ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 58 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پاۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى سەككىز كۇچلۇككە كىرىش ئىككىنچى ئايلانمىسى باشلىنىش ئالدىدا .ئەمسە مۇسابىقە ئالدىدىكى تۇكۇرۇك ئۇرىشىنى باشلاپ كەتتۇق .[s:13][s:12]
بىرىنچى ئاللانمىدىكى نەتىنجە 0 : 0 بۇ مىلاننى قانائەتلەندۇردىغان تەڭلىش ھىساپلانمايدۇ.
ئالدىنقى ئۇچۇرشۇشتا بىزگە ئوخشاش توپ مەستانىلىرىنىڭ ھەممىسى بۇمۇسابىقىنى ناھايتى قىززىيدۇ ،ناھايتى شىددەتلىك بۇلىدۇ دەپ ئۇيلىغان ،لىكىن ياش ،قارام كۇچكە تولغان ،ئارسىنال قىرى ئەمما تەجىرىبىسى مۇل مىلان ئالدىدا تەمتىرىدى،پۇتۇن مەيداننىڭ رىتىمىنى كونتۇرۇل قىللالمىدى ،مۇل تەجىرىبە ئۆزىنىڭ يارۋۇپا چىمپىيونلوق لوڭقىسىدا قانداق مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى . مىلان تاكتىكا جەھەتتىن ئېيىتقاندا مىھمان مەيداندا غەلبە قىلدى دىيىشكە بۇلىدۇ !گەپ كىيىنكى ئۇچۇرشۇشتا .
لىكىن بۇ 0؛0 نەتىنجە ئۇنچۇۋلا بىخەتەر ھىساپلانمايدۇ ،ھايات -مامات جىڭى سان -سىرونو مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . ئەنچىلودى قانداق تاكتىكا ،قانداق سەپ شەكلى ئىشلىتىدۇ ؟بۇ بىزگە نامەلۇم .
ئەمدى مەن چولتا بولسىمۇ ئۈزۈمنىڭ كوزقاراشلىرىنى سوزلەپ باقاي
مىلاننىڭ سەپ شەكلى يەنىلا 4:3:2:1 بولىشى مومكىن
مىلان ھۇجۇمچىغا كىمنى چىقىرىش مەسىلىسى؟؟ ئالدىنقى ئۇچىرىشىشتا پاتتو ئۇزى يالغۇز ھۇجۇمدائوينىدى ،بۇ ئەنچىلود نىڭ قايتارما ھۇجۇم تاكتىكىسىدا سۇرئەت ئالاھىدە تىز بولغان پاتتونى ئىشلىتىشى مىنىڭچە ئەقىلگە سىغىدۇ ،پاتتو گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئەنچىلودى يورەكلىك بىلەن مەيدانغا چىقىرىپ سۇرئەتنىڭ تىزلىكى بىلەن قايتارما ھۇجۇمدا نۇمۇر ئېلىشنى قۇلغا كەلتۇرمەكچى بولدى. (تەلەي قوغلۇشۇپ دوغا تىكتى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ) سان -سىرونودىچۇ؟ كىمنى ئىشلىتىش كىرەك؟
پاتتونى مىنىڭچە ئىشلەتمەيدۇ ئىشلەتسىمۇ 76مىنوت بولغاندا ئالماشتۇرۇپ مەيدانغا چىقىرىشى مومكىن . (ئېھتىماللىغى توۋەن) ئەگەر پاتتونى يالغۇز ئىشلەتسە پاتتونىڭ تىزلىكىنى نەزەرگەئالغان پۇتۇن سەپ بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتۇپ ئارسىنالنىڭ مۇداپىيەسىنى قالايمىقان قىلىپ پاتتوغا بوشلۇق بېرەلىسە بولىدۇ ، ئارسىنالنىڭ بىكلىرىنى قالايمىقان قىلىپ پاتتوغا پۇرسەت چىقىرىپ بىرەلەيدىغان مىلاندا پەقەت كاكا بار باشقىلار يۇگىرەلمەس بۇلۇپ قالغانلار مىنىڭچە بۇ تاكتىتا ئاكمايدۇ
جىلادىنوچۇ ؟ مىلانغا كىلىپ پارمادىكى ئىپادىسىنى تاپالماي پىقىراپلا قالدى ، مەندانغا چىقسا رولى شۇ باشقىلا بەرگەن پاسنى ئۇيان ئىتتىرىپ بىرىش،ئۆزىگە قايتۇرۇش بىرىش باشقىلار بىلەن 2دە 1پاس ئىشلەش بۇلۇپ قالدى . مىنىڭچە ئالدىنقى مەيداندا جىلادىنو مەيدانغا چىقىدۇ ،ۋەزىپىسى كاكا ھەم شىدوف قا مەلۇم ھەركەت قەلغۇدەك بۇشلۇق يارىتىپ بىرىش .....دىگەندەك (مۇشۇ جىلادىنو دىگەن بالىغىمۇ ئامراق. مەن لىكىن نىمە بولدىكىن تاڭ مەيداندا ئىپادىسى قەتئى ياخشى ئەمەس ،كاكا نىڭ شەخسىيەتچىلىكى مۇشۇ بالىغا ئېغىر زىيان قىلدى )
پىپپو كىيىنكى يېرىم مەيداندىكى ئۇمۇدىمىز مەيداندىكى نەتىنجىنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ھۇجۇمچى ،ھەقىقى پۇرسەت ئۇستىسى مىنىڭچە بۇ ئاشكارلىنىپ كەتكەن مەخپى قورالنى ئەنچىلود كىيىنكى يېرىم مەيداندا چۇشۇرىشى مومكىن . بۇ بويتاق يىگىت يېشى چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ پۇرسەتنى ھەقىقەتەن قولدىن بېرىپ قويمايدۇ .
ئەمدى ئوتتۇرا مەيداندىكى ئىككى ئالدى بەل كاكا بىلەن شىدوف قا كەلسەك كاكا توغرىسىدا ئارتۇق ەەپ ئىشەككە يۇك .كاكا بىر ئادەملا ئارسىنالنىڭ مۇداپىيە سىپىنى خېلىلا ئاۋارە قىلىپ باقىدۇ .شىدوفنىڭ يىراقتىن ئۇرغان توپلىرى بەزىدە 2دە 1پاس ئىشلەپ بۇسۇپ كىرىشلىرى خېلى قورقۇنۇچلۇق .
3ئارقابەلدىكى پىرلونىڭ يىراقتىن بەرگەن پاسلىرى ،تەشكىللىگەن ھۇجۇملىرى ،جاتۇسو بىلەن ئامبىروسنىڭ مۇداپىيەسىنىڭ قاتتىقلىقى ،ئۇرۇننى ياخشى ساقلىشى ئارسىنالنىڭ ئوتتۇرامەيدانىنى پايدىسىز ئەھۋالغا چۇشۇرۇپ قۇيدىغىنى ئېنىق . بۇۋاقىتتا مۇسابىقە رىتىمى مىلان رىتىمىغا چۇششۇپ كىتىدۇ.(لىكىن ئالدىنقى ئۇچۇرشۇشتا پىرلونىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولمىدىم ئەڭ ناچار ئۇينىغان تەنھەركەتچى شۇ پىرلو )
بىكلاردىن نىستا بىلەن كالازدا مەسىلە يوق تۇمۇردەك تۇردىغان بىكلا، ئوۋدو نىڭ ئىپادىسىمۇ ئەڭ ياخشى ھالەتكە يېقىنلىشاي دەپ قالدى خاتىرجەم بولالمايدىغان جاي سول تەرەپ يانكىلوسكىنىڭ ئىپادىسى بەك تۇراقسىز ،مالدىنىنىڭ ئىپادىسى تۇراقلىق لىكىن(ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق چىراي) ........ ئالدىنقى ئۇچۇرشىشتا ئارسىنال مالدىنى تەرەپتىن بوسوپ ئۇتۇشكە بەكلا كۇچىدى ،بەزىدە بوسۇت ئۆتكەنمۇ بولدى لىكىن مۇداپىيە سىپىنى قالايمىقان قىلالمىدى . شۇ مالدىنى شاش تۇررۇپلا بەرسە بۇنىڭدىنمۇ خاتىرجەم .
ۋارتاردا گىگانىت ئادەم كالاچ (شۇ ئادەم تىللىغاندەك ئاڭلىنىدۇ بۇنىڭ ئىسمى ئىنگىلىسچە يا ئىتالىيەچە مۇسابىقە چۇشەندۇرۇشىنى ئاڭلىساڭلاغۇ بار زەدىسى بىلەن كالاچ كالاچ دەپ ۋاقىرايدۇ) ئىپادىسىمۇ شۇندا ياخشى شۇ يوغان بەدەن بىلەن توپ دىگەننى توساپ قويۋاتىدۇ . دىدا دىگەن ۋالىبولچىنى ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويىدىغان چېغىۋا
گەپ تاكتىكىدا قالدى ،سان سىرىنو مەيدانىدا مىلان قانداق تاكتىكا ئىشلىتىپ ئارسىنالنى مەغلۇپ قىلىدۇ ؟ بۇ نامەلۇم لىكىن تەجىرىبىگە باي مىلان ،تەجىرىبىگە ۋە تاكتىكىغا باي ئەنچىلود نىڭ سان سىىرىنودا غەلبىنى قولغا كەلتۇرۇشكە ئىشىنىمەن شۇندا بۇلىشىغا تىلەكداشمىز |
|