akyipakelan roni : 13999092457
ئىگىسى: irada

شىنجاڭ كوماندىسى 2 : 2 كۆكخوت خەيبىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2007-6-11 14:39:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىنكى نەتىجە جەدۋىلى:
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-11 21:38:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق ئالغا!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-12 18:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقاي :بۇ كۈندىكى مۇسابىقە خېلى قىزىدى،باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كاماندىمىز نىڭ 14-نۇمۇرلۇق ئەزاسى بىر توپ كىرگۈزۈپ  تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتىنى خېلى يۇقۇرى كۈتۈردى،لىكىن شۇنىڭ بىلەن كاماندا ئەزالىرىنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى بولمىدى دوستلار ئويلاپ بېقىڭلار پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە 90مىنۇت، بۇنىڭغا نىسبەتەن 1 توپ دىگەن نىمە؟ يەنە 70مىنۇت مۇسابىقە ۋاقتى بار، ھە دىسىلا يېتىۋېلىپ ،سەۋەپ چىقىرىپ ۋاقىتنى سۇزۇپ ،نەتىجە ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرۇشى مۈمكىن ،بولسا بۇلارغا خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ سىنئالغۇسىنى  كۆرسۈتۈپ قۇيۇش كىرەكمۇ قانداق،ئالدىنقى مەيداندا ئەكرەممۇ خېلى بېسىپ ئويناۋاتقان 7-نۇمۇرلۇق بارى ئۇرغان توپنى ۋارتا تۇسۇپ قاڭقىپ چىقىپ ئەكرەمنىڭ ئالدىغا كەلگەنتى ئاجايىپ پەيزى تىپىۋەتتى دە .شۇنداق چىرايلىق تەپتى،لىكىن توپ قاپقىنىڭ ئۈستىدىن  چىقىپ  كەتتى ،ئەگەر كىرگەن بولسا  ئەڭ چىرايلىق توپ بۇلاتتى ،نەتىجىسى 2:0 بۇلاتتى،كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ ئۇزۇن بولمايلا ئەكرەم يەنە بىر قېتىم پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى،بولمىسا 3:0 بۇلاتتى،شۇ چاغدا ئاندىن ۋاقىت سوزسا قاملىشاتتى، بىز ئۇتاتتۇق ،لىكىن مۇسابىقە  ئۇنداق بولمىدى،كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ  ئانچە بولمايلا كاماندىمىزدىكى يولداشلار ئوفسايت (يۆۋېي)ياسايمىز دىدىمۇ نىمە بولدى   كوكخوتلۇق ئەزىمەتلەر قارىسام توپنى ئەكىرىپ گوملا  قىلىپ قاپقىغا ئۇرۇۋاتتى بىزنىڭ ۋارتا تاماشىبىنلارغا ئوخشاش قاراپ تۇرىدۇ،ۋاي بۇ نىمە ئىش دەپ قارىسام بىرنەچچىسى يان رېپىرغا قاراپ تۇرىدۇ،ئىچىمدە دەيمەن: سىز ئوفسايت ياساپ بولغىچە ئۇلار ياسىۋېتىپتۇ.ئىككىنچى توپنىڭ كېرىشىمۇ ئالامەت قىززىق ،كوكخوت كاماندىسىنىڭ 4ئەزاسى بىلەن بىزنىڭ ۋارتا قاپتۇ   يەنە كىرىپ كەتتى ،نەتىجە2:1 بولدى ئەمدى بىزنىڭ ئەزالار ئەس ھۇشىنى يىغىپ قاراپ باقسا ئىش چاتاق .بىرنەچچە قېتىم ھۇجۇم تەشكىللەپ ھۇجۇم قىلىۋىدى بىز ئورۇنلىرىمىزدىن تۇرۇپ ھۇررا دەپ ۋاقىرىشىپ كەتتۇق توپ كىرمىگەندىن كىيىن ھەييييييييي دەپ ئورنىمىزدا ئولتۇرۇپ تۇرشىمىزغا كوكىوت كاماندىسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۈتۈپ تاس قالدى نەتىجىنى 3:1 قىلغىلى چارىسام ۋارتا يوق بېكتىن بىرسى ئۇدۇل كىرىپ كېتىۋاتقان توپنى تېپىپ چىقىرىۋەتتى ھەممىمىز شۇنىڭغا رەخمەت دىدۇق ،8-نۇمۇرئېلدوس مەيدانغا چىققاندىن كىيىن قارىسام پەرھاتمۇ  ئورنىدىن تۇرۇپ ئەزالارغا يۇل يۇرۇق بەرگىلى تۇرۇپتۇ  شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ھۇجۇم تەشكىللەپ بىر ھۇجۇم قىلىۋىدى7-نۇمۇرلۇق بارى بىر توپ كىرگۈزدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇھ دىدۇق .نەتىجە 2:2 بولدى.ئەمدى كۈتكەن يېرىمىزدىن بولمىسىمۇ مۇشۇنىڭغا يەنە شۈكرى.
مېنىڭچە: 1.بۇيىلقى شىنجاڭ كاماندىسى تېخنىكا،پاس يەتكۈزۈش ۋە مۇداپىيە جەھەتتە ئۆتكەن يىلدىكىگە يەتمەيدۇ، 2.بۇيىلقى ئىچكىرىدىن ئەكىرگەن  ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ئالدىنقى يىلدىكىگە يەتمەيدۇ ،ئالدىنقى يىل دىكىلىرى خېلى ياخشى ئوينايدىكەندۇق،3.نەق پۇرسەتنى تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەن سوليان ھۇجۇمدا بارىجان ئەۋزەل  ئورۇندا توپ ساقلاپ ئاۋارە،
  بۇ  مەيدان مۇسابىقىدە رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرغانلار 27-نۇمۇر،7-نۇمۇر،14-نۇمۇر 10-نۇمۇر يەنە  ئوڭ ياندىن  4ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلغىنى كىمدى ؟قالغانلىرىمۇ ياخشى ئوينىدى ھەر ھالدا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-18 12:27:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كۆرگەن ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. غەيرەت قىلىڭلار تۇلپارلار!!!!!!!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 22:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش