akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5494|ئىنكاس: 52

بارسلونا ۋە مانچېستېر توغىرسىدا coolچە  خىياللار...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دوستلار ياخشىمۇ سىلەر! كىمىنە coolدىن مۇنبەر ئەھلىگە سېغىنىشلىق سالام ! ھە..شۇ! پاراكتىكىنىڭ ئالدىراشلىق بىلەن ئۇزۇن بولدى مۇنبەرگە ھە-ھۇ دىيشەلمىدىم! يۈزۈمىنى تۈۋەن سېلىپ ھۆرمەتلىك دوستلىلىرىمىدىن كەچۈرۇم سورايمەن!
مۇنبەرگە كىرەلمىگلى ئوزۇن بولپتىكەن مۇسابىقە كۆرمىگلى ھەم شۇنداق. شۇنىڭ بىلەن شۇنداق بىر كۈنى شۇ مۇسابىقە كۆرۈش ئىستىكى بىلەن ئۇدۇل كىلىپ قاپتىمەن شۇنداق بىر مۇسابىقىگە ئەمىسە كوتۇلدىماي ئويلىغانلىرىمىنى تۆككەچ تۇراي! [s:7]


شۇنچە كۈتكەن بۇ ئىككى زەردار كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسى مانچېستېرلىقلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولمىغان مۇداپىيە تاكتىكىسى بىلەن بارسلونادا بىر مەيدان ھۇجۇم- مۇداپىيە جېڭى ئارقىلىق 0-0 ئاخېرلاشتى. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى

"چىرايلىق پۇتبول" نىڭ بايرىقىىنى ئېگېز كۆتۈرۈپ كىتىۋاتقان بۇ ئىككى كۇلۇبىنىڭ شۇ قەدەر ناچار تاكىتىكا بىلەن مۇسابىقىقىنى تۈگۈتىشى بولدى. مانچېستېر كۇلۇبدىكلەر تاس قالدى 10-0-0 سىپى بولۇپ كەتكىلى ....

فو بىگىم بولسا بۇ قېتىملىق ئىسپانىيە ساياھىتىدن ناھايتى رازىدەك!.. چۈنكى ھالىقلىق بىر توپنى كەتكۈزۇپ قويغان بولسىمۇ بىراق ئۆيىدە مىھان كۆتۈۋېلىشقا ناھايتى ياخشى شارائېت ھازىرلاپ بولدى. رېجىكارد بولسا بارلىق دەسىمىيىسىنى چوڭ قۇلاققا تىككەن ئەمما ئۆز ئۆيىدە ئېلىشقا تىگېشلىك بولغان نىسىۋىسىنى ئالالماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن ۋەزىيەت فو بىگېم تەرەپكە قاراپ پايدىلىقراق بولۇپ قالدى.



مۇسابىقدىن كۆرۋېلىشقا بولدىكى بارسلونا مۇسابىقدە تىركىششىنى بۇزىشى تامامەن مۇنكىن ئېدى. ساقايغىلى ئوزۇن بولمىغان مېسسى مانچېستېرنىڭ مۇداپىيە سېپىنى ئۆزىلا قايمىتۇرۇپ كىتەلىدى! ئەمما مۇداپىيىگە قويۇلغان ئادەمنىڭ كۆپلىكى ۋە بارسا ئەڭ ئالدىدىكى بىر نوقتىنىڭ كەسكىن بولماسلىقى نەتىجىنى باشتىن ئاخېرى ئۆزگەرتەلمىدى. ئېيتئونىڭ ۋەزىپىسى ئېغېر ۋە مۇتلەق پۇرسەتنى كەلمىدىمۇ دەيلى ئەمما بارسا خېلى نۇرغۇن قېتىملا مانچېستېرنىڭ جازامەيدانى ئىچىدە ئېيتىئوغا توپ ئېلىش پۇرسىتىنى چىقىرىپ بەردى. ئەمما ئوزۇن مەزگېل كىسەلدىن قوپالمىغان بۇ يىلپىزنىڭ بۇرۇنقى چاققانلىقى ۋە ۋارتا ئالدىدىكى پۇراش سىزىمى قالمىغان ئوخشايدۇ. مېسسي چۈشۇپ كىتىشى بىلەن بارسانىڭ ھۇجۇمى بىر مەزگىللىك بۇرۇقتىما ھالەتنى كەلتۈرۇپ چىقاردى . رېجكاردمۇ ھۇجۇم ساپاسىنى كۆتۈردىغان ياخشى ئامال تاپالمدى! ئەمما مۇسابىقە تۈگەيدىگەندە ھېنرينىڭ مەيدانغا چىقىشىدىن كىيىن رېجىكارد ئاندىن مۇداپىيىنى تېشدىغان ئامال تاپقاندەك بولدى. ئۇ بولسىمۇ يېراقتىن توپ ئورۇش ! ھېنرىي ئوزۇن يىل ئېنگلاندتا توپ تەپكەچكە مانچېستېرنىڭ ئەھۋالىنىڭ كامېرونلۇق ھۇجۇمچىغا قارغاندا ياخشىراق بىلدۇ. دىگەندەك ھېنرىي چىقىپ ئوزۇن ئۆتمەيلا ئورىنى ئانچە ياخشى بولمىغان بىر يىراقتىن توپ ئوقى چىقىرىشى ۋارتانى قاتتىق چۆچۈتتى! ھېنري چىقىپ ھۇجۇمدا ئازىراق ياخشىلىنىش كۆرلگەن بولسىۇم ۋاقتىنىنىڭ توشۇپ كىتىشى تۈپەيلى مۇسابىقە ئاخېرلىشىپ كەتتى. بەلكىم مېسسي بالدۇر چۈشۇپ كەتمەي ھېنري بالدۇرراق چىقىپ شۇنداق يىراقتن كۆپرەك ئۇرۇپ بەرگەن بولسا بەلكىم مۇسابىقسىنىڭ نەتىجىسى بۇنداق بولماس ئىدى. مۇسابىقدە دېكونىڭ ئىپادىسى تازا ياخشى ئەمەس ،يەنە كىلىپ پۇتى تېخى تۇلۇق ساقايمىغان. ئەمما بارسا بۇيىچە يايا تۇرېي نىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى ،ئۇنىڭ زامبىلوتا بىلەن بىرلىكتە س.رونالدونى توڭلىتىپ قويۇشى ۋە ياردەمچى ھۇجۇملىرى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ!

ئەمدى مۇداپىيىگە كىرىپ تۈگۈلۋالغان مانچېستېرغا كەلسەك گەرچە تېۋېز بىلەن رۇنىينى ئالدىنقى سەپ قىلغان بولسىمۇ بىراق ئالدىغا رونالدونى قالدۇرۇپلا ئىككىسى مۇداپىىيە قىلىشقا چۈشۇپ كەتتى! تېرىنىر خېلى ئوبدان ئۆگەتكە چېغى ئوتتۇرا مەيداندىكى مۇداپىيىسى قالتىس! قالغان بېك دەيمىز ئارقا بەل دەيمىز تاس قالدى زادى پۇتبول ئويۇندىلا كۆرلدىغان سەپ شەكلىنى بارسا كۆرسەتكلى ! مۇسابىقىدە ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر ئىش ئۇ بولسىمۇ رونالدونىڭ توسۇلۇپ قېلىشى بولدى. ھالىقىلق توپنى كەتكۈزۇپ قويغاندىن باشقا ئالاھىدە ئىپادىسى يوق،مىنىڭچە نوقتا توپنى كەتكۈزۇپ قويغاندىن كىيىنكى بېسىمدىن كۆرە زامبىلوتا بىلەن ياياتۇرينىڭ كۈچلۇك مۇداپىيىسىنىڭ ئاستىدا چۆكۈپ كەتتى دەپ چۈشەنگەن بىرقەدەر ئورۇنلۇق ھسابلىدىم. رونالدو گەرچە ناھايتى تېخنىكىلىق ماھىر ھېسابلانسىمۇ بىراق بۇ خىل نام پەقەت ئېنگلاند بىرلەشمىسدىلا دەپ ئويلايمەن! رونالدو دۇچ كىلدىغىننىڭ ھەممىسىلا ئېنگلاند بېكلىرى ئەمەس ئەلۋەتتە . س.رونالدو تەجىربىلىك شۇنداقلا سۈرئەت ۋە بەدەننى بىر گەۋدە قىلغان مۇداپىيىچىگە دۇچ كىلىپ قالسا يەنلا ئاجىزلىق قىلىپ قالدىكەن. بۇ ئۇنىڭ ئاجېزلىقى بولۇشى مۇنكىن ، بولۇپمۇ ئىتالىيە بېكلىرغا دۇچ كىلىپ قالسا ئېنگلاند بىرلەشمىسدىكى تەلۋە ئىپادىسى قالمايدىكەن. بۇ بەلكىم س.رونالدونىڭ بەك بەدەن ۋە سۈرئەتكە ئەھمىيەت بىرىپ ھۇجۇم قىلشىنىدۇر!!!!


مۇسابىقە تۈگەپ كەتتى ! شۇڭا ئۇ مۇسابىقىنى تاشلاپ 2- ئايلانمىغا كۆزىمىزنى ئاغدۇرايلى ! چۈنكى ھەمىمىز كۆڭۈ بۆلدىغىنىمىز ئەڭ ئاخېرقى مۇسابىقە ئەمەسمۇ !!................(بولۇپمۇ تىكىشىپ قويغانلارنىڭ.. [s:2] )

بارسلونا تەرەپتىن بۇ ھەوتە ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىىمۇ بارسلونا تەرەپكە ھىچقانداق چوڭ يوقىتىش يوق يەنە كىلىپ دېكو قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىگە كىلىشمۇ بىرقەدەر مۇقۇملىشىپ بولغان. 27-چىسلا ئەتتىگەن بارسلونا تەرەپ 2-مەيدان ئايلانمىدىكى چوڭ تىزىمىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇلار:

ۋارتا: باردېس پېنتو

بېك: تۇرام پۇيول زامبىلوتا مىلىتو ئابىدال

ئوتتۇرا مەيدان: يايا تورېىي دېكو شاۋى گۇديۇھانسىن يىنېستا ئادېمېرسون

ئالدى ھۇجۇم: بۇيان مېسسىي ھېنريى ئېيتىئو

شۇنىڭ بىلەن ھېرنيى بىلەن دېكو بولسا ئالدىنقى سەپكە قايتىپ بولدۇ. مىنىچە ھېنرينى باشتا چىقارسا بارساغا نىسپەتەن بىرقەدەر ئۈنۈملۇك دەپ ھسابلايمەن چۈنكى ئالدىنقى مەيداندىكى قىسقىغىنە 15مىنۇت ھېنرينىنىڭ ئېنگلاند كۇلۇبلىرىغا ماس كىلدىغىننى ئىسپاتلىدى! ئەمدى يەنە بىر گەپ ئىختىيارى توپ ھىنريى چۈشسە ياخشى بولمايدىكەن ، مىنىچە بارسلونا ئىختىيارى توپلاردىن كۆپ ئۈمۈت كۈتمىسىمۇ بولدۇ چۈنكى رونالدىنئودىنىن باشقا بىرەرسىنىڭ ئختىيارى توپتىكى ماھارىتى........................... [s:17] بارسلونا گەرچە مىھمان بولسىمۇ بىراق كوماندىنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بار يەنە كىلىپ رىجكاردىنىڭ كالسسىدىمۇ سان بولدى. ئەمدى گەپ فوگېسسىن دىگەن قېرى تۈلكىدىلا قالدى . بۇ ھەپتىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقدىن كۆرۋالغىلى بولدۇكى بۇ قېرى كۆپىنچە مۇھىم ئەزالارنى ئارام ئاغۇزۇدى ! ئۇنىڭ مەخسىدى بىر ئۇ بولسىمۇ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا بارسلونانى دەسسەپ يەنە بىر بالداق ئۆرلەش !

بىرلەشمىدە بۇ قېرى تېۋېز رونالدو كورىيە پارىك ۋە سىكىرىسلارىنى ئارام ئالغۇزىدى ! ئۇنداقتا بۇ 4قارىم بارسلونى كۆتۈۋالدىغان ئالدى كۈتكۈچىلار ھسابلىنىدۇ! ئۇنداق بولغاندا سىكىرىس ۋە بىرلەشمىدە بالدۇرلا ئارام ئالدۇرلۇغان ئادېرسۇنلار داستىخاننىڭ ئوتتۇرىنى، س.رونالدو ۋە ئۆلمەس پارىك داستىخاننىڭ ئىككى چېتىنى تۇتۇپ بارسلونادىن كەلگەن مىھمانلارنى كۆتۈۋالشى مۇنكىن...........................................

ئاڭلاشلارغا قارغاندا مۇنداق بىر گەپ بارمىش! ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق تارىخدا 4كۈچلۇككە كىرگەن بىر دۆلەتنىڭ 3كۇلۇبى نىڭ پەقەت بىرلا كۇلۇبى ھەلقىغۇچقا كىرەلەمىش! راسىت بولۇپ قالسا بارسلونانىڭ پىشانسى ئوڭ بولدۇ! مۇسابىقدىن ئەڭ ئاخېرقى نەتىجىنى كۆرىلى!! [s:18]

ئۇف! كاللام ئايلىنىپ بەك جىق يېزىپ ساپتىمەن ! كەچۈرۇڭلار!! قەلىمىم ناھايتى گال ئىملايىممۇ باشقۇرۇغۇچىغا چۈشلۇق ئەمەس! جاپا چەكسىڭلارمۇ ئاخېرغىچە ئوقۇپ مۇنبەرنىڭ ئېلاننى چىكىپ قويۇشىڭلارنىڭ سورايمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 04:38:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىلگە رەھمەت......جاپا تارتىپسىز.
بىراق بارىسلونا بارلىق دەسمايىسىنى بۇ مەيدانغا سالغانكەن،ئەمدى مىھمان مەيداندا چوقۇم توپ سالىمەن،دەيدۇ.توپ چۈشتى،ئۇلارغا بۇ نەقەدەر خوش خەۋەر......توپى بار بولغان تەڭلىشىش بارىسلوناغا موسكۇۋانىڭ ئايروپىلان بىلىتىگە تىگىشكىلى بولىدۇ.
گەپ مانچىستىرنىڭ بۇ بىلەتنى ئۇلارغا بىرەمدۇ يا ئۆزى بارامدۇ؟دىگەن گەپتە قالدى...بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى فىردىنانىد، فەندىرسا..لار جاۋاپ بەرسۇن.
ھە راسىت،ھازىر س.رونالدو ماڭا تىلىغون قىپتىكەن.ئۇ:مۇسكۇۋانىڭ بىلىتى ئۆسۈپ كەتمىسۇن دەپ،كوماندىدىكىلەر ئالدىنئالا بىلەت ئېلىۋالغان.ئەمدى بىلەتنى ياندۇرغىلى بولماس...دەيدۇ.
مۇنبەر ئەھلى گەپ قىلىڭلار، بۇنداق قىلسا بولماس.....مۇسابىقە ئاخىرلاشمىسا!؟
قاراڭلار،پۇيول بىلەن مىسسي ئادەم يەيدىغاندەك ھۆمىيىپ تۇرىشىنى......... [s:17]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 04:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فورگىس ھەقىقەتەن قېرى تۈلكىدە ..................!
رونالدوغا ھىلىقى جازا توپ ئېغىر كەلمىسىلا بولاتتىغۇ ؟ [s:13]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 07:24:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راسىت،ھازىر س.رونالدو ماڭا تىلىغون قىپتىكەن.ئۇ:مۇسكۇۋانىڭ بىلىتى ئۆسۈپ كەتمىسۇن دەپ،كوماندىدىكىلەر ئالدىنئالا بىلەت ئېلىۋالغان.ئەمدى بىلەتنى ياندۇرغىلى بولماس...دەيدۇ
=====================================================

[s:18]  [s:7]
توپچە ئالسا باھادا يەنە كېلىشكىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ~ۋاي سودىگەر

ئەتە كەچ بۇ چاقچاقسىمان 开玩笑نىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشىنى كۆرەيلى!


ھە راس cool~~ يوقاپ كەتكىلى خېلى بولغان سىزگە ~قايتىپ كېلىپ قىلغان بىرىنچى ئىشىڭىز بىزنىڭ قىزىل ئالۋاستىنى سۆكۈش كەنغۇ [s:17]

10-0-0 دېگىنىڭىز سەل ئېشىپ كەتتى ~
ناۋادا بۇنداق بولسا مۇسابىقە باشلىنىپلا ھۇجۇم باشلاپ ،ئىختىيارى توپنى تەپكەن، كورنىك توپنى تەپكەن،نۇقتا توپنى تەپكەن ئادەم ئاۋۇ سەپ شەكلىدىكى -0-0مۇ؟

ئەتە كەچ ھەممە نەرسە ئايدىڭ بولىدىغۇ خەپ~~

موسكۋاغا داۋاي ئەمىسە~ خاراشو!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 10:15:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما بالىنىڭ ئۇزۇن يوقاپ كەتكىنىگە بىر جازا قوللىنامىز دېسەك ماندا تېمىدىن بىرنى كۆتىرەپ كەپتۇ ئەمەسما~ بولاپتۇ ۋاقتىنچە جازالىماي تۇرايلى جۇما  [s:2]

رونالدونىڭ ئەڭ ھالقىلىق مۇسابىقىلەردە ئانچە ئەسقېتىپ كەتمەيدىغىنى راس، قايسى بىر يىلى (ئالدىنقى يىلى ئەمەس) مىلان بىلەن تۇتۇشقاندا مالدىنىنىڭ ئالدىدا ھەرىكەتنى بولۇشىغا ئىشلەپ يۈرۈپمۇ مالدىنىنىڭ مۇداپىئەسىدىن ئۆتەلمەي يۈرگەن، بىر مەيدان مۇسابىقىدىكى رولى ئاساسەن يوقلا بولغان، ئاندىن ئېنگىلاند بىرلەشمىلىرىدە ئاشلى كول بار كوماندا بىلەن تۇتۇشقاندا (دەسلەپتە ئارسىنال بىلەن كېيىن چېلسى بىلەن تۇتۇشقان چاغلاردا) كۆپىنچە ئاشلى كولنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە ئىپادىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ يەنە شۇ ئاشلى كول رونالدونىڭ يوق قىلىۋەتكەن. ئالدىنقى يىللىق چېمپىيونلا مۇسابىقىسىدە گاتۇسو رونالدونى ئىنتايىن «رايىش» ھالەتكە ئەكەپ قويدى، بۇ يىل زامبۇروتامۇ ئەڭ ئېسىل ھالىتىدە ئويناپ كېلىۋاتقان رونالدونى ئېغىر بېسىقلاشتۇرۇپ قويدى.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 10:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمىقى مانچىستىرنىڭ بىر نۇقتا توپنى تىپەلمەسلىكىگە قاراپ شۇنداق ھىس قىلىپ قالدىم..........بۇلارغا ئەمدى تەلەي تەتۇر قارايدىغاندەك تۇردۇ .......بولسا شۇنداق بولغىيتى.....
مانچىستىرلىقلار سەل ھەدىدىن ئېشىۋالغانتى ......ئۇلارنىڭ ئەمدى شامىلنى يىغىدىغان ۋاقتى كەلدى....
چېسلىمۇ شامالنى يىغۋاتىغۇ مانا .......بارسىلونامۇ چۇقۇم شامىلنى  يوقلا قىلۋاتىدۇ بۇلارنىڭ ......
[s:13]  [s:13]  [s:13]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 10:57:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونىڭ بۇنوختا توپنى تىپالمىشى مانچىستىر ئۈچۈن بىر چىكىنىش بوپ قالمىسلا بولاتتى .........مۇنبەردىكى مانچىستىر مەستاننىلىرى بولدى مەيسلەنمەڭلار كىلەر قېتىم سىلەرەىمۇ تەلەي كەپ قالار.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 11:27:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىلنى ناھايىتى ئوبدان قىللا.................  
س . رونالدو  ئاشۇ  نۇقتا توپنى ئۇرالىغان بولسا......... قالتس ئىش بولاتتى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 11:34:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىر   كىلەر پەسىلدىن   باشلاپ     چىمپىيۇنلوق   ئۇچۇن    كۆرەش   قىل    .     كىلەر  پەسىل   ئۇچۇن    ئالغا  مانچىستىر   ! [s:13]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 11:50:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچېستېرنىڭ بۇ يىلقى نەتىجىسى شۇنچە ياخشى تۇرسا،مەيەدە بىرسى ياخشى ئوينىدى دېيىشكە ئاغزى بارماي،قىزغىنىپ ،كۆرەلمەي ،ھەسەت قىلىپ ====مانچىستىرلىقلار سەل ھەدىدىن ئېشىۋالغانتى ......ئۇلارنىڭ ئەمدى شامىلنى يىغىدىغان ۋاقتى كەلدى....======دەپ ۋالاقلاپتۇ~نومۇس قىلماي~

ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ئۇتۇش نورمال ئىش ئۇ~ تېخى====چېسلىمۇ شامالنى يىغۋاتىغۇ مانا====دەپ كەتكىنىنى~~چېلسىنىڭ شامىلىنى يىغقان دەل شۇ مانچېستېردۇ! بىرلەشمىدە چېلسى نېمىلا قىلمىغان بىلەن يەنە شۇ بىزنىڭ چىرايىمىزغا قايلايدىغان گەپ ~  .........قانداق دېمىدىم~~

شامالنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەتە كەچ ئولد تىراففۇد مەيدانىدا بارساغا كۆرسىتىپ قويىمىز(شەخسەن ساڭىمۇ)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 11:56:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەر نىمە دەپ كەتتىڭلار.
مانچىستېر تېخى ئۇتتۇرمىدىغۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-28 12:29:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاشلارغا قارغاندا مۇنداق بىر گەپ بارمىش! ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق تارىخدا 4كۈچلۇككە كىرگەن بىر دۆلەتنىڭ 3كۇلۇبى نىڭ پەقەت بىرلا كۇلۇبى ھەلقىغۇچقا كىرەلەمىش
ماۋۇ  ياغان گەپ  .  مادىرىد  بىلەن ۋالىنسىيا  ،  مىلان  بىلەن  يۇۋېنتۇس  بۇندەاق مۇسابىقىلەرمۇ  بولغان  تارىختا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش