پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1610|ئىنكاس: 9

مانابۇ------پۇتبول

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

58

تېما

1

دوست

701

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  202
يازمىسى: 700
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 10050785
تۆھپە: 100
ۋاقتى: 227
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2007-6-22 23:16:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول بەلكىم دۇنيادىكى سېھرىي كۈچى ئەڭ زور تەنھەرىكەت بولسا كېرەك . دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈدىغان پۇتبول تاماشىبىنلىرىنىڭ سانى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ ؛ بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت كاتتىۋاشلىرى سىياسىي بىلەن كارى بولماي ، پۇتبول كۆرگىلى دۆلىتىدىن ئايرىلىدۇ ؛ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم يىغىنلىرى ئوتتۇرىدا توختىتىلىدۇ ؛ مىنىستىرلار يىغىن مەيدانىدا خاتىرجەم ھالدا تېلېۋىزور كۆرۈشىدۇ ؛ ھەتتا بىرازىلىيىدەك پۇتبول دۆلەتلىرىدە ئورگانلار بىردەك ئىش بېجىرمەيدۇ ، مەكتەپلەر دەرس توختىتىدۇ ، مۇسابىقىنى كۆرمىگەنلەر خىزمەت ۋە دەرس تاشلىغانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ، ئۆز كوماندىسىغا پايدىلانغىلى بولغىدەك پىكىر بېرەلىگەنلەر بىردەك مۇكاپاتلىنىدۇ ؛ ماجرا رايونلىرىدا ھېچقانداق زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرمەيدۇ ، ئىككى تەرەپ ئىختىيارىي ھالدا ئۇرۇش توختىتىدۇ ؛ ئاتاكىدىكى جەڭچىلەر تېلېۋىزور سىمىنى تانكا ياكى قورال ماشىنىلىرىنىڭ توك ساندۇقلىرىغا ئۇلاپ قويۇپ ، بەھوزۇر توپ كۆرۈشىدۇ ..............

               پۇتبول نېمە ئۈچۈن شۇنداق سىرلىق جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ؟ نۇرغۇن پىسىخولوگىيە ۋە تەنتەربىيە ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارىماقتا : پۇتبول كىشىلەرنىڭ شادلىق ئىزدەش ۋە تەسىرلىنىشىگە بولغان تۈپ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ . پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككى تەرەپنىڭ تالىشىدىغىنى تېرىدىن ياسالغان يۇمۇلاق نەرسە بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى نۇرغۇن مەنپەئەت خاراكتېرلىك تالىشىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىر خىل تەقلىدى ۋە كىچىكلىتىلىشى بولۇپ ، ئۇ شادلىققا ، ئىجادىيلىققا ، كۈرەشچانلىققا تولغان سېھرىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ئويۇن . دۇنيادا باشقا تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ .

           پۇتبول مۇسابىقىسى يەنە بىر خىل قايناق ھېسسىيات گۈزەللىكىگە ئىگە . پۇتبولچى يۈگۈرەۋاتقان چاغدا سۈرئىتى يۈز مېتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكىدەك يۇقىرى بولىدۇ . سەكرىگەندە ئىگىزگە سەكرەش ماھىرلىرىدەك بوشلۇقتا تۇرىدۇ . سوقۇلۇشقاندا زەيتۇن توپ ۋە مۇز توپ مۇسابىقىسىدىكى كۈچ ۋە سوقۇلۇشنى كۆرگىلى بولىدۇ . ھەممە پۇتبول چولپانلىرىنىڭ روشەن خاس ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن كۈچى ، زېھنى بىلەن ھاۋادا توپ ئۈسىدىغان ، بوشلۇقتا توپ تېپىدىغان غالىبانە ، جەلىپكار ھەرىكەتلىرى توپ مەستانىلىرىغا تېخىمۇ زور شادلىق ئېلىپ كېلىدۇ .

            پۇتبول تاماشىبىنلارنىڭ ئادالەتنى ياقلاش ئارزۇسىنى قاندۇرىدۇ . ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەتراپىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى چۈشىنىشنى ئىزدەيدۇ . كىشىلەرنىڭ ئادالەتنى ياقلاش ئىقتىدارى قىزىقىشىنى ، ئويلىنىشىنى ، بىلىش ئىستىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ . دەرۋەقە ، كىشىلىك رىقابەت تولىمۇ كۈچلۈك ، بەزىدە ناھەقچىلىقمۇ بولۇپ قالىدۇ . ئەمما ، پۇتبول بىر خىل ساپ ھەم گۈزەل بولغان ئادىل رىقابەت ، ئەزالار ھەممىسى ئاڭلىق ھالدا قائىدىگە رېئايە قىلىدۇ . تالىشىش توپقىلا قارىتىلغان بولۇپ ، ھەرگىزمۇ ئادەمگە قارىتىلغان ئەمەس . شۇڭا ، تۇرمۇشتا دائىم ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچراپ تۇرىدىغان تاماشىبىنلار پۇتبول مۇسابىقىسىدىن ئۆزلىرى ئىزدەۋاتقان تەسىرلىك تۇيغۇنى تاپالايدۇ .

         پۇتبول مۇسابىقىسى يەنە بىر خىل مۇشەققەت گۈزەللىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ ، پۇتبولچىلار پەقەت پۇتى بىلەنلا ئوينايدىغان توپ بولۇپ ، بۇمۇ بىر قىيىنچىقتۇر . ۋاراتارغا توپ ئۇرغاندا 10 نىڭ 8 - 9 ئى قۇرۇق كېتىدۇ . بەزىدە ئىككى تەرەپ 90 مىنۇت ئېلىشىپمۇ نەتىجە يەنىلا 0 : 0 بىلەن تاماملىنىدۇ . بۇ خىل مۇشەققەتلىك توپ كىرگۈزۈش مۇساپىسى ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم تەسىرلىك بولغان گۈزەل تۇيغۇ بېرىدۇ ، ئۇ كىشىلىك ھاياتتىكى مۇشەققەتلىك مۇساپىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
پۇتبولنى سۆيىمەن!!!

27

تېما

0

دوست

110

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  4
يازمىسى: 110
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 50237
تۆھپە: 432528
ۋاقتى: 296
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2007-6-22 23:45:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما!

2

تېما

0

دوست

287

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  52
يازمىسى: 374
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050287
تۆھپە: 100
ۋاقتى: 91
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2007-6-23 13:59:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا  ئىسىل  تېما  بولۇپتۇ   يەنە  يوللاتۇرارسىز................................
http://putbol.cn/   

خانلىق مادرىد  

4

تېما

4

دوست

500

جۇغلانما

ھەۋەسكار پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  233
يازمىسى: 500
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050412
تۆھپە: 108
ۋاقتى: 265
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2007-6-23 20:51:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رخمەت سىزگە!!1

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  329
يازمىسى: 9
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 0
تۆھپە: 0
ۋاقتى: 1
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2007-6-24 12:48:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتپول  بىلەن  كىشلىك ھايات  ئۇخشاش  موشاققەتلىك

ئالۋاستى روھى

177

تېما

3

دوست

3172

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  16
يازمىسى: 3172
نادىر تېما: 11
ياۋرۇ: 1049955
تۆھپە: 501
ۋاقتى: 572
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە مانچىستىر لۈكچىكى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى پۇتبول ئەپەندىسى ئالتۇن پۇت

يوللىغان ۋاقتى 2007-6-24 14:10:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما !!  رەھمەت سىزگە !!
     

0

تېما

0

دوست

46

جۇغلانما

تاماشىبىن

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  339
يازمىسى: 21
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 0
تۆھپە: 0
ۋاقتى: 2
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2007-6-24 21:02:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە يوللاتۇرارسىز................................

تۆمۈر دوسىت !

502

تېما

4

دوست

6000

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  132
يازمىسى: 6000
نادىر تېما: 32
ياۋرۇ: 58658
تۆھپە: 53147229
ۋاقتى: 858
h
ھالەت

ئالاھىدە تۆھپە تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2007-7-13 20:25:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىز بەك مەنىلىك ئىكەن!~!!~!~!
تالىشە ، قاچانغىچە مۇشۇنداق بىر -بىرىسىڭنى قان قىلارسەن ؟؟

apandi

84

تېما

1

دوست

2373

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  290
يازمىسى: 2372
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 13
تۆھپە: 24
ۋاقتى: 978
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2007-7-15 12:59:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

11

تېما

0

دوست

955

جۇغلانما

كەسپىي پۇتبولچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  370
يازمىسى: 955
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 10050984
تۆھپە: 159
ۋاقتى: 80
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2007-7-15 14:15:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بىزنىڭ سىنىپتىكى بەزى پوتپۇلغا قىزىقمايدىغان بالىلار كورسا بوپتىكەن ..ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ،رەھمەت..
بارسىلونا ئەڭ نوچى!~!~!~!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号-1 )