akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1557|ئىنكاس: 7

شىنجاڭدىكى 100يىللىق تارىخقا ئىگە پۇتبول كەنتى .

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنجاڭدىكى 100يىللىق تارىخقا ئىگە پۇتبول كەنتى .

رايونىمىزدا يۇز يىللىق پوتبول ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر كەنت بار،ئۇ بولسىمۇ پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان ئاتۇش شەﻫىرىگە قاراشلىق ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسىنىڭ ئىكساق كەنتى.1956-يىلى ئىكساق پۇتبول كوماندىسى شىنجاڭ پۇتبول مۇسابىقىسىنڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۇرگەن.1988-يىلىدىن ﻫازىرغا قەدەر بۇ يىزىنىڭ ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى دۆلەت ئىچىدە خېلى داڭقى بار،سىچۈەن تىيەنجىڭ ،گۇاڭدوڭ قاتارلىق جايلاردىكى بەزى كوماندىلار بۇ يەرگە كىلىپ ياش توپچىلارنى قوبۇل قىلغان.
ئىكساق كەنتىنىڭ كەنت تارىخىدا خاتىرلىنىشىچە 1885-يىللاردىلا بۇ يىزىدا پۇتبول قىزغىنلىقى ئەۋج ئالغان بۇلۇپ ئىشلىتىدىغان توپ قالپاق ئىچىگە سامان تىقىپ ياسالغان ﻫەم قالپاق توپ دەپ ئاتالغان.1908-يىلى شۇ يەرلىك بىر باي پۇل چىقىرىپ يەر سېتىۋېلىپ بىر توپ مەيدانى ياساتقان ئىكەن .
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قوزغالغان پۇتبول قىزغىنلىقى ئەينى يىللاردا قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە ۋە شىۋىتسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان،قەشقەر ئەزەلدىن يىپەك يولىنىنڭ مۇﻫىم تۈگۈنى بۇلۇپ ئىكساق كەنتى تۇرۇشلۇق جاي ئاتۇش قەشكەردىن نەچچە ئون كىلومىتىرلا يىراقلىقتا.1927-يىلى 5-ئايدا ئەنگىلىيە،شىۋىتسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن ئىكساق كەنتى كوماندىسى قەشقەرگە كىلىپ ئۇلار بىلەن مۇسابىقىلەشكەن،مۇسابىقىنى نەچچە ئونمىڭ كىشى كىلىپ كۆرگەن،كوماندا ئەزالىرىنىڭ بەزىللىرى ﻫەتتا يالاڭاياق توپ تەپكەن،مۇشۇنداق جاپالىق شارائىتتىمۇ ئۇلار يەنىلابىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئەنگىليە كوماندىسىنى،نولگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن شىۋىتسىيە كوماندىسىنى يەڭگەن.
ﻫازىر ئۈستۇن ئاتۇشتىكى 23مەكتەپ،17يىزا بازارنىڭ ﻫەممىسىدە پۇتبول كوماندىسى بار بۇلۇپ كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى زور دەرجىدە بېيتىۋېتىپتۇ.
ئۈستۇن ئاتۇشتىكى ئاشۇ ئۆسمۇر توپچىلارنى ئاساس قىلغان ئاتۇش ۋەكىىللەر كوماندىسى 1988-يىلى شىنجاڭغا ۋاكالىتەن پۇتۇن مەملىكەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 5-لىككە،1998-يىلى 2-لىككە ئىرىشتى.2001-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۇزۇلگەن كىچىك ئا دەرجىلىكلەر جىيەنلىباۋ مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئىرىشتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-11 15:59:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى توللاپسىز ، مەنمۇ ئىكساق كەنتىنى خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان. ئىكساق كەنتى ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈشىكى ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-11 20:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى توپلىغىچە تازا جاپا چەككەنسىز !!!!!!
مۇنبىرىمىزدە سىزدەك تىرىشچان ئەزا بولغىنى ياخشى بولدى !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-11 22:09:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى چاغدا ئىكساق كوماندىسى 7-0 شىۋىتسىيە كوماندىسىنى يەڭگەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-13 18:49:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئاڭلىشىمچەئۇلار بۇغدايلىقتا مۇسابىقىلىشىپتىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-16 01:25:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق،  ئەينى  چاغدا  ئاتۇشتىكى  بىر  ئاقساقال  ئۆزىنىڭ  يىغقان  مال - دۇنياسىنى  سەرپ  قىلىپ  بىر  پۇتبول  مەيدانى  ياسىتىپ  بېرىپتىكەن ،  ئۇ  چاغدا  پۇتبولنى  قوللايدىغانلار  بىلەن  قارشى  تۇرىدىغانلار  ئوتتۇرىسىدا   زىددىيەت  بەك  كەسكىن  بولغاچقا  ئادەتتىكى  ئادەملەر  ئاشكارا  ھالدا  پۇتبولچىلىقنى  قوللىيالمىغان.

    شۇ  قېتىملىق  مۇسابىقىدە  ئەنگليە -  شۋېتسيە  كوماندىلىرى ئۇيغۇرلارمۇ   بوش  كەلمەيدىغانلىقىنى  ھېس  قىلىپ  قائىدىگە  خىلاپ  ھالدا  پۇتلاش ۋە  قەستەن  ئىتتىرىۋېتىش  دېگەندەك  ئۇسۇللار  ئارقىلىق  ئۇلارنى  ئامال  بار  ھۇجۇم  قىلغىلى  قويماپتىكەن ،  لېكىن  ئۇلار  يەنىلا   دوستانىلىق  بىلەن  ئويناپ  قارشى  تەرەپ ئەزالىرىنى  ئۆزىچە  ئامالسىز   ئەھۋالغا  چۈشۈرۈپ  قويۇپتىكەن،  مەنمۇ  بۇ  ماقالىنى  ئوقۇغانىدىم،  ئۇلارنىڭ  ئىش - ئىز لىرىنى  ئاڭلىغان  ھەر  قانداق  ئادەم  ئاپىرىن  ئېيتماي  تۇرالمايدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-16 13:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ېجژجسلكقاسدقاسكدقادكسقددددددددددددددددددددددددددددددددددددددد
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-16 18:35:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كارلوس دىگەن بالاڭزا نىمانداق قىلىغۇ دەيمەن !!!!! [s:7]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 20:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش