ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 596 |
تۆھپىسى: سەر |
|
رونالدونىڭ سەتچىلىكى ئاشكارلانغاندىن كىيىن،بىرازىليىنىڭ يەنە بىر چولپىنى<<روبىرت كارلوس>> ئۆزىنىڭ بىر مىليون ياۋروسىنىڭ ئالداپ كىتىلگەنلىكىنى ئاشكارلىغان.بىراق بۇ قىتىمقى <<قاتىل>> پاھىشە بولماستىن بەلىكى ئۇنىڭ ئىلگىركى ۋەكالەتچىسى.
خان مادىردتىن ئايرىلىپ تۈركىيىنىڭ فەنەر باغچا كوماندىسىغا قاتناشقاندىن كىيىن ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆرۈش سىزىمىدىن يوقالدى.يارلانغانلىقى سەۋەبىدىن دۆلىتىگە قايتىپ شۇ يەردىكى بىر كوماندىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتىردىكى مەشىق قىلىۋاتقان ئىدى.29-چىسلا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،كارلوس ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ۋەكالەتچىسى تەرىپىدىن بىر مىليون ياۋرۇ بايلىقىنىڭ ئالداپ كىتىلگەنلىكىنى ئاشكارلىدى.
كارلوس:<<مىنىڭ كەسپى ھاياتىمنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمىدىكى ۋەكالەتچىنىڭ ئىسمى奥利维拉·儒尼奥尔،ئۇ ئىلگىرى ماڭا ئاتىسىدەك مۇئامىلە قىلاتتى.بىراق دەل ئۇ مىنى ئالدىدى.
ئۇ ماڭا ئامال بار ئۆزەمنى كۆرسەتمەسلىكىنى،بۇنداق قىلسام ئۆزەمگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىيتقان.
شۇڭا مەن بىر نەرسە ئالغاندا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىپ ئالاتتىم>>.
ئۇ بىر مىسال كۆرسىتىپ:<<مەن ئۇنىڭغا بىر مىليون ياۋرۇ بىرىپ依土雅图俱乐部سىتىۋىلىشنى ئىيتقان.شۇڭا مەن بۇ كۇلۇبنىڭ رەئىسى بولۇشىم كىرەك ئىدى.بىراق مەن كۇلۇبقا بارغاندا كۇلۇبنىڭ ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ نامىدا سىتىۋىلىنغانلىقىنى بايقىدىم.奥利维拉دېگەن بۇ ئادەم خەتەرلىك،ئىشەنگىلى بولمايدىغان ئادەمكەن>>دېگەن.
ئۇنداق بولسا كارلوس نىمىشقا شۇنچە كۆپ يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بۇ ئىشنى جامائەتچىلىكككە ئاشكارلايدۇ؟سەۋەبى ئۇ كىچىك بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان.ئۇ奥利维拉بىلەن ھەمكارلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن بىر توختام ئىمزالىغان.توختامدا< ئەگەر كارلوس ھەرقانداق سورۇندا奥利维拉نى تەنقىد قىلسا بىر مىليون دوللار بىلەن جازالىنىدۇ> دەپ يىزىلغان.بىراق ئۇنىڭدىن زادى قانچىلىك پۇل ئالدىنىپ كىتىلگەن دەپ سورالغاندا كارلوس كۈلۈپ تۇرۇپ<نەچچە مىليون ياۋرۇ>دەپ جاۋاب بەرگەن.
بۇ ئىشلارنى ئاشكارلاپ بولغاندىن كىيىن كارلوس بىرازىليىدىكى ياش پۇتبولچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ:
<<پۇتبول ھاياتىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ۋەكالەتچىنى تاللاشتا چوقۇم ئىھتىيات قىلىش لازىملىقىنى، ئەڭ ياخشىسى بىر ئادوۋكات ياللاشنى،ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ نامىدا نەرسە-كىرەك سىتىۋالماسلىقىنى>>
تەكىتلىگەن.
ئۆزىنىڭ بۇندىن كىيىنكى نىشانى ھەققىدە كارلوس ئۆزىنىڭ بىر تىرىنىر بولغۇسى بارلىقىنى،ئەگەر مومكىن بولسا خوجايىن بولغۇسى بارلىقىنى ئىيتقان.ئۇ ئۆزىنىڭ فەنەر باغچىدا تىرىنىر ھەتتا خوجايىن بولغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.<<ئۆزۈم ھۇجۇمغا ئامراق بولغاچقا،مەن قوللىنىدىغان سەپ شەكلى3-5-3بولىدۇ>>. |
|