ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4078 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يىللىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسى لوڭقىسى خانلىق مادرىدقا ئاتالغان بولسا كېرەك، ئۇلار تاكى ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسىدە بايرىن-مىيۇنخىن تەرىپىدىن شاللانغاندىن تاتىپ ئوينالغان ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە بىر مەيدان ئۇتتۇردى، ئىككى مەيدان تەڭلەشتى، قالغان 10 (10 مۇ 11 ئېنىق يادىمدا يوق ) مەيداندا غەلىبە قىلدى !
ئۇتتۇرغان بىر كوماندىسى سانتاندېر رىقابەت كوماندىسى بولۇپ ئۇ مۇسابىقە 2-1 ئاياقلاشقان، مۇسابىقىدە قارشى تەرەپ ئىككى نۇقتا توپ كىرگۈزگەن، نۇقتا توپنىڭ ئىككىلىسى خاتا چېلىنغان.....
ئىشقىلىپ مادرىد بارسېلونا بىلەن 3-3 تەڭلەشكەندىن بۇيان (بارسېلونانىڭ مەيدانىدا جۇما يانا كېلىپ [s:7] ) بەكلا ياخشى ئوينىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئوينىشىدىن باشقا تەلەيمۇ مادرىدنىڭ ئەتراپىدىن چۆگىلەپ كېتەلمىدى. ئېسىمدا قېلىشىچە مادرىد يېقىنقى 4-5 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدىلا ۋاقىت توشاي دېگەندە ياكى توشقاندا توپ تىقىپ نەتىجىنى ئۆزگەرتىپلا كەلدى.
مادرىد كېلەر ھەپتە ئۆزىنىڭ مەيدانىدا مالوركا بىلەن ئوينايدۇ.
بارسېلونا كېلەر ھەپتە ساھىبخان بولۇپ تاراگونا بىلەن ئوينايدۇ.
سېۋىللا ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ۋىللارىئال بىلەن ئوينايدۇ.
مادرىد ئۇتسىلا چېمپىيۇن بولىدۇ، بارسېلونا چېمپىيۇن بولۇش ئۈچۈن ئۇتقان ھالەتتىمۇ مادرىدنىڭ نەتىجىسىگە قارايدۇ، سېۋىللا بولسا ئۆزى ئۇتقاندىن سىرت يۇقىرىقى ئىككى كوماندىنىڭ نەتىجىسىگە قارايدۇ.
شۇڭا چېمپىيۇن بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى كوماندا بىزنىڭ ---- مادرىد !!!
چەكلەنگەن رايون قاتىلى ۋەن نىستېلرويغا بۇيىل بەكلا ئامراق بولۇپ قالدىم ~! |
|