akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3687|ئىنكاس: 29

نەتىجە مۇھىممۇ جەريان؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىلگىرى نۇرغۇن دوستلار بۇ جەھەتتە مۇنازىرە قىلغان.بارسېلونانىڭ مۇسابىقىدە يىڭىلىپ قىلىشى مىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.شۇ باھانىدە ئازراق سۆزلەپ ئۆزەمگە تەسەللى بىرەي دىدىم.
مەن ۋاسكىتبول ئويناشقا قىزىقىمەن.مەيداندىكى ئۆزۈمگە قويۇۋالغان ئۆلچىمىم<<تو چۈشمىسە مەيلى. بىراق توپ ئاتقاندىكى ھالىتىم چوقۇم ياخشى چىقىشى كىرەك>>.ئەمدى پۇتبول مەيدانىغا قايتىپ كەلسەم،<<توپ كىرەمدۇ-كىرمەمدۇ،غەلبە قىلغىلى بولامدۇ-بولمامدۇ بۇ مۇھىم ئەمەس.مۇھىمى مۇسابىقە جەريانى چوقۇم چىرايلىق بولىشى كىرەك>>.
پۇتبول ئويۇنى تەرەققى قىلىپ ھازىرقى باسقۇچقا كەلدى.بىراق ئىلگىركى چىرايلىق پۇتبولنىڭ ئورنىغا 1:0نەزىريىسى دەسسىدى.ئىككىلى تەرەپ تەمتىرەپ،قارشى تەرەپكە پۇرسەت بىرىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ يۈردى.بۇ دەل چىرايلىق پۇتبولنىڭ<<تاۋۇت>>ى ئىدى.
توپ مەستانىلىرىنىڭ،مۇسابىقە تەشككىللىگۈچىلىرىنىڭ ئۈمىدسىزلەنگىنى ئۇلار بىر مەيدان كەسكىن، ئىسىل، چىرايلىق مۇسابىقە كۆرۈشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.ئەپسۇس...ئۇنداق بولسا مۇسابىقە مەيدانىدىكى تىرىنىر ۋە ئەزالار نىمە ئويلاۋاتىدۇ؟
مانچىستىر مەستانىلىرىدىن سوراپ باقاي<<سىلەر غەلبە قىلدىڭلارمۇ؟نىمە ئۈستىدىن غەلبە قىلدىڭلار؟>>
بىر پۇتبولچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ مەقسىتى نىمە؟چىمپىيونلۇققا ئىرىشكۈدەك ئەمىلى كۈچى بار كوماندىنىڭ مۇسابىقىدىكى مەقسىتى نىمە؟<<غەلبە قىلىش>>دېگەن بۇ سۆز ھەممىنى جەلىپ قىلىدۇ. غەلبە قىلغاندا3نۇمۇر ئالغىلى بولىدۇ.تىرىنىرلارغا نىسبەتەن پەقەت توختىماي غەلبە قىلغاندا،چىمپىيونلۇققا ئىرىشكەندە ئاندى چىمپىيونلۇق ئورنىنى ساقلاپ قالالايدۇ.غەلبە قىلغاندىلا ھەممە كىشىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشەلەيدۇ.ھەر بىر پۇتبولچىغا ئوخشاش پۇتبول ئۇلارنىڭ خىزمىتى،تاماق قاچىسىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇلار سان-ساناقسىز مۇسابىقىلەردە چوقۇم غەلبە قىلىشى كىرەك.
ئەلۋەتتە غەلبە قىلغاندىلا توپ مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقە تۈگىمەيلا مەيداندىن چىقىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.كۇلۇبقا نىسبەتەن ئىيتقاندىمۇ ئۇلار چىرايلىق پۇتبول بىلەن غەلىبىدن ئەلۋەتتە غەلبىنى تاللايدۇ.كىممۇ غەلبە قىلىشنى ئويلىمايدۇ؟
بىراق90مىنۇت مۇسابىقىدە ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان،كومپىيوتىر ئالدىدىن تۇرۇپ كىتىدىغان مىنۇتلار بولمىسا،بۇنداق مۇسابىقىنى يەنە كۆرگىڭىز كىلەمدۇ.بارسېلونا تىپىك چىرايلىق پۇتبول ئوينايدىغان كوماندا،رونالدىنخو كەلگەندىن كىيىن تىخىمۇ شۇنداق،بىراق ھەربىر كۇلۇبنىڭ ئۆز ئالدىغا ئويناش ئۇسۇلى بولىدۇ.بەزى كۇلۇبلار مۇداپىئەنى،بەزى كۇلۇبلار ھۇجۇمنى،يەنە بەزى كۇلۇبلار ئىككىلسىنى تەڭ ئىلىپ بارىدۇ.شۇنداق بولغان ئىكەن.بىر مەيدان مۇسابىقىنى چوقۇم چىرايلىق ئوينا دەپ بەلگىلىمە بەلگىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.ئۇندىن باشقا غەلبە قىلىشمۇ مۇھىم.
بىراق غەلبە بىلەن چىرايلىق پۇتبولنى بىر مەيدان مۇسابىقىدە تاماملىغىلى بولمامدۇ؟بىلىشىمچە مۇنداق كۆرۈنۈشلەرمۇ بولمىغان ئەمەس.
ئىككى كوماندا مۇسابىقە ئويناۋاتقاندا،سىز ئەگەر ھىچقايسى كوماندىغا ئامراق بولمىسىڭىز ئۇلارنىڭ مەلۇم بىرىنىڭ غەلبە قىلىشنى ئۈمىد قىلامسىز ياكى چىرايلىق بىر مەيدان مۇسابىقە كۆرۈشنى بەكرەك خالامسىز؟
پۇتبول مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن كىشىلەرنى جەلىپ قىلدى.ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆرمەكچى بولغان مۇسابىقىسى 0:0ياكى1:0بولۇشى ناتايىن.مىنىڭچە پۇتبول دۇنيادىكى بارلىق ئادەمنى ئۆزىگە قارىتالىشى كىرەك.
ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە توپ مەستانىلىرىنى بىر مىنۇتمۇ زىرىكتۈرۈپ قويماسلىقى كىرەك.
كەسكىن،ئىسل،چىرايلىق ئوينالغان مۇسابىقە بەلكىم1:0نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان بەزى مۇسابىقىلەردىن ئۈستۈن تۇرىشى مومكىن.چۈنكى ئۇ مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ كىشىلەر ئىككى كوماندىنىڭ شۇنداق ئىسىل بىر مەيدان مۇسابىقىنى ئۆزلىرىگە تەقدىم ئەتكەنلىكىدىن خۇشال بولىدۇ. بەلكىم بۇ ئۈنۈم قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلىپ ئىرىشكەن ئۈنۈمدىن ئۈستۈن تۇرىشى مومكىن.
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ ئىغىزىغا كەپ قالغان گەپلەر،ئىنىق بىر نوقتىنەزەر بولماسلىقى مومكىن. توغرا چۈشىنىپ ئەركىن مۇنازىرە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
قىنى جاۋاب بىرىپ بىقىڭ:
سىزنى جەريان بىلەن نەتىجىدىن بىرنى تاللا دېسە.....سىز؟




cool
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-5-2 03:10:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نەتىجىنى تاللايمەن.    چۈنكى ئىككى كوماندا ھەرقانچە چىرايلىق ئوينىغان بىلەن، پۇتبول مەستانىلىرى ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسنى ھوزۇرلىنىپ كۆرگەن ھالەتتىمۇ ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى نەتىجىسى بەلگىلەيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-5-2 03:19:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەر ئىككىسىنى تاللايمەن ،مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە سىز بۇ  قېتىمقى بارسېلونانىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن بۇ  نەزىرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆزىڭىزنى روھىي جەھەتتىن بولسىمۇ خۇش قىلماقچى بولسىڭز كېرەك ،بىراق بىز ئۇنداق ئويلىمايمىز ،مانچستېر بىز مانچستېر مەستانىلىرى ئۈچۈن چىرايلىق بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناپ بەردى ،نۇرغۇنلىغان بالىلار ئىتالىيە پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىكەن ،بۇنىڭ سەۋەبى دەل نەتىجدىن بولسا كېرەك ،نەتىجە ئەلۋەتتە مۇھىم ،نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن جەريان كېرەك ،مۇشۇ جەرياندا سىزچە مانچستېر شۇنداق ناچار ئوينىغاندىمۇ ؟ئەگەر جەريان شۇنچە مۇھىم بولسا نۇرغۇن بالىلار ئىتالىيە ،ئىسپانىيگە قارىغاندا گوللاندىيە ،پورتۇگالىيە ،ياكى جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىكى كۇلۇپلارنى ياخشى كۆرسە بولاتتى ،بىراق ھازىر  بۇنىڭ ئەكسىچە ،چۈنكى جەرياندىن بەكرەك نەتىجىنىڭ قىممىتى ھەم ئورنى يۇقىرى ،شۇڭا تارىختىن بۇيان نەتىجە جەرياندىن ئۈستۈن تۇرۇپ  كەلگەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-5-2 04:56:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئۆزۈم مۇسابىقىگە چۈشۈپ قالسام  نەتىجسىنى  تاللايمەن!  مۇسابىقە كۆرۈپ  قالسام  چوقۇم  جەرياننى ~~~~~~~ [s:18]
ئەمما ھازىر  بارلىق كۈچەشلەرنىڭ  ھەممىسى  يەنىلا شۇ  نەتىجە  ئۈچۈن  بولۇپ  قالدى~~~ نۇرغۇن  تېرنىلارمۇ  يەنىلا  شۇ  نەتىجە ئۈچۈن  بارلىق  ۋاستىلەرنى  قوللىنىۋاتىدۇ~~ پۇتبوللا ئەمەس  باشقا تەنتەربىيە  تۈرلىرىنىڭمۇ  شۇنڭىغا  ئوخشاش ھەرخىل تاكتىكىللىرى  بار~~~ بۇ مۇ  بىر   تەنتەربىيە  پائالىيەتلىرىنىڭ  گۈزەللىكى ھىسابلىنىدۇ`~~  توققۇزى رەڭ  بىرسى  جەڭ  دەپ  قانداق ئامال  قىلماڭ  رەقىپنى  يېڭىش ئۈچۈن  بارلىق ۋاستىلەرنى ئىشلتىلش  ھايات  قېلىشىنىڭ  مەسھۇلى~  
   مەسلەن  شۇ  پۇتبول  ئويۇننى  ئېلىپ ئىيتساق  pes6دە  دۆلەت  تاللىسا چوقۇم  بىرازلىيىنى  كۇلۇپ بولسا چوقۇم  ئېنتېر  مىلەننى  تاللايدۇ~~  نىمە  ئۈچۈن  يەنىلا شۇ  نەتىجە ئۈچۈن دە~~
1:0  نەزىريىسى  چىرايلىق  پۇتبولنىڭ  ئورنىنى  ئېلىپ  كىتىدۇ دىيشكە  مەن  تازا   ئىشەنمەيمەن~~
1:0نەزىريىسى پەقەت  ئومۇمىيلىققا  قارتىلغان  چىرايلىق  پۇتبول  كۆپىنچىرەك  شەخسىيلىككە ماھىل  شۇڭا  ھەممە  كىشى  كاپېرو  بولۇپ  كەتكەن  تەغدىردىمۇ  بىز  يەنىلا  روبىنىئونىڭ  ئويۇننى كۆرگەنگە ئوخشاش  چىرايلىق  پۇتبولنى كۆرەلەيمىز~~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-5-2 06:41:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ نەتىجە ئالدىدا جەريان ئاندىن كىيىن تۇردۇ دەپ  ئويلايمەن ....
چۈنكى سەۋەپ نەتەجىنىڭ ئورننى باسالمايدۇ دە ......................................!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-5-2 07:51:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىر مەستانىلىرىدىن سوراپ باقاي<<سىلەر غەلبە قىلدىڭلارمۇ؟نىمە ئۈستىدىن غەلبە قىلدىڭلار؟>>

==========================================================

گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتسام سىز بەك يۈزى قېلىن كەنسىز.ئەلمىساقتىن تارتىپ ئۇتتۇرغان كوماندىنىڭ بۇنداق سوئال سورىغىنىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان،بىرىنچى بولۇپ سىزدىن ئاڭلاۋاتىمەن .................

ئالدى بىلەن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىۋېتەي:مەن نەتىجىنى تاللايمەن!

ھازىر پۈتۈن ياۋرۇپادىكى كۇلۇبلار ئىچىدە سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك كۆركەم پۇتبول(华丽足球) غا مۇناسىپ كېلىدىغان ئىككىلا كوماندا بار مەنچە~(ئارسىنالنىمۇ قوشۇپ قويدۇم ئۆزەمچە)

مانچېستېر ،بارسىلونا بىر-بىرى بىلەن تۇتۇشمىغىلى ئون يىل بولغان كوماندا،ئەگەر بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككىلا تەرەپ بىز دېگەن يامان كوماندا دەپ،كوم كوم كوم ھۇجۇمنى قىلىپ قويۇپ،قايتارما ھۇجۇمدىن نەچچىنى يېۋالسا،ئۇلارنىڭ يامانلىقى پوققا ئەسقاتامدۇ؟
بۇيەردە بىر مۇسابىقىنى تەگەپ ئۆتمەي ئامال بولمىدى:2007/4/4كۈنى رىم كوماندىسى ئۆزىنىڭ رىم ئولىمپىك مەيدانىدا مانچېستېر كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن يەڭگەن، ئالتە كۈندىن كېيىن ئولد تىراففۇد مەيدانىدا  كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان نومۇر بىلەن رىم كوماندىسىنى يېڭىپ قويدى،شۇ مۇسابىقىنى كۆرگەنلەر بولسا بىلىدۇ،رىممۇ شۇنداق ياخشى ئوينىغان،يەنە كېلىپ توپ كونترول قىلىش پىرسەنتى مانچېستېردىن ئېشىپ كەتكەن،لېكىن كاررىكنىڭ ئىككى يىراقتىن تەپكەن توپىنى ھېسابلىماي تۇرساقمۇ،قالغان 5 توپ شۇ قايتارما ھۇجۇمدىن كەلگەن،ئۇ ئىككى كوماندا ئارىسىدىكى پەرقنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنچىلىك چوڭ ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز،ئۇنداق نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر:مانچېستېر كوماندىسىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئوينىشى(پۇرسەتنى تۇتۇشى)،رىمنىڭ مانچېستېرنى چۈشەنمەسلىكى قاتارلىق بىر نەچچە سەۋەبلەرغۇ~

مانچېستېر 0:1 بارسىلونا نىڭ نەتىجىسىدىن تازا نارازىدەك تۇرىسىز،توپ ئاز كىرگەنلىكىگە قاخشاۋاتامسىز؟ ئەگەر چەندە ،ئۇ مەيدان مۇسابىقىنى قىزىمىدى دېسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز،ئىككى داڭدار كوماندا ئارىسىدىكى مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدىلا ئاجايىپ گۈزەل پاسلار،ماسلىشلار بولۇشى ناتايىن،چۈنكى ئىككى تەرەپ بىر بىرىنى ئۇنداق قىلغۇزمايدۇ. يەنە مەسىلەن بارسىلوناvsمادرىد ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى ئۇچرىشىشى نېمىدېگەن ئېسىل مۇسابىقە ھە~4:2،3:0دېگەندەك نەتىجىلەر،لېكىن بۇ يىللىق ئۇچرىشىشنىڭ بىرىنچى قېتىمىدا مادرىد0:1 يەڭدىغۇ،ھەممىمىز ئۈمۈد قىلغاندەك ئېسىل نەتىجىلەر بولمىدى،بارسىلونا پۈتۈن مەيدان مادرىدنى بېسىپ ئوينىدى،لېكىن يەنە شۇ  3 ئادەم(رائۇل،ۋان نېستېرروي،باپتىستا) ئارىسىدىكى بىر قايتارما ھۇجۇم بىلەن 3نومۇر ئالدى....................

========================================================
بىراق90مىنۇت مۇسابىقىدە ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان،كومپىيوتىر ئالدىدىن تۇرۇپ كىتىدىغان
مىنۇتلار بولمىسا،بۇنداق مۇسابىقىنى يەنە كۆرگىڭىز كىلەمدۇ
................
ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆرمەكچى بولغان مۇسابىقىسى 0:0ياكى1:0بولۇشى ناتايىن.مىنىڭچە پۇتبول دۇنيادىكى بارلىق ئادەمنى ئۆزىگە قارىتالىشى كىرەك.
ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە توپ مەستانىلىرىنى بىر مىنۇتمۇ زىرىكتۈرۈپ قويماسلىقى كىرەك.
========================================================

بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ،ئېتىۋەتسىمۇ! ھەر قانداق مۇسابىقىنىڭ 90مىنۇتنىڭ ھەممىسىە قىزىپ كېتىشى بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس~ مەنچە ھەرقانداق بىرئادەم بۈگۈن نەتىجە 2:0 بولىدۇ،مەن شۇ مۇسابىقىنى كۆرمەكچى دەپ مۇسابىقە كۆرمەيدۇھەم ئۇنداق قىلالمايدۇ.



قاق سەھەردە تۇرۇپلا جىقراق سۆزلەپ سالدىم~ئەپۇغا بۇيرىمىغايسىز
بۇندىن كېيىن بۇنداق تەھلىلسىمان تېمىلارنى كۆپرەك يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-5-2 08:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقەي،سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ.ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارىشى بولىدۇ. شۇنى ئىپادىلەپ ئورتاقلاشساق نىمىشقا بولمىغۇدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-5-2 08:45:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەر ئىككىلىسىنى تاللايمەن، بىراق جەريانىغىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بىرىمەن.
ئەمما بۇ يەردە دىيىلگەن چىرايلىق پۇتبول ، مەڭگۈ نەتىجىگە ئەھمىيەت بىرىدىغان پۇتبولدىن تۆۋەن تۇرسا، ماڭا بۇندا چىرايلىق پۇتبولنىڭ لازىمى يوق.
يەنە بىرسى بارسىلونانىڭ ھازىرقى ئويناش ئۇسۇلىنى چىرايلىق پۇتبول دىگىلى بولمايدۇ.
05-06دىكى بارسىلونانىڭ ئويناش ئۇسلۇبى شۇندا چىرايلىقتى. [s:1]  [s:1]
مۇندا بىر گەپ :
ئەگەر سىز پەقەت نەتىجىسىگىلا ئەھمىيەت بەرسىڭىز كىچىلىرى ئۇخلىماي شۇ بىر مەيدان مۇسابىقىنى كۆرىشىڭىز نىمە ئۈچۈن؟ نەتىجە ئۈچۈنما؟
ئەگەر پەقەتلا نەتىجە ئۈچۈن بولسا ،سىزنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىنى كۆرگىنىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟
سىز بۇنداق مۇسابىقە كۆرگۈچە ئەتىسى خەۋەر كۆرۈپ نەتىجىسىنى بىلۋالسىڭىزلا بولمىدىمۇ.
..................
ئەلۋەتتە ھەممەيلەن مۇسابىقە كۆرگەندە ئۆزىنىڭ بىرخىل ياخشى كۆرۈدىغان ئۇسۇلى بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-5-2 09:00:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نەتىجىسىنى كۆرىمەن دېمىدىم،نەتىجىسىنى تاللايمەن دېدىم

نەتىجىسىنى تاللايمەن - قانداق ! سىزنىڭ نېمە كارىڭىز~؟!

تېما ئىگىسى شۇنداق سوئال قويۇپتۇ~تاللىسام نېمە بوپتۇ دەيمەن~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-5-2 09:09:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8 - قەۋەتتىكى huji نىڭ 2008-05-02 09:00 دە يوللىغان تېمىسى  نى نەقىل قىلدى:
مەن نەتىجىسىنى كۆرىمەن دېمىدىم،نەتىجىسىنى تاللايمەن دېدىم

نەتىجىسىنى تاللايمەن - قانداق ! سىزنىڭ نېمە كارىڭىز~؟!

تېما ئىگىسى شۇنداق سوئال قويۇپتۇ~تاللىسام نېمە بوپتۇ دەيمەن~
مەن سىزنى بىر نەرسە دىمىدىمغۇ، بۇ ئىنكاسىممۇ سىزگە قارىتىلمىغان.
مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ قارشىمنى دىدىم، خۇددى مەن سىزنى بىرنەرسە دىگەندەك.
شۇڭا ئېنكاسىمىنڭ \\استىدا دەپ ئۆتتۈمغۇ،
``ئەلۋەتتە ھەممەيلەن مۇسابىقە كۆرگەندە ئۆزىنىڭ بىرخىل ياخشى كۆرۈدىغان ئۇسۇلى بار`` دەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-5-2 09:32:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەندىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-5-2 12:55:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەريان بولمىسا نەتىجە بولمايدۇ ،لىكىن ھازىر زامانغا لازىمى جەريان ئەمەس نەتىجە ~~~~!
مانچىستېر بارسېلونا نىڭ گېپىنى ئەمدى قىلىشمايلى باللا ~~~
دەرۋەقە مانچىستېر مىھمان مەيداندا تۈگۈلىۋالدى ،جەريانىنى دىسەك بۇ مانچىستېرنى تىللىساق بولىدۇ ،لىكىن نەتىجىسىچۇ ؟ خەقنىڭ مەيدانىدا توپ يىمەي قايتىپ كەلدى . ئۆزىنىڭ مەيدانىدا 1توپ ئۇردى ،شۇنىڭ بىلەن غەلبە مانچىستېرنىڭ بولدى . شۇنىڭ ئۆزى يىتەرلىك .بارسانى ياخشى ئوينىدى دىدۇق ئۇنىڭ شۇ ياخشى ئوينىشى بىزگە نىمە بەردى .ئۆزىگە نىمە ئاتا قىلدى .
مەن ھىچقايسى كوماندىنىڭ مەستانىسى ئەمەس ،لىكىن شۇ ئىككى كوماندا ئىچىدە ساڭا تەسىر قالدۇرغىنى ،ياقتۇرغىنىڭ قايسى دىسە شۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىنلا تاللىشىم بارسېلونا .
پۇتبول مۇسابىقىسىنى كىنولاردا چىقىدىغان قەھرىمانلارغا ئوخشىتىۋالمايلى ،ئۇلار رەقىبى ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ ،يىتىۋالمايدۇ ،ساختىلىق ئىشلەتمەيدۇ ،رەقىبىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ ،ھەرقانچە قىيىنچىلىقتىمۇ غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ ،لىكىن پۇتبول ئۇنداق ئەمەس ،بىز شۇنداق قەھرىمان دەپ ئويلىغان كۇلۇپلار بەزىدە كۈچلۈك كۇلۇپلارغا كەلگەندە نوچىلىق ئىشلەتمەي تاكتىكا ئىشلىتىشى مومكىن ،ئىشقىلىپ مىنىڭ تاللىشىم نەتىجە .جەريان پەقەت كۆرگۈچىلەرنى رازى قىلىدۇ ،نەتىجىنى ھەممە ئادەم ئىتراپ قىلىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 18:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش