akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2586|ئىنكاس: 17

ئالدى بەل،ئىتالىيە،ئىنگىلاد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاۋۋال ئالدى بەل ھەققىدە ئازراق توختىلاي:نورمال سەۋىيەدىكى پۇتبول بىلىمى بار توپ مەستانىلىرى ئالدى بەل ھەققىدە خىلى مەلۇماتلىق.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدا ئالدى بەل ئىزچىل
تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغۇچى ئالدى مۇداپىئەدەپ ئاتىلاتتى.كىيىن قايسى ئەقىل ئىگىسى ئالدى بەل دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ياراتتىكىن تاڭ،شۇنىڭدىن باشلاپ ئالدى بەلنىڭ رولى بارغانسىرى كىڭەيدى.<<بەل>>ئادەم بەدىنى جەھەتتىن ئۈستى بەدەن بىلەن ئاستى بەدەننى تۇتاشتۇرىدىغان ھالقا.پۇتبول مەيدانىدا بولسا ھۇجۇمچى ئەزالار بىلەن مۇداپىئەچى ئەزالارنى باغلاپ تۇرىدىغان ھالقىلىق ئورۇن.
ئىتالىيىدە بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئالدى بەل ئوينايدىغان نۇرغۇن چولپانلار بارلىققا كەلدى. زىدانى، كاكا،توتتى.بۇلارنىڭ تىخنىكىسى ھەممىگە ئايان.ئۇلار ئىتالىيىدە ئۇتۇق قازانغان.بىراق ئۇلار نىمىشقا ياۋرۇپا مۇسابىقە مەيدانلىرىدا رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ؟
سەۋەبى ناھايتى ئاددى.چۈنكى يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىتالىينىڭ ھۇجۇم تاكتىكىسى بىر چولپاننىڭ شەخسى قابىليىتىگە ئارتۇقچە تايىنىۋالغان.ئارقا مەيداندىن ئالدى بەلگە توپ تاشلاپ ھۇجۇم تەشكىللەيدۇ.بىراق ھۇجۇمچىلار توپنى ياخشى قوبۇل قىلالمىسا ھۇجۇم ئۈنۈمسىز بولۇپ قالىدۇ.بۇنداق ئادەتتىكى ئالدى بەل ئارقىلىق ھۇجۇم تەشكىللەش ئۇسۇلى ئاسانلا قارشى تەرەپ تەرىپىدىن توسۇۋىلىنىدۇ.شۇڭا ئىتالىيىدە0:0نەتىجىنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ھادىسە.
ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە بولسا،مۇقىم مەنىدىكى ئالدى بەل يوق.بىراق ھۇجۇم شۇنداق چىرايلىق.يان ۋە ئوتتۇرا ئورۇنلار ماسلاشقان.لىۋىرپولنىڭ جاننى ئالىدىغان قايتۇرما ھۇجۇمى. چىلسىنىڭ قاتمۇ-قات ئادىغا بۆسۈپ كىرىشى قاتارلىقلار ئىنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ ئۆزگىرىشچان ھۇجۇم تاكتىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئىنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ رىتىمى بەك تىز بولغاچقا،ئووتتۇرا مەيداندا توپ تالىشىش بەك كەسكىن.مۇقىم بىر ئادەمگە تايىنىۋالسا ئىنىق زىيان تارتىدۇ.شۇڭا بۇ يەردە ئالدى بەل مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىلوڭنىڭ ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى مەغلۇبىيىتى ساقلانغۇسىز.بىراق بۇ ئىنگىلادتا مۇنەۋۋەر ئالدى بەل مەۋجۇت ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس.
ئارسىنالدا يوقمۇ؟پىرلو،بىركامپو،يوڭبىيىلى؟ئۇلارنىڭ ئورنى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.ئالدى ھۇجۇم، يان يول،ئالدى بەل دېگەندەك ھەرقانداق ئورۇندا پەيدا بولالايدۇ.بىركامپونىڭ پاسلىرى،يوڭبىيلىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى دەل ئادى بەلنىڭ خاراكتىرى.
ماچىستىرنىڭ4411سەپ شەكلىدە،ئوتتۇرا مەيداندا ئىككى ئارقا بەل پاراللىل تۇرىدۇ.ھۇجۇم قىلغاندا ئۇلار تەڭ قىسىلىپ كىرىدۇ.ئەگەر ھۇجۇم مەغلۇپ بولسا ئۇ ئىككىسى ئالدى مەيداندىلا ھۇجۇم تەشكىللىيەلەيدۇ.مانا بۇ مانچىستىرنىڭ ياكى ئىنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ مۇقىم ئالدى بەل ئورۇنلاشتۇرمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.
قىسقىسى،ئىتالىينى ئالدى بەللىرى مەسىلەن كاكا،زىدانى،بۇرۇنقى بىيلون قاتارلىقلار ئۆلگۈچە ئالدى بەل ئورنىدا تۇرىدۇ.بۇ ئىتالىيە ھۇجۇمىنىڭ مەنىسىز بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.بۇنداق بولغاندا قارشى تەرەپ ئاسانلا ھۇجۇم تاكتىكىسىنى بىلىپ قىلىپ مۇداپىئە قىلىۋالىدۇ.كاكانىڭ ئۆتكەن يىلدىكى پارتىلىشى ئۇ پەقەت ياش،ھىسياتچان.قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىگە پىششىق ئەمەس.بۇ يىل كاكا دېگەندەك ياخشى ئوينىيالمىدىغۇ!
كۆرۈنۈش جەھەتتە،ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدە ئالدى بەل يوقتەك تۇرىدۇ.بىراق ئۇلارنىڭ ئالدى بەلگە بولغان قارىشى ئىتالىيەنىڭكىدىن چوڭقۇر ۋە ئىلغار.ئارسىنال،مانچىستىر قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار ھۇجۇم قىلغاندا،ئالدى بەل ئورنىدا ئادەم كەم بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقىم ئەمەس.ئالدى بەلگە بولغان ھەر تەرەپتىكى تەلەپ ۋە ئىقتىدار ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.مەلۇم مەنىدىن ئىتقاندا، ئىگىلاد بىرلەشمىسىدىكى ئالدى بەل ئالدى مۇداپىئە بىلەن ئارقا بەلنىڭ بىرلەشمىسى. ئالدى بەلنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت ھۇجۇم تەشكىللەشتىلا بولماستىن يەنە مۇداپىئە ئىقتىدارىمۇ ئالاھىدە ئۈستۈن بولۇشى كىرەك.
بىيلون ئالدى بەل ئويناشتىن باشقا ھىچنىمىنى بىلەيدۇ.بۇ ئۇنىڭ ئىگىلادتىكى مەغلۇبىيتىنىڭ سەۋەبى.
ئىنگىلاد بۇنداق ئالدى بەلگە مۇھتاج ئەمەس.ئەكسىچە چىقىش-چۈشۈشنى،ئوڭ-سولغا تەڭ بىرىشنى.
كىرىپ-چىقالايدىغان،ھۇجۇم-مۇداپىئەسى كۈچلۈك ئالدى بەلگە مۇھتاج.
بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ ئىگىلاد كوماندىلىرىدىن مەغلۇپ بولىشىنىڭ سەۋەبى.
ئالدى بەل ھەققىدىكى قاراش ئىتالىيە بىلەن ئىنگىلاد نىڭ ھۇجۇم تەشكىللەشتىكى پەرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئەگەر ئىتالىيە يەنە مۇقىم ئالدى بەلگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىپ پۈتۈن ھۇجۇم شەكىلىنى ئالدى بەلگە قاراپ ئورۇنلاشتۇرسا بۇ پەرىق بارغانسىرى چوڭىيىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-20 10:08:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا رۇنى بىلەن لامپاردنى نېمە دېسەك بولار ؟؟ رۇنى بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېردا ھۇجۇمچى كەمچىللىك سەۋەبىدىن ھۇجۇمچى ئورنىدا مەيدانغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسىللىرىدە ۋەننىستېلروي،لارسون...لار بار چاغدا يەنىلا ئالدى بەل ئوينايتتى.لامپاردنىڭ ئورنىغا تالاش-تارتىشسىزلا ئالدى بەل دەپ جاۋاب بېرەلەيمىز.لامپاردنىڭ چېلسىدىكى مۇھىملىق دەرىجىسى ھەمدە توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى خېلى ھۇجۇمچىلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ...

قىسقىسى بەكلا بىر تەرەپلىمە پىكىركەن بۇ،ئاساسىمۇ قايىل قىلارلىق ئەمەس [s:14]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-20 10:23:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىگە ئاساسەن ۋىروننى ئالدى بەلدىن بىلەك ھىچنىمە ئوينىيالمايدۇ دەيسىلەر؟    ۋىرون مەيلى مۇداپئە بولسۇن ۋەياكى ھۇجۇم بولسۇن ھەممىدە تەڭ پىشقان پۇتبولچى.  دىمىسىمۇ ئىنگىلادنىڭ مۇسابىقە رىتىمى تىز لىكىن ئىتالىيەنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. ئويلاپ بىقىڭلار ئىنگىلاند دۆلەت كوماندىسىدىكى كۆپ قىسىم ئەزالار ئىنگىلاند كۇلۇبلىرىدا توپ تىپىدۇ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزالىرى كۆپچىلىكى ئىتالىيە كۇلۇبلىرىدا توپ تىپىدۇ  تارىختا ئىتالىيەنىڭ نەتىجىسى ھەرقاچان ئىنگىلاندتىن يۇقىرى بولۇپ كەلگەن( 1966 -يىلىنى ھىسابقا ئالمىغاندا)  بۇمۇ ئاساسەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇغۇ دەيمەن.  يەنە بىرسى ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لۇڭقىسى ۋە بىرلەشمە لۇڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئىنگىلاند كوماندىلىرىغا قارىغاندا بىر ئاز ياخشىغۇ دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-20 12:43:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپنى ئىتسام ئالدى بەلگە بولغان چۇشەنچەم ئانچە ئىنىق ئەمەس ئىدى،.،.، [s:17]
  بىراق بۇ تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنداق ئەمەس،.، [s:1]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-20 13:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت

توتتى  زىداننى ، كاكالار ئەسلى~!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-20 14:52:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا سەۋەبلەرمۇ باردۇ ،چۈنكى بەزى يىللىرى ئىتالىيە كوماندىلىرى ئۈستۈن تۇرسا بەزى يىللىرى ئېنگىلاد كوماندىلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-20 16:04:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئىسىملاردىكى ئىملا خاتالىقىنى كۆرستىپ بېرەي
بىركامپو ئەمەس،بېرگىكامپ
يوڭبىيىلى ئەمەس يۇنبېرگ
بىيلون ئەمەس،ۋېرون
~~~~~~~~~~~~~~~~
ئالدى بەك دىگەن قانداق بولىدۇ،مېنىڭ نەزىرىمدە بولسا ئالدى بەل دىگەن ئالدىدىكى ئوتتۇرا مەيدان دىگەن گەپ،ئالدى بىلەن توپ كونتىرول قىلالىشى كېرەك،ئالدى بەلنىڭ چوڭ جەھەتتىكى مەيدان قارىشى بولۇش كېرەك،يەنى  ئالدى مەيداندىكى ھەرقانداق ئېھتىماللىقنى كۆرەلىشى كېرەك،ھۇجۇمچىغا توپ تاشلاپ بېرەلەيدىغان بولىشى كېرەك،مەلۇم جەھەتتىن يىراقتىن ئۇرۇش تېخنىكىسى بولىشى كېرەك،يەنى ھۇجۇمچى قارشى تەرەپنىڭ مۇداپىيەچىسىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان چاغدا تۇيۇقىسى يىراقتىن توپ ئۇرالايدىغان ماھارىتى بولىشى كېرەك(تاغىل ئاتتىكى نېدۋىد،ئىنتىردىكى سىتانكوۋىچ،مىلاندىكى كاكادەك)،يەنە بىرجەھەتتىن بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇم مەغلۇپ بولغان چاغدا ئككىنچى ھۇجۇمنى تەشكىللىيەلىشى كېرەك،ئالدى بەل4-4-2ياكى3-5-2 سەپ شەكلىدە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ~~
ئەمدى رەددىيە بېرىدىغان كۆزقارىشىمنى سۆزلەپ ئۆتەي،
نەقىل:~~~~~~~:::زىدانى، كاكا،توتتى.بۇلارنىڭ تىخنىكىسى ھەممىگە ئايان.ئۇلار ئىتالىيىدە ئۇتۇق قازانغان.بىراق ئۇلار نىمىشقا ياۋرۇپا مۇسابىقە مەيدانلىرىدا رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ؟~~~~
بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك،زىدانى ،توتتى كاكا لارنى ياۋرۇپا مۇسابىقە مەيدانلىرىدا رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى دەمدۇق ؟ئاساسىمىزچۇ؟زىدانىغۇ بۇرۇن ئىتالىيەدە توپ تەپكەن،ئۇنى مەغلۇب بولدى دىسەك،مادىرىدنى نىمە دەيمىز؟مادىرىد تاغىل ئاتتىن67مىليونغا زىدانىنى سېتىۋېلىشى زىدانىننىڭ مەغلۇپ بولغانلىقنىڭ نەتىجىسىما ؟!مادىرىد مەغلۇب بولغان بىر توپچىنى سېتىۋېلىپ نىمە ئىش قىلار؟!زىدانى ئىككى قېتىم يەنى97ۋە98ئىككى قېتىم يۇۋىنتۇس بىلەن بىللە چىمپىيونلۇك لوڭقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرمىدىمۇ ؟ئۇ ۋاقىتتىكى ئىپادىسى بەك ياخشى بوپكەتمىسىمۇ ئىشقىلىپ خېلى توپلارنى ئۇرۇپ قوياتتى،خېلى ھۇجۇملارنى تەشكىللەپ قوياتتى~~
كاكانى بۇ يىل چىمپىيونلۇق لوڭقسىدا مەغلۇب بولدى دەپ تۇرايلى،بۇلتۇرنى نىمە دەيمىز؟!
توتتىنىڭ2006دىكى ئىپادىسى بەك ياخشى بوپكەتمىسىمۇ مەغلۇب بولدى دىگۈدەك ئەمەسقۇ !؟
~~~~~نەقىل~~~~~~~~~ ئىتالىينىڭ ھۇجۇم تاكتىكىسى بىر چولپاننىڭ شەخسى قابىليىتىگە ئارتۇقچە تايىنىۋالغان.ئارقا مەيداندىن ئالدى بەلگە توپ تاشلاپ ھۇجۇم تەشكىللەيدۇ.بىراق ھۇجۇمچىلار توپنى ياخشى قوبۇل قىلالمىسا ھۇجۇم ئۈنۈمسىز بولۇپ قالىدۇ.بۇنداق ئادەتتىكى ئالدى بەل ئارقىلىق ھۇجۇم تەشكىللەش ئۇسۇلى ئاسانلا قارشى تەرەپ تەرىپىدىن توسۇۋىلىنىدۇ.شۇڭا ئىتالىيىدە0:0نەتىجىنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ھادىسە.~~~~~~~~~~
بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك،زەردارلارغا قارىتا ئېيتىلغان گەپمۇ ياكى ئاجىز كوماندىلارغىمۇ ؟!
راست گەپنى قىلسام مۇسابىقىدە0:0نىڭ كىلىپ چىقىشى ئالدى بەل بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق،
~~~~~~نەقىل~~~~~~~~بىيلون ئالدى بەل ئويناشتىن باشقا ھىچنىمىنى بىلەيدۇ.بۇ ئۇنىڭ ئىگىلادتىكى مەغلۇبىيتىنىڭ سەۋەبى.~~~~~~~~
بىر توپچىنىڭ بىرنەچچەئورۇننى ياخشى ئويناپ كىتەلمىگە قارىغىنىدا بىر ئورۇننى پىششق ئوينىغىنى ئەۋزەل~~
يەنە بىرسى مەن ۋېروننى ئېنگىلادتا مەغلۇب بولدى دەپ قارىمايمەن ~~~~~
نەقىل~~~~~~~~بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ ئىگىلاد كوماندىلىرىدىن مەغلۇپ بولىشىنىڭ سەۋەبى.~~~~~~~~~~
بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز ؟!بۇ يىلمۇ ياكى يېقىننىڭ ياقىدىكى بىرقانچە يىلمۇ؟!
بۇلتۇنى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ يوق ؟!
~~~~~~~~~~~~~~~~
راست گەپنى قىلغاندا بۇ كۆز قاراشلار بىر تەرپلىمىلكلا ئەمەس دەرىجىدىن تاشقىرى بىر تەرەپلىمىك بولۇپ قاپتۇ،ئاساسلا جايدا ئەمەس،يەكۈنلەپ چىقارغان نۇقتىنەزەرمۇ ئېنىق ئەمەس،نۇقتىنەزەر چىقتىمۇ دەيلى،كەلتۈرگەن ئاساس نۇقتىنەزەرنى يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ شۇنداقلا ئىسپاتلاپ چىقالمايدۇ ~~~~~~~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-20 16:09:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق دىسەك ئانىچە قاملاشىمايدىغاندەك قىلامدۇ-نىمە..؟
   باشىقا سۆزلرىڭىز تۇغۇرىسدا توختالماي تۇرۇپىلا ئىنگىلاد كۇلۇپىلىرنىڭ ئىتالىينىڭكىدىن نەتجىسى ياخشى دسىڭز مۇنبەردىكى 10 ئادەمىنىڭ 9 ئىشەنمەيدىغۇ دەيمەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-20 16:52:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتالىيە بىلەن ئىنگىلادنىڭ ئويناش ئۇسۇلىنى سىلىشتۇرغاندا كۆپىنچەڭلەر ئىتالىيەنى توپنى ئالدى كەينىگە ماڭدۇرۇپ پۇرسەت ئىزدەيدۇ دەيسىلەر بۇنىڭغا مەن مۇنداق چۈشەنچە بىرىشنى لايىق تاپتىقم .
مىنىڭ نەزىرىمدە پۇتبول مەيدانىدىكى ئىككى كوماندا بوكىس مەيدانىدىكى ئىىككى تەنھەركەتچىگە ئوخشايدۇ .
ئىتالىيە كۇلۇپلىرى شۇ مەيداندا تەمكىنلىك بىلەن پۇرسەت كۈتۈپ رەقىبىنىڭ ئاجىزلىقىنى تاپقان ھامان ئەجەللىك زەربە بىرىدۇ ،بۇ مىنىڭ نەزىرىمدە مەيلى تەخنىكا ،ئەقىل كۈچ جەھەتلەردە بولسۇن ئومۇمى يۈزلۈك بىرلەشكەن ھۇجۇم دەپ قارايمەن ،بوكىس ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە شۇنداق ئۈگەتكەن .
ئىنگىلادقا كەلسەك .بىز نوقتىنى ئەسكەرتىپ قوياي مەن ئىنگىلاد مۇسابىقىلىرىنى بەك كۆرۈپ كەتمەيمەن .ئەگەر گىپىم كۆڭلۈڭلەرگە تىگىپ كەتسە چۈشەندۈرۈو قويساڭلار بىلىۋالسام .
ئىنگىىلاد كۇلۇپلىرى ماڭا مەيداندا يۈگۈرۈش تىن باشقا ئىش قىلمايدىغاندەك بىلىنىدۇ .ۋارتارنىڭ يىنىغا كەلگەندە تىپىدۇ ،چۈشۈپ كىتىپ قالسا مۇسابىقە قىززىدى دىگەن گەپ .
بۇنى يەنە ئوقۇتقۇچۇمنىڭ گىپىگە تەدبىقلىسام ،بوكىس مەيدانىغا چۈشىدۇ ،مەيلى رەقىبى ئاجىز بولسۇن ياكى كۈچلۈك بولسۇن بىشىمغا كەلگەننى كۆرەي دەپ بىشىنى ئىچىگە تىقىپلا مۇش ئىتىشقا باشلايدۇ .ئەگەر ئىككىلىسى مۇشۇنداق قارىسىغا ئىش قىلىدىغان ئادەم بولسا قايسىسىغا ئاۋۋال قارا مۇش تەگەسە كىيىنكىسى يەر چىشلەيدۇ ،ئەگەر ئۇنداق بولمىسىچۇ ؟
يەنى بىرى قارىسىغا ،قارا كۈچكە تايىنىدىغان ،يەنە بىرى پۇرسەت كۈتىدىغان بولۇپ قالسا شۇ مەيدانقا قايسىسى ئۇتۇپ چىقار ؟ئەلۋەتتە تەمكىنلىك بىلەن ئىش قىلىدىغىنى ئۇتۇپ چىقىدۇ .
مىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتىكى دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەر ،ھەم خەلىقئاردا ئىككى دۆلەت كۇلۇپلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئوينىغان چاغدىكى ھالىتىگە قارىتا بولغان تونۇشۇم .  ئالدىنقى يىلى مىلاننىڭ ئىنگىلادنىڭ ئۈچ كوماندىسىنى يولغا سالغانلىقىنى مۇشۇنداق تەدبىقلايمەن ،
ھەقەچان بىرەرسىڭلار بۇيىلچۇ دەيسىلەر ،بۇيىل قارا كۈچ ،ياشلىق تەجرىبىدىن تەمكىنلىكتىن ئۈستۈن كەلدى ،ماغدۇرىمىز يەتمىدى ،قىرىپتىمىز ،كىلەر يىلى ئىنتىقامنى ئاشۇرۇپ ئالىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل .


يۇقارقىلار مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى ،ئۆزۈمنى پۇتبول مەستانىسى ئەمەسمىكىن دەي دىسەم تىخى شۇ مىكىن دەي دىسەم تىخى ،خاتا يىرى بولسا دوسلارنىڭ چۈشەنچە بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،بۇندىن كىيىن ئىنگىلادنىڭكىنىمۇ چەكچىيىپ ئولتۇرۇپ كۆرەپ كىتەمدۇق تىخى سىلەرنىڭ گىپىڭلارنىڭ تەسىرى بىلەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-20 17:39:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك تېمىلار توپا بېسىپ قالمايدىغان بولدى جۇما خېلى ۋاخنىڭ ياقى،مۇشۇ يېرى ئادەمنى خوش قىلىۋاتىدۇ...
==========================================
نەقىل:
،بوكىس ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە شۇنداق ئۈگەتكەن .
==========================================

   ما شاپۇر بىلەن بىر نېمە دېيىشىپ قالمىساق بولىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟ بولۇپمۇ بىللە توپ ئويناش پۇرسىتى بولۇپ قالسا سەت قارىمايدىغان بالىكەن جۇما ماۋۇ  [s:2]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-4-20 18:02:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 - قەۋەتتىكى oko نىڭ 2008-04-20 16:09 دە يوللىغان تېمىسى  نى نەقىل قىلدى:
    بۇنداق دىسەك ئانىچە قاملاشىمايدىغاندەك قىلامدۇ-نىمە..؟
   باشىقا سۆزلرىڭىز تۇغۇرىسدا توختالماي تۇرۇپىلا ئىنگىلاد كۇلۇپىلىرنىڭ ئىتالىينىڭكىدىن نەتجىسى ياخشى دسىڭز مۇنبەردىكى 10 ئادەمىنىڭ 9 ئىشەنمەيدىغۇ دەيمەن..
 

ئىنىقلا شۇنداق تۇرسا.  بۇ يىل ئۇنداق بولماي قالدى، باشقا يىللىرىچۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2008-4-20 18:54:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تىمامنى جەۋھەرلەيدىغان يەرگە يەتتى جۇمۇ(چاقچاق)
مۇشۇنداق مۇنازىرە قوزغىيالىغاندىن كىيىن.............................
مەنمۇ ئۆزەم بىلگەننى سۆزلەيدىكەنمەن.دوستلارنىڭ توغرا پىكىرىنى قوبۇل قىلىمەن.
(باگگىيۇ بۇرادەرنىڭ گەپلىرى نىمانداق قاتتىق،ئادەمنى خىجىل قىلىپ)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 21:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش