ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 17 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇگۈن چۈشتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە بىرىنچى مەيداندا 1-باشلانغۇچ مەكتەپ تۇمشۇقتاغ پۇتبول كوماندىسى بىلەن 4-باشلانغۇچ مەكتەپ بىرلەشمە(4-،6-،باشلانغۇچ مەكتەپ) پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى،بۇمۇسابىقىدە نەتىجە 6:1بولۇپ تۇمشۇقتاغ كوماندىسى ئۈستۈنلۈكتە .
ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە 2-باشلانغۇچ مەكتەپ چوققا پۇتبول كوماندىسى بىلەن 3-باشلانغۇچ مەكتەپ مۆلجەرتاغ پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى.بۇمەيدان مۇسابىقە ناھايتى قىزىغان بولۇپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسىبىقە نەتىجىسى 1:0 بولۇپ ئاخىرلىشىپ بىزنىڭ كوماندا كەينىدە قالدى ،بىراق كىيىنكى يرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 5مىنۇت ئۆتەر ئۆتمەيلا بويى 120 سانتىمىتىر كىلىدىغان 9نومۇرلۇق ھۇجۇمچى تۇرغۇن بىرتوپ ئۇرىۋەتتى ،شۇنىڭ بىلەن كوماندىدىكىلەر قايتىدىن روھلىنىپ بەك كەسكىن مۇسابىقىلەشتى.دەل 15مىنۇت بولغاندا تۇرغۇن يەنە بىر توپ ئۇردى شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە نومۇرى 2:1 بولۇپ ئالدىغا ئۆتتۇق ، مۇسابىقە ئاخىرلىشىدىغانغا 10 مىنۇت قالغاندا بىر نوقتا توپ تىپىش پۇرسىتى كەلدى بىزگە، بۇ توپنى كاپىتان ، 7-نومۇرلۇق ماھىر ئېزىز ۋاراتارغا ئۇرىۋەتتى ،شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە توپ ئۇرۇلمىدى.چوققا كوماندىسى ئۇتتۇرىۋەتكەن بولسىمۇ ناھايتى جان تىكىپ ئېلىشتى. 2-باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇ مەكتەپ بولغان بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بالىلار ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى مۇسابىقە بىزنىڭ غەلبىمىز بىلەن ئاياغلاشتى،
ئەتە بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە بىرلەشمە كوماندا بىلەن چوققا كوماندىسى،ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە تۇمشۇقتاغ كوماندىسى بىەلەن مۆلجەر تاغ كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئوينىلىدۇ.
تورداشلارنىڭ مۆلجەرتاغ كوماندىمىزنىڭ غەلبە قىلىشىغا مەدەت بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەتە يەنە مۇسابىقە نەتىجىسىنى خەۋەرقىلىپ قويىمەن. |
|