ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 4956 |
تۆھپىسى: سەر |
|
1-ئاينىڭ 26-كۇنى ياۋروپا پۇتبو بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سايلىمىدا ،پىلاتىنى 27بېلەتكە قارشى 23بېلەت بىلەن 16يىلدىن بېرى ئىزچىل رەئىس بولىۋاتقان جونسوننى يېڭىپ ،ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولدى ،
ئەسلىدە جونسوننىڭ ئۆزى چېكىنىپ چىكىتىپ ،ئورنىنى گىرمانىيەنىڭ بۇرۇنقى داڭلىق پۇتبولچىسى بېكىنبائۇرغا ئۆتكۇزۇپ بەرگىسى بار ئىدى ،لېكىن بېكىنبائۇر ئۆزىنىڭ جونسون پىنسىيەگە چىقمىغۇچە بۇ ئورۇنغا قىززىقمايدىغانلىقىنى ئېيىتقاچقا ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ئورۇننىڭ بۇلاتېنىڭ قولچومىقى بولغان پىلاتىنىنىڭ قولىغا چۇشۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەچكە ، 77يېشىدا يەنە رەئىسلىك سايلىمىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولدى .ھەممىگە مەلۇمكى جونسون ئۆزى يالغۇز چېرىكلەشكەن دۇنيا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئىككى رەئىسسى ئاۋىيلەن ۋە بۇلاتې بىلەن ئىزچىل قارشىلىشىپ كېلىۋاتاتتى ،ھەمدە ئۇلارنىڭ ئادەمنىڭ كاللىسى ئۆتمەيدىغان ئاجايىپ-غارايىپ پىلانلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتاتتى، لېكىن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا ئازدۇر -كۆپتۇر مەنپەئەتلەر بىلەن ئالداپ ئورنىنى ساقلاۋاتقان بۇلاتې ياۋروپا بىلەن ئافىرىقادىن باشقا قىتئەلىرىنى ئۆزىنىڭ قولچوماقلىرى بىلەن ئىگەللىۋىلىپ جونسوننى يالغۇز قالدۇرۇپ قويغانئىدى ، ئەمدى ئۇ جونسوننىڭ چېكىنىدىنغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ پىلاتىنى دىگەن بۇ قولچومىقى بىلەن ئەڭ ئاساسلىق رەقىبى بولغان ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىمۇ قولغا ئېلىۋالدى ،
پىلاتىنى ئالدى بىلەن ئىشنى بۇلاتېنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئاجىز كوماندىلارغا ۋەدە بېرىشنى باشلىدى ، ئەڭ ئاۋال ئۇ ئىتالىيە دەك دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ياۋروپا چىمپىيونلار لوڭقىسىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت ئۇچ كوماندا قاتنىشالايدىغانلىقىنى ، بۇلاردىن ئالغان ساننى باشقا ئاجىز كوماندىلارغا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .بۇ كىچىك ئاجىز كوماندىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ،لېكىن ياۋروپادىكى كۇچلۇك كوماندىلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا قارشى چىقتى .قېرى سېر باشچىلىقىدىكى G14نىڭ رەھبەرلىرى پىلاتىنىغا ھازىرقى چىمپىيونلار لوڭقىسىنىڭ تۇزۇلمىسىنى ئۆزگەرتمەسلىك ھەققىدە ئۇنى ئاگاھلاندۇردى ، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سەزگەن پىلاتىنى شۇنيڭ بىلەن ئاستا ئاستا ياۋروپادىكى پۇتبولى ئاجىز دۆلەتلەرگە بېرىپ ، بۇنىڭدىن كىيىن ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ سانىنى 16دىن 24كە ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ، بۇ چاغغا ئۇلارنىڭمۇ قاتنىشالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۇلاردىن بېلەت ئېلىشقا باشلىدى ھەمدە ئاخىرى جونسوننى يېڭىپ ،رەئىس بولدى .
ئۇنىڭ رەئىس بولىشى ياۋروپادا ئىنتايىن چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى ، ھەمدە ياۋروپانىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى پۇتبول ۋەزىيىتىدا ھەرخىل قىياسلار ئوتتۇرىغا كەلدى ،
مەنمۇ قىلىپ باقاي ئەمسە .
ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭ يولىقىدىغىنى ،جونسوننىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىسى بولغان ئورسېن نىڭ ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىدىن ئىستىپا بېرىپ چىقىپ كېتىشى . ئۇ چەك تاشلاشنىڭ ئالدىدا ئەگەر جونسون مەغلۇپ بولسا ئكزىنىڭ ئىستىپا سورايدىغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى ، ياۋروپا پۇتبول ئەھۋالى ۋە ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ كۇندىلىك خىزمىتىگە ئەڭ پىششىق بولغان ئورسېېنىڭ چېكىنىشى ئەمدى تەخىتكە ئولتۇرغان پىلاتتىنىو خىزمەت باشلىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەسلە ،
ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن PKلىشىدىغىنى G14نىڭ ئەزالىرى ، پىلاتىنىڭ پىلانى بويىچە بولغاندا ئىتالىيە ،ئىسپانىيە ، ئەنگىلىيە كۇلۇپلىرىنىڭ چىمپىيونلار لوڭقىسىغا قاتنىشىدغان سانىنى تۆتتىن ئۇچكە ئازايتىش ،ھەمدە بۇنى باشقا ئاجىز كۇلۇپلارغا بۆلۇپ بېرىش ئىدى ، ھەممىگە ئېنىقكى چىمپىيونلار لوڭقىسى بىر سېمىز تورت ، بۇ تورتنى ياساۋاتقانلار دەل ئاشۇG14نىڭ ئەزالىرى ، ھەر مۇسابىقە كۇنىدە G14نىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە دەل مەندەك كىشىلەر كېچە كېچە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغانلار مۇسابىقىلەر ، ئەمدىلىكتە بۇ ەزالارنىڭ بىر قىسمى قاتنىشالمىس ،مۇنداقلا دىگەندە ئاشۇ تورتتىن بىر كېسىم يىيەلمىسە ،بۇلار ئەلۋەتتە ئۇنىمايدۇ ،دە ، بۇ زىدددىيەت خېلى بىر چەغلارغىچە ھەل بولماسلىقى مۇمكىن ، ئەڭ ئېغىر بولغاندا ئەزەلاىن ئۆزى ئايرىم بىر مۇسابىقە ئۆتكۇزۇشنى ئويلايدىغان G14 چىمپىيونلا رلوڭقىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ، ئۆزلىرى مۇسابىقە ئۆتكۇزىشى ، ئۇنىڭدىن كىيىن شىمالى ياۋروپادىكىلەر بىر ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۇزىشى دەك چىمپىيونلار لوڭقىسىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن .
ئەمدى ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندىلارنىڭ سانىنى 16دىن 24كە ئۆزگەرتىش ،ھەممىدىن ئاچچىقىمنى كەلتۇردىغىنى مۇشۇ ، ھەممىگە ئېنىقكى ياۋروپا چىمپىيونلار لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى يەرشارىدىكى سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغانپۇتبول مۇسابىقىللىرى ، ياۋروپا لوڭقىسنى تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندىلار ياۋروپادىكى ئەڭ كۇچلۇك كوماندىلار ، شۇڭا ياۋروپا لوڭقىسنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا ئىتالىيەدەك دۇنيا چىمپىيونلىرىمۇ ئۇرۇق كوماندا بولالمايدىغان ، گىرمانيەبىلەن ئەنگىلىيەدەك كوماندىلار ئۇچىرىشىپ قالسا ھەتتا ئۆز گۇرۇپىسىنىڭ 4-بولۇپ قالماسلىق ئۇچۇن كىچىك گۇرۇپىنىڭ 3-لىكىنى جېنىنى تىكىشىپ تالىشىدىغان ئەھۋاللار دائىم يۇز بېرىدۇ ، تۇركىيەدەك ياۋروپانىڭ ئاجىز كومانندىلىرى دۇنيا لوڭقىسنى تالىشىش مۇسابىقىسدە مىس مىدال ئېلىشى مۇمكىن ،لېكىن ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدا ئۇ سەۋىيىسى بىلەن ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىشمۇ بىر چوڭ مەسلە .قاتناشسىمۇ كىچىك گۇرۇپىدىن چىقىش ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى .
لېكىن ئەمدىلىكتە دۇنيا لوڭقىسىغا ئوىشاش ساننى كۆپەيىتسە ئۆزىغۇ ئاشۇ بىر قىسىم بېلەتكە ئېرىشەر لېكىن ياۋروپا لوڭقىسىمۇ دۇنيا لوڭقىسىغا ئوخشاش سەۋىيىسى چۇشىدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ ، دۇنيا لوڭقىسىنىڭ سەۋىيىسى چۇشۇپ ،جوڭگومۇ قاتنىشالايدىغان ھالەت شەكىللەندى ، ئەمدى بىر ئوبدان ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىمۇ بۇنداق بولۇپ قالمىغاي ،
ئۇنىڭدىن كىيىنكىسى بۇلاتې .بۇلاتېنىڭ ھېلىقى بولمىغۇر قالايمىقان خىياللىرىنى جونسون ۋە ئۇنىڭ قوللايدىغان ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى توساپ كېلىۋاتقان ئىدى ، ئەمدىلىكتە بۇلاتېنىڭ قولچومىقى بۇ ئورۇنغا چىقتى ،ئۇنىڭ پىلانىنى توسايدىغان كۇچلۇك توسالغۇمۇ يوقالدى ، ئەمدى قانچىلىك قالايمىقانچىلىق بولىدۇ ؟؟؟؟
ئىشقىلىپ پىلاتىنىنىڭ تەخىتكە چىقىشى پۇتبولى ئەڭ سېستىمىلىق ،ئەڭ تەرتىپلىك ،ئەڭ ئىلمى بولغان ياۋروپانى بۇزمىسىلا بولاتتى .
[wmv]http://music.miqiu.com/worldcup/2004europecup.mp3[/media]
مەنبە : سەلكىن.
_____زىدانى تەستىقلىدى. |
|