akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4293|ئىنكاس: 29

مارىستا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
xx-يىلىx-ئاينىڭx-كۈنى
تاشقى پىلانىت پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن ،مارىستا يەرشارى پۇتبول كوماندىسى بىلەن تاشقى پىلانت پۇتبول بىرلەشمە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا بىرمەيدان دوستلىق پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىش ماقۇللاندى.تاشقى پىلانت پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزىشىدىكى مەقسىدى يەرشارى پۇتبول ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىگەللەش،يەرشارى بىلەن بولغان دوستلىقنى كۈچەيتىپ پۇتبول ھەركىتىنى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇش،مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا يەرشارى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولۇپ كۆپلىگەن پۇتبولچىلارنى يەرشارىغا ئەۋەتىپ تاشقى پىلانت پۇتبولچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىدى.ئۇلارنىڭ يەنە بىر تەلىپى يەرشارى پۇتبول بىرلەشمىسى تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدونى چوقۇم ئېلىپ كىلىش ئىدى.چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا تاشقى پىلانت پۇتبولچىلىققىنى بىرمەزگىل زىلزىلىگە سالغان ،يۇقىرى ماھارەتلىرى بىلەن كەڭ توپ مەستنىللىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان رونالدونىڭ تاشقى پىلانت پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىك دەپ قاراپ يەرشارى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولۇپ يەرشارىغا كىتىشى تاشقى پىلانت پۇتبول مەستانىللىرىنى داغدا قويغان ئىدى.تاشقى پىلانت پۇتبول بىر لەشمىسىدىكىلەر ھازىر ئۇنىڭ تولا ياردار بولىدىغانلىقى ،سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭ ئۆز <ئوربىتا>سىغا كىلىپ ئانا يۇرتىنى كۆرگەچ توپ ئويناپ كەتسە ،سالاماتلىكى تېزراق ياخشىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قاراپ يەرشارى پۇتبول بىرلەشمىسىگە بۇ تەكلىپنى بەرگەن ئىدى.
يەرشارى پۇتبول بىرلەشمىسى بۇ تەكلىپنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن يەرشارىدىكى كەڭ پۇتبول مەستانىللىرىنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن يەرشارىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىلارنى ئېلىپ مارىسقا چىقتى.
يەرشارى كوماندىسىدىكىلەر مارىسقا چىققاندىن كېيىن ئۈچ كۈن دەم ئالغاچ مەشىق ئېلىپ بارغاندىن كېيىن تۆتىنچى كۈنى مۇسابىقە رەسمى باشلاندى.
مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن تاشقى پلانت بىرلەشمە پۇتبول كوماندىسى مەيداندىكى ساھىبخانلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قوزغىدى.يەرشارى كوماندىسى باشتا مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ ئۇينىغاچ ئاستا-ئاستا مۇسابىقە رېتىمىگە ماسلىشىپ كەتتى،ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ھەر ئىككى تەرەپ شۇنداق تىركەشكەن بولسىمۇ بىرمۇ نۇمۇر ئالالمىدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سالامەتلىكى تېخى تولۇق ئەسلىگە كېلىپ بولالمىغان رونالدو مەيدانغا چۈشۈرىلمىگەن ئىدى،كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلانغاندا ئۇ مەيدانغا چىقتى.مەيداندىكى پۈتۈن توپ مەستانىللىرى ئۇنىڭغا قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى .
رونالدونىڭ مەيدانغا چۈشىشى بىلەن يەر شارى پۇتبول كوماندىسىدىكىلەرمۇ ئېچىلىپ كەتتى،تاشقى پىلانت پۇتبول بىرلەشمە كوماندىسىدىكىلەر بولسا ئەمدى تولۇق مۇداپىئە ھالىتىگە چۈشتى.يەر شارى كوماندىسىدىكىلەر ئۆزئارا ياخشى ماسلىشىپ تېخمۇ كۈچلۈك ھۇجملارنى قوزغىدى. ئۆز <ئوربىتا>سىنىڭ ھاۋاسى پايدا قىلدىمۇ قانداق تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدونىڭ بۇ مەيداندىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى ،شۇنىڭ بىلەن رونالدونىڭ ئۇرغان ئۈچ توپى،c.رونالدونىڭ ئىككى توپى ۋە زىدانىنىڭ چىرايلىق ئۇرغان بىر توپى بىلەن يەرشارى پۇتبول كوماندىسى 0گە قارشى 6نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.
تاشقى پىلانت پۇتبول مەستانىللىرى يەرشارىدا رونالدوغا ئوخشاش ھەر جەھەتتىن تولۇق يىتىشكەن پۇتبولچىلارنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدى ھەم يەرشارى پۇتبول ھەركىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەرقانداق بىر پىلانتنىڭكىدىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
مۇسابىقىدىن كىيىن يەرشارى پۇتبول بىرلەشمىسى تاشقى پىلانت پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ۋە رونالدوغا ئوخشاش <تاشقى پىلانت> پۇتبولچىللىرىنىڭ يەرشەرىغا كىلىپ توپ ئوينىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنداق قىلىپ تاشقى پىلانت ئادىمى رونالدو كۆزى قىيمىغان ھالدا يەرشارىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
كىيىنكى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تاشقى پىلانتتىكى كىچىك پۇتبول سۆيەرلەر مۇنداق بىر قوشاقنى تۇقىۋاپتۇ.

مەن پۇتبولنى دوست تۇتۇپ
ياخشى مەشىق قىلىمەن
رونالدودىن ئۈگىنىپ
داڭلىق توپچى بولىمەن


دوستلار بەك قاملاشمىغان بولىشى مۇمكىن ! مەنمۇ رونالدونىڭ قوللىغۇچىللىرىدىن بىرى . مەنمۇ ئۇنىڭ پۇتبول مەيدانىغا تېزرەك قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

totti تەستىقلىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-2 12:37:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق قىزىق  [s:13] خا خا خا..  [s:13]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-2 13:27:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قاملاشتۇرۇپ يىزىپسىز ،رونالدونىڭ پاتىراق ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-2 14:25:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز ،  [s:13]  [s:13]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-2 14:44:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكەن [s:1]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-2 14:46:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز!!!!!
تەسەۋۋۇرغا  بەك باي ئىكەنسىز!!!
رەھمەت!!!
رونالدونىڭ پاتىراق ساقىيىپ مەيدانغا قايتىپ كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-2 15:40:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ياخشى بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-2 18:49:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي !!  رونالدىنخو توپ ئۇرماپتىدە ھەراست مىسسى ئويناپتىمۇ سەپ شەكلىنى ئەۋەتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن !~!~~!~!    بەك ماسلىشىپتۇ جۇمۇ !~!~! [s:12]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-2 20:26:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
را سلا بەك ياخشې بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-2 20:30:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسەۋۋۇرغابايكەنسىز /
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-3 11:10:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى قاملاشتۇرۇپ قويۇپسىز...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2008-3-3 12:29:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ......رونالدو تىزرەك ساقىيشىنى بىزلا ئەمەس ،ھەممە ئادەم ئويلايدىغاندۇ ھە.....
لىكىن ئۇنىڭ يېشىمىۇ بىر يەرگە باردى ،ئۇنىڭ ئۇستىگە تولا يارلىنىپ كېتىپ باردۇ .....ھەي ئەپسۇس ....\\
ئەسىرىڭىزدە رونالدىنخوغا بىرەر پۇرسەتمۇ بەرمەپسىز ئەمەسمۇ ؟  بۇرونالدىنخوغا بەك ئىچىم ئاغىرىيدۇ دېسە...........ھەي ....قاچانمۇ دەس ئورنىدىن تۇرار بۇ بالاڭزا....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 16:11

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش