىر دۇنياغا بىېىشقا تەييارلىق قىلىپ بولدۇم .
ھېنرىنىڭ ئاشكارلىشىچە ئارسىنالدىن كىتىشتىكى ئاساسلىق سەۋەب ، تېرنىر ۋېنگېنىڭ كىيىنكى توىتام ئىشلىرىدا بىر قارارغا كىلىپ بولالمىغانلىقى ئىكەن . ھېنرىنىڭ توختام ۋاقتى 2008 - يىلى توشاتتى ، ۋېنگى ئارسىنالدىن كەتسە ھېنرى ئەلۋەتتە بۇنى قۇبۇل قىلىپ بۇلالماسلىقى مۇمكىن . |
|