ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 255 |
جۇغلانمىسى: 456 |
تۆھپىسى: سەر |
|

19 - چىسىلا نىگىرىيەنىڭ پايتەختى راگوستىكى مەلۇم بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا قۇراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى . بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ ئوبىكتى دەل ھازىر ئىنگىلانىدنىڭ نېۋكاستىر كۇلۇبىدا توپ تىپىۋاتقان مارتىنىز .
يۈزىگە نىقاپ كىيىۋالغان 3 نەپەر قاتىل ، مارتىنىزنىڭ بىنىز ماركىلىق ماشىنىسىنىڭ ئەينىكىگە قارىتىپ ئوق چىقارغان . بەخىتكە يارىشا مارتىنىز يارلانمىغان ، بىراق ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان دوستى رېيمى يارلانغان ، ئۇنىڭ مۈرىسى ۋە قولى يارلانغان .
مارتىنىز «قۇياش گىزىتى » نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلەپ بەرگەن : «ئۇلار كىلىپلا ئوق چىقىرىشقا باشلىدى ، ئۇلارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈشتىن باشقا مەقسىدى يوقتەك قىلاتتى . ئۇلار كەسپىي قاتىللاردەك قىلاتتى ، ئۇلار بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي كىلىپلا ئوق چىقىرىشقا باشلىدى ، خۇددىي كىنولاردىكىدەك ، مەن ئۆلدۈم دەپلا ئويلىغان ئىدىم » . |
|