akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 6876|ئىنكاس: 33

پۇتبول مەيدانىدىكى ھەقىقى قەھرىمان!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى !
يېقىندىن بېرى ئانچە تورغا چىقالمىدىم . مەن ھەرھەپتە پەيشەبنە كۈنى مۇنبەر ئۈچۈن بىر تېما يوللايمەن . ئىسىڭلاردا تۇتىۋېلىڭلار!

ﻫىلىمۇ ئىسمدە تۇنجى قىتىم توپ تىپىۋاتقان سۇرىتىڭنى كۆرۇپلا،ئارقىمدا ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىمدىن سىنىڭ ئەﻫۋالىڭنى سوراپ كەتكەن ئىدىم...........ساڭا بولغان قىزىقىشىم ئاشۇ بىر پارچە سۇرەتتىن باشلانغان بولسا پۇتبۇلغا،مىلانغا بولغان مۇﻫەببەت سەندىن باشلانغان ئىدى.ئۇ چاغلاردا مەكتەپكە سولىنىپ ئوقۇيدىغان بولغاچقا مۇسابىقە ئەمەس،خەۋەرلەرنى ۋاقتى-ۋاقتىدا كۆرۇشمۇ قىيىن ئىش ئىدى،گىزىتنىڭ تەنتەربىيە خەۋەرلىرى بار بىتىنى ئوغۇللاردىن تالىشىپ كۆرۇش،ئۇلار سىتىۋالغان ژورناللارنى بىر ئاش پىشىم يالۋۇرۇپ ئارىيەت ئىلىش ئاشۇ چاغلاردىكى ئادەتكە ئايلانغان...................ئەمما پۇتبۇل تىلغا ئىلىنسا مەن ئاشۇ ئارقامدا ئولتۇرىدىغان ساۋاقدىشىمغا كۆپ رەﻫمەت ئىيتىمەن،ﻫىچنىمىنى بىلمىسەممۇ ئەتىدىن كەچكىچە ئۇ نىمە ئۈچۈن ،بۇ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سورايتىم،بۇگۇن دەپ بەرگەننى ئەتىسى يەنە سورايدىغان ئىشلارمۇ بار تىخى،ئەمما ئۇ ئانچە مۇنچە تىرىكتۇرۇپ تۇرىۋالغاندىن باشقا زىرىكمەي ماڭا چۇشەندۇرۇپ قوياتتى،تىخى بەزىدە ئۆزى كۆرىۋاتقان كىتاپلاردىن مەن قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى كۆرۇپ قالسا ئوقۇپ يەنە گۆدەكلەردەك سورالغان سوئاللىرىمغا بىر بىرلەپ جاۋاپ بىرەتتى،(ﻫازىر ئويلىسام ﻫەممە مىلان ﻫەۋەسكارلىرى شۇنداق قىزغىن بولسا كېرەك.

گەرچە پۇتبۇل خەۋەرلىرى كۆرۇش 02.يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن باشلانغان بولسىمۇ،ئەمما پۇتبۇلغا بولغان مۇﻫەببەت ئەشۇ سۇرەتتىن باشلانغان ئىدى............بىلمەيمەن،مىنى رام قىلغىنى سىنىڭ قامىتىڭمۇ ياكى ئاشۇ سۇرەتتىكى پۇتبۇلچىنىڭ توپ تىپىۋاتقان قىياپىتىمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئەمما خۇشاللىق كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى،مەن مىلانغا قىزىقىشقا باشلىغان ۋاقىت ئۇلار ياۋروپا لوڭقىسىنى ئىلىپ نەچچە ئايدىن كىيىن باشلان،گەرچە04 يىلى ئىتالىيە بىرلەشە مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلىقى مەندەك يىڭى مەستانىلەر ئۈچۈن ياخشى سوۋغات بولسىمۇ،ئەمما ئارقا ئارقىدىن يارلىنىش مەن ماﻫارەتلىرىنى كۆرۇشكە ئەڭ تەشنا بولغان يىگىتنى يىشىل مەيداندىن يىراقلاشتۇرىۋاتاتتى......بۇ كۈنلەرنىڭ يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى،سىنىڭ يەنە كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىڭنىمۇ ئۇقمايتىم،ئەمما سىنىڭ توپ كىرگۈزگەن چىغىڭنى،توپ كىرگەندىن كىيىنكى تەبرىكلەش ﻫەركىتىڭنى كۆرۇش ﻫەتتا ئۇخلىسام چۇشۇمگىمۇ كىرىدىغان ئارزۇيۇم ئىدى.

سىنىڭ مىلاندا مالدىنىدەك ﻫۆرمەت ۋە ئورنۇڭ يوق ،كىشىلەر سىنى ﻫەم كاكا،شېۋا لارنى كۆرگەندەك ئەتىۋارلىمايدۇ،سەندە گارتۇستەك قامەت يوق،نىستادەك نەپىس ئەسەرمۇ ئەمەسسەن،ئەمما سەندە بار بولغىنى مىلان ئەڭ ئىﻬتىياجلىق بولغان قەيسەرلىك ﻫەم پارتىلاش كۈچى ،مىلانغا دائىم ﻫەل قىلغۇچ پەيىتلەردە غەلبىنى سوۋغا قىلىدىغىنى يەنىل ئۇلۇغ 9.نۇمۇر،مىلان تىلتۇمارى___________فلىپپو ئىنزاجى!


ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،پۇتبۇلغا بولغان ﻫىسياتىم ساڭا قىزىقىشتىن مىلانغا بولغان مۇﻫەببەتكە ئايلاندى،سان سىرودا قارا-قىزىل كىيىملىك ئەزىمەتلەرنىڭ جىڭىنى كۆرۇش ئارزۇيۇم،ﻫامان بىركۈنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەيدىغان نىشانىم بولۇپ قالدى............بەزىلەر تەلۋە دىسە بەزىلەر ساراڭ بوپسەمۇ دەپ باقتى،ئەمما مەن ئۈچۈن ئۇ پەقەت پۇتبۇلنىڭ يۇمىلاق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ بىمەنە سەپسەتىلىرى خالاس،چۇنكى ئۇلار پۇتبۇلنى چۇشەنمەيدۇ،ساڭا ئوخشاش ئەزىمەتلەرنى بىلمەيدۇ،قىسقىسى ئۇلار پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن دۇنيا ئۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ﻫىس قىلالمايدۇ.پۇتبۇل ماڭا قايغۇ خۇشاللىقمۇ بىرەلەيدۇ،مەيلى قانداق كۈنلەر كەلسىمۇ ئىتقادىمدىن قالسىلا پۇتبۇل ماڭا ﻫەمرا بولىدۇ،مەڭگۈ مىنى تاشلاپ كەتمەيدۇ!قايغۇ-كۆز ياشلىرىم مىلاننىڭ مەغلۇبىيىتى ئۈچۈن بولسا،خۇشاللىق كۈلكىلىرىم سەن ئۇرغان توپلاردىنباشلانغان.
سۆلەتۋاز بەگزادە»،«پۇرسەتپەرەس»،«قىرى بويتاق».....................مەيلى پۇتبۇلنى بىلىدىغانلار ياكى بىلمەيدىغانلار بولسۇن ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن سىنى ''تەرىپلىگەن'' مۇشۇنداق سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمەن،بىلمىدىم ئۇلار سىنى راس ياقتۇرمامدىغاندۇ ياكى ساڭا ﻫەسەت قىلامدىغاندۇ؟!

چەكلەنگەن رايون مەن ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا پەقەت ساڭىلا خاس،سىنىڭ سەزگۈرلىكىڭ،توپنىڭ چۇشۇش نۇقتىسىغا چىقارغان توغرا ﻫۆكۇمىڭ قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئۆلۇمنىڭ، مەغلۇبىيەتنىڭ رەڭگى!!!!!!!يىشىل رەڭلىك جەڭ مەيدانىغا قايتا كەلگەن چىغىڭدا ياش چەكلىمىسى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر سىنىڭ بارلىقىڭنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى ،ئەمما مۇسابىقىنىڭ 89 مىنۇتىدا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ قىلىش ﻫەم ئۇلار سىنىڭ بارلىقىڭنى ئىسىگە سالغان ئاشۇ مىنۇت دەل سىنىڭ توپ سالغان ۋاقتىڭ بولۇش سىنىڭ ئالاﻫىدىلىكىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئارقا ئارقىدىن كىرگۈزۇلگەن توپلار كىشىلەرگە مىلاندا يەنەبىر شىپالىق يامغۇرنىڭ بارلىقىنى ،ئۇنىڭ دەل مەڭگۈلۈك9.نۇمۇر فىلىپو ئىنزاجى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.


سەن قايتىپ كەلدىڭ،پەقەت قايتىپ كەلدىڭلا ئەمەس،ماڭا ئىلگىرى نىسىپ بولمىغان خۇشاللىقلارنى ئىلىپ كەلدىڭ،مىلاننىڭ ئەڭ گۈللەنەەن مەزگىلىنى،سىنىڭ پۇتبۇل ﻫاياتىڭنىڭ ئەڭ چوققىسىدىكى چاغلىرىڭنى كۆرۇش ماڭا نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ،ئەمما مەن رازى بولدۇم،خۇداغا شۇكرى،سىنىڭ يىشىل چىملىقتا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان ﻫالىتىڭنى كۆرۇش ماڭا نىسىپ بولدى...............


تۆت يىل،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۇپ كەتتى،ئەمما مىلاننىڭ مەڭگۈلۈك سەردارى مالدىنىڭ يەنە بىرقىتىم چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتەرگەن ﻫالىتىنى كۆرۇشكە بولغان قىزغىنلىق بىر دەقىقىمۇ ئۆچۇپ قالغىنى يوق.ئىككى يىل ئاۋالقى ئىچىنشلىق كۆز ياشلار بۇنىڭ دەلىلى،ئەمما 2007.يىل5.ئاينىڭ 23.كۈنىدىكى ئافىنا بولسا ئاشۇ ئارزۇلار چىچەك ئاچقان باغ!!!!!!!جىددىيلىك ئارلاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇسابىقە كۆرىۋاتقان مىلان قوللىغۇچىلىرى ئۈچۈن ئەڭ زور بەخىت ئىلىپ كەلگۈچى بولغان فىللىپو ئىنزاجى بولسا مەڭگۇلۇك ،ﻫەققىي قەﻫرىمان!!رەﻫمەت ساڭا يىگىت،ئىشەنچلىرىم يەردە قالمىدى،قىسمەن ئارزۇلىرىم سىنىڭ ئاشۇ چىرايلىق كىرگۈزگەن ئىككى توپۇڭ بىلەن ئەمەلگە ئاشتى............يالغۇز ئولتۇرۇپ قانداق تەبرىكلەشنى،ئىچىمگە سىغمايۋاتقان خۇشاللىقلىرىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەي بۇ قۇتلۇق كۈننى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن،ئەتراپىمدىكى ﻫىچكىم ﻫازىرقى ﻫىسياتىمنى چۇشەنمەيدۇ،شۇ تاپتا بار ئاۋازىم بىلەن شۇنداق توۋلىغۇم بار:ﻫەققىي قەﻫرىمان  مۇشۇنداق بولىدۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!




[wmv]http://petol.net/News/2006/03/28/1324483440/2006328142112642.mp3[/media]

___زىدانى تەستىقلىدى.
بۇ تېما ئىجادىي تېما ھەم ئەمگەك كۆپ سىڭگەن تېما شۇڭا نادىرلاندى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +14 يىغىش سەۋەبى
zidane + 14

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2007-6-7 15:09:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راس بىرگەپنى دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . بۇ تېمىنى يوللىشىمغا زىدانى ئەپەندىم ئالاھىدە ياردەم قىلدى . زىدانىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-7 15:20:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىسىدىكى  <ئىلزاجى>  نى  ئىنزاجى دەپ ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز توغرا بولىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-7 15:22:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنزاجى ساپلا ئاسان توپلارنى تىقىدۇ دېگۈچىلەرگە:   ئۇمۇ بىر تالانت. نۇرغۇن ھۇجۇمچىلار شۇنداق ئاسان توپلارنى تىققۇسى بولسىمۇ تىقالمايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ھالقىلىق پەتلەردە....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-7 15:26:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۇنىڭ سادىق چوقۇنغۇچىسى ئنزاگى توغرۇلۇق ھېچكىم تىما يوللىغانتى رەخمەت سىزگە

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-7 15:34:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇنغۇچى  نىڭ ئورنىغا قوللىغۇچىسى دېسىڭىزمۇ بولار ئىدىغۇ ؟!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-7 16:12:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇنغۇچى دىگەننىڭ ئورنىغا قىزىقىمەن دىگەن سۆزنى ئىشلەتسەك بولارمىكىن؟ئاتكىچىلىك قىلىپ قويدۇم!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-7 16:54:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بولغىدەك!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-7 17:37:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ تالانتىغا مەن بەك قايىل ~~~ھەقىقەتەن تالانتلىق ماھىر~~~(شۇ ئوفسايىتنى جىقراق قىلىپ سالىدۇ شۇ ھى ھى )ئۇ چەكلەنگەن رايون ئىچىدىكى بىر توپ ئۇرۇش ماشىنسى~~~~
ئەگەر ۋان نېستىرلوي بىلەن ئىنزاگى نى سېلىشتۇرۇشقا پۇرسەت بولسا مەن ئىنزاگىغا بىلەت تاشلايمەن~~~~
ئىنزاگى2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى چېخ بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى توپىنى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى توپىنى كىرگۈزدى....
ئىنزاگى بىر  دۇنياۋى پۇتبولچى ئېلىشقا تېگىشلىك چىمپىيونلارنىڭ ھەممىسىنى ئالدى ،مەسىلەن : دۇنيا لوڭقىسى ،ئىتالىيە بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى لوڭقىسى، ياۋرۇپا چىمپىيونلۇقنى تالىشىىش لوڭقىسى قاتارلىق~~ياۋرۇپا لوڭقسىنى تېخى ئالماپتۇ راسىت...
خۇدايىم بۇيرىسا 2008-يىلى ئالىدۇ~~~ئشىقىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ پۇتبول ھاياتىدىن پەخىرلىنىشقا تىگىشلىك~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-7 17:39:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەخمەت~~

ناخشىڭىزغىمۇ رەخمەت،مەن بەك ياقتۇرىمەن~~~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-7 19:31:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۆزۇمنىڭ ھىس قىلغىنىنى دەپ باقاي ~~~~ يىنزاجى باغۇ پۇرسەتنى ھەرگۇزمۇ قولدىن كەتكۇزىۋەتمەيدۇ ~~~~ بۇنى ھەقىچان ھەممىڭلا بىلىسىلەر ~~~~~ ۋارتارنىڭ ئالدىدىكى توپنى زادى ئۇرىدۇ ~~~ ئەپسۇس قىرىپ كەتتى دە ~~~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2007-6-7 22:51:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nabijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 23:01  

ئىنزاگى ھەقىقەتەن ياخشى توپچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 02:40

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش