ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4956 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسلى مىلاننىڭ 107يىللىق تۇغۇلغان كۇنىدە بىر تىما يېزىش نىيىتىم بار ئىدى ، لېكىن يىقىندىن بۇيان كۆڭلۇم جايىدا بولمىغاچقا ،ھەر قېتىم سەلكىنگە كىرىپ تىما يازاي دىسەملە قولۇم پۇتبول تىمىسى ئەمەس ،مۇھەببەت تىمىسىغا كېتىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى ، ئالدىنقى قېتىم مۇنبەردىكى رۇسلان ئىتالىيەدىكى ئۇچ كۇچلۇك كوماندا بولغان ،مىلان ،يۇۋېنتۇس ،ئېنتىر لارنىڭ مۇناسىۋىتى توغىرىسىدا بىر تىما يېزىشىمنى سورىغانتى ، نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا ئۇچ پادىشاھلىق توغرىسىدىكى ئويۇن "ساۋساۋھەققىدە "نى ئويناۋىتىپ ، مۇشۇ ئۇچىنى ئۇچ پادىشاھلىققا ئوخشىتىپ يازاي دىدىم ،
مىلان - لىيۇبېي نىڭ شۇ .مىلان ئەزەلدىن گۇەن يۇ ، جاڭ فىي ، جاۋيۇن دىگەنلەرگە ئوخشاش دۇنياۋى چولپانلار كۆپ چىقىدىغان كۇلۇپ ، مالدىنى ،بارىسى ، گوللاندىيەلىك ئۇچ چەۋەنداز بولسا لىيۇبىينىڭ قول ئاستىدىكى بەش شىرمەت ، مىلان كۇلۇبى ئەزەلدىن بىر ئىللىق ئائىلەگە ئوخشاش ، بۇ خۇددى لىيۇبېينىڭ خەلىقىنى ياخشى كۆرىدىغان ، قول ئاستىدكىلىرى بىلەن ئاكا -ئۇكا بولۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغىنىغا ئوخشايدۇ ، ئەلۋەتتە ،مىلاندا يەنە جالىيانىغا ئوخشاش جۇگېلىياڭدىن بىرسى بار ، مىلانىڭ ھەربىر تېرىنىر ياكى پۇتبولچى كىرگۇزۇش پىلاننىڭ ھەممىسىنى تۇزىدۇ .
يۇۋېنتۇس ---ساۋساۋنىڭ ۋېي .ئىتالىيە دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە يۇۋېنتۇس خۇددى ساۋساۋغا ئوخشاش ئىقتىساسلىقلارنى يىغىۋالغان ، گەرچە لىيۇبېيغا ئوخشاش بەش شىرمىتى بولمىسىمۇ ،لېكىن ئۇلار كوللىككتىپ كۇچىگە تايىنىپ ، ئىپادىسى ئىزچىل مۇقىم بولۇپ كەلمەكتە ، ئەلۋەتتە ، ئادەم سېتىۋىلىش قاتارلىق ئىشلاردا بۇلارنىڭمۇ موجىغا ئوىشاش قارا نىيەت سىمايى سى بار . شۇڭا خۇددى ساۋساۋنىڭ لىيۇبېيغا دىگىنىگە ئوخشاش بۇ قەھرىمانلار توپلانغان ئىتالىيە پۇتبول سەھنىسىدە ھەقىقى قەھرىمان مىلان ۋە يۇۋېنتۇس .
ئېنتىر --سۇن چۇەن نىڭ ۋۇ . سۇنچۇەن ئاساسلىق تايىدىغىنى جەنۇبنىڭ تەبىئى جۇغراپىيىلىك شارائىتى ،بۇ خۇددى ئېنتىرنىڭ تايىنىدىغىنى مولادى جەمەتىدىكى ئەڭ بەتخەج رەئىسىنىڭ پۇلىغا تايانغىنىغا ئوخشاش ، ئېنتىرمۇ خۇددى سۇنچۇەنگە ئوخشاش ئەڭ ئاخىرقى شاھلىق تەختىگە چىقالمىسىمۇ ،لېكىن ئۇچ پادىشاھلىقنىڭ ۋازىيىتىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكۇچىدۇر ، ھەر بىر مۇسابىقە پەسىلىدە ئېنتىرنىڭ مىلان ۋە يۇۋېنتۇس بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىسىدا كىمنى ئۇتىۋالسا يەنە بىر كوماندا ئۇچۇن چىمپىيونلۇقنى ئېلىشىغا كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ ياردىمى بولىدۇ .
مىلان ،يۇۋېنتۇس ، ئېنتىر ئۇچ كوماندا ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا پەيدا بولغاندىن كىيىن ھەريىلى چىمپىيون بولالمىسىمۇ ،چىمپىينلىقنى تالىشىدىغان ئەڭ ئاساسلىق كۇچلەر بولۇپ قالدى .
ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىىرىدە رىنايا كوماندىسى ئەڭ كۇچلۇك ئىدى ، پەقەت مىلان 1901-يىلى ئارىلىقتا چىمپىيون بولغىنىدىن باشقا ۋاقىتتىكى چىمپىيونلىقلارنى رىنايا ئىگەلىۋالغان ئىدى . 1905-يىلى يۇۋېنتۇس ئكزىنىڭ مىلاننىڭكىگە ئوخشايدىغان كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئەسلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدىغان كوماندىسىغا كۇلۇپ رەئىسنىڭ زاۋۇتىدىكى چەتئەللىك ئىشچىلارنى ئىشلەتكەندىن كىيىن تۇنجى قېتىم ئىتالىيە پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشتى .ئىككىنجى يىلى مىلان بىلەن يۇۋېنتۇسنىڭ نەتىجىسى ئوىشاش بولۇپ قالدى قائىدە بويىچە يەنە بىر مەيدان قوشۇپ ئويناش كېرەك ئىدى ، نەتىجىدە مۇسابىقە مىلاننىڭ مەيدانىدا ئوينىلىدىغان بولدى ، لېكىن يۇۋېنتۇس بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۇرۇپ ممۇسابىقە تاشلىدى ، مىلان بولسا جەڭ قىلمايلا چىمپىيونلىققا ئېرىشتى .بۇ قېتىملىق مۇسابىقە تاشلاش يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى .يۇۋېنتۇسنىڭ كومانندىسىنىڭ رەئىسى بىر قىسىم ياخشى ماھىرلارنى ئەگەشتۇرۇپ يۇۋېنتۇس كوماندىسىدىن ئايرىلىپ چىقتى ھەمدە تۇرىنو كوماندىسىنى قۇردى ، شۇنىڭدىن كىيىن يۇۋېنتۇسنىڭ ئەمەلىي كۇچى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتتى ، ھەمدە 20يىلغىچە ئەسلىگە كېلەلمىدى ، ھەتتا بىىر قېتىملىق مىلان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مۇسابىقىگە چقىدىغان 11ئادەمنىمۇ يىغىپ بولالماي ، 10ئادەم بىلەن ئويناپ ،مىلان كوماندىسى تەرىپىدىن 8توپ كىرگۇزىۋىتلدى .
يۇۋېنتۇسنىڭ بېشىغا كەلگەن كۇن ئىككى يىل ئۆتە-ئەتمەي مىلاننىڭمۇ بېشىغا كەلدى . 1908-يىلى ئېنترمۇ مىلاندىن ئايرىلىپ چىقتى ھەمدە ئۇنىڭدىن 1910-يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشتى .
لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي بىرىنجى دۇنيا ئۇرىشى پارتلىدى ،بۇ ئۇچ كوماندىنىڭ چولپانلىرى پۇتبولنى تاشلاپ .قورالنى ئېلىپ ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى ھەمدە بەزىلىرى ھەتتا قايتىپ كېلەلمىدى .

مەنبە: سەلكىن
____زىدانى تەستىقلىدى . |
|