|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-9-26 17:22
26. ئايلانمىنى تۈگەتكەندىن كىيىن، جۇڭگۇ ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ پەقەت تۆتلا ئايلانما مۇسابىقىسى قالغان ئەھۋال ئاستىدا ، بىرلەشمە چىمپىيۇنى، ئاسىيا ئۇزغانلىق بېلىتى، دەرىجە ساقلاش كۈرىشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. نۆۋەتتە بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقى قىززىق نوقتىسىدا خىڭدا تۆت نۇمۇر پەرىق بىلەن ئەۋزەل ئورۇندا كېتىپ بارىدۇ. ئۇلار پەقەت بىرلا مەيدان تەڭلەشسىلا چىمپىيۇن بولۇش ئىھتىماللىقى خىڭدا ، شاڭگاڭ، تىيەنجىن، خۇاشىيا قاتارلىق تۆتلا كوماندىغا مەركەزلىشىدۇ. ئەلۋەتتە كىيىنكى ئىككى كوماندىنىڭ چىمىيۇن بولۇش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن ، (نەزىرىيە جەھەتتىن بار )شۇنداق بولغاندا پەقەت شاڭگاڭنىڭلا خىڭدانىڭ ئۇدا چىمپىيۇنلىقىنى توسۇش ئىھتىماللىقى بار . لىكىن ئۇلار خىڭدانىڭ ئىككى مەيدان پۇتلىشىشىنى ساقلىماي ئامالى يوق.
2. ئاسىيا ئۇزغانلىق بېلىتىدە ئالدىنقى ئىككى ساننى خىڭدا بىلەن شاڭگاڭ ئاساسى جەھەتتىن ئىپ بولدى. قېپقالغان بىر بىۋاستە بىر سالاھىيەت مۇسابىقىسى نامزاتىنى نەزىرىيە جەھەتتىن ئىيتقاندا ھازىر 3. ئورۇندىكى خېبى خۇاشىيادىن 10. ئورۇندا تۇرۋاتقان چۇڭچىڭ لىفەنگىچە بولغان ھەممىسىنىڭ تالىشىپ ئېلىش ئىھتىماللىقى بار. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇرۇن ۋىلارىئال، مادىرىت ، مانچستىر شەھەرلىرىنى تۇتۇپ باققان چېلىلىق ئىنژىنىر باشچىلىقىدىكى خۇاشىيا ، كاناۋارۇ باشچىلىقىدىكى تىيەنجىن، قاتتىق قول ماجات باشچىلىقىدىكى لۇنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى ئاسىيا ئۇزغانلىقىغا قاتنىشىش ئېستىكى كۈچلۈك فۇلى ۋە بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلدىغان كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان گۇيجۇدىن ئىبارەت بەش كوماندىلا بىر قەدەر ئەۋزەل ئورۇندا. گۇئەن ئالدىنقى مەيداندىكى خاتىرە مۇسابىقىسىدە شاڭگاڭغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ، بىرئاز پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، لىكىن يەنىلا ئازراق بولسىمۇ ئىھتماللىقى يەنىلا بار.
3. دەرىجە ساقلاش مۇسابىقىسى
بۇ ، بۇ پەسىلدىكى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ئەڭ تارتىدىغان ۋە ئەڭ كۆڭۈل بۆلدىغان ھالەت. دەرىجىدىن تاشقىرىدىكى ھەر قايسى كوماندىلاردا توپ تېپىۋاتقان ئالتە ئوغلانىمىزنىڭ ئىچىدە تۆتىنىڭ كوماندىسى بۇ يىلقى دەرىجە ساقلاش سىزىقى رايۇنىدا ياكى شۇنىڭغا يىقىنراق ھالەتتە تۇرۋاتىدۇ ھازىر. ئەخمەتجان بار يەنبىيەن ئاخىردىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇندا، مىرئەخمەت بار تەيدا ئۈچۈنجى ، ئىرپان يېڭىلا قېتىلغان سۇنىڭ تۆتىنجى ، ئابدۇۋەلى بار خىنەن بەشىنچى ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ . يۈرەكنى تۇتۇپ تۇرۇپ ، ئەمىلىيەتنى چىقىش قېلىپ ئىيتقاندا ئالتە ئوغلانىمىزنىڭ ئىچىدە كام دىگەندىمۇ بىرسى مۇشۇ پەسىل دەرىجە چۈپ كېتىشتىن ساقلىنالمايدۇ، بۇ مۇقەررەرلىك ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
4. بۇنىڭدىن كىيىنكى دىققىتىمىزنى تارتىدىغان مۇسابىقىلەر
ئالىي بىرلەشمىدىكى 16 كوماندىنىڭ ئىچىدە 12سى 26 ئايلانما مۇسابىقىنى تولۇق ئويناپ بولدى. بىر مەيداندىن تولۇقلىما مۇسابىقىسى قالغان تۆت كوماندا ، ئەتە كەچ ئوينايدىغان
تىيەنجىن تەيدا ساھىپخان Vs گۈيجۇ بىلەن ئۆگۈنلۈككە ئوينىلدىغان سۇنىڭ ساھىپخان Vs تىيەنجىن تەيدالاردۇر .
گۈيجۇ ئۇتسا جۇغلانما نۇمۇردا فۇلىدىن ئىشىپ لۇنىڭ بىلەن تەڭلىشىدۇ. ئاسىيا ئۇزغانلىق بېلىتىگە ئېرىشىش ئىھتىماللىقىمۇ چوڭىيىدۇ. بىراق تەيدا ھازىر بۇ ئۈچ نۇمۇرغا بەكمۇ ئىھتىياجلىق، ئۈچ نۇمۇر ئۇلارنى دەرىجە ساقلاش سىزىقىدىن ئازراق يىراقلىتىدۇ. ئادەمنى قىينايدىغان يەرلىرى مۇشۇدە ....
سۇنىڭ بىلەن كاناۋارۇ باشچىلىقىدىكى تىيەنجىننىڭ مۇسابىقىسىدە سۇنىڭنىڭ غەلبە قىلسا بۇ ھەم ئۆزىنىڭ ھەم باشقا كوماندىلارنىڭمۇ خوشاللىقى بولىدۇ. چۈنكى ئارقىدىكى لۇنىڭ ، فۇلى، گۈيجۇدەك كوماندىلار بىلەن نۇمۇر پەرىقى چوڭىيىپ كەتمەيدۇ ، ئالدىدىكى خۇاشىيادىن ئۆتۈپ كەتمەيدۇ ، بۇ ئاسىيا ئۇزغانلىق بېلىتى ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلار ئۈچۈن ياخشى خەۋەر . گۈيجۇ ھەم سۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ خوشال بولىمىزدە ئەلۋەتتە.
5. بىز كۆڭۈل بۆلدىغان ، قېپ قالغان مۇسابىقىلەر
گۈيجۇنىڭ كىيىنكى رەقىبلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا ئەتە ئوينىلىدىغان تىيەنجىن ساھىپخان مۇسابىقىسىدىن باشقا 27. ئايلانمىدىكى گۈيجۇ ساھىپخان Vs چاڭچۈن ، 28. ئايلانما خىڭدا ساھىپخان Vs گۈيجۇ ، 29. ئايلانما گۈيجۇ ساھىپخان Vs لۇنىڭ ، 30 ئايلانما. يەنبىيەن ساھىپخانVsگۈيجۇ قاتارلىقلار。
دەرىجە ساقلاش كۈرىشى قىلىۋاتقان تىيەنجىن تەيدانىڭ مۇسابىقىلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا
ئەتە ئوينىلدىغان ساھىپخان ھالەتتىكى گۈيجۇ بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدىن سىرىت 27. ئايلانما : شاڭخەي شىنخۇا ساھىپخان Vs تىيەنجىن تەيدا ، 28. ئايلانما تىيەنجىن ساھىپخان Vs بىيجىڭ گوئەن ، 29. ئايلانما گۇاڭجۇ فۇلى ساھىپخان Vs تىيەنجىن تەيدا 30. ئايلانما تىيەنجىن ساھىپخان Vs خىنەن قاتارلىقلار.
يەنبىيەننىڭ مۇسابىقىلىرى 27. ئايلانما خىڭدا ساھىپخانلىقىدىكى مۇسابىقىسى، 28. ئايلانما يەنبىيەن ساھىپخان Vs خىنەن. 29. شىنخۇا ساھىپخان Vs يەنبىيەن 30. ئايلانما يەنبىيەن ساھىپخان Vs گۈيجۇ قاتارلىقلار .
يەنبىيەننىڭ قېپ قالغان رەقىبلىرى ئاساسەن كۈچلۈك.
ئابدىۋەلىنىڭ كوماندىسى خىنەن ئۇدا تۆت مەيدان ئۇتتۇرۋەتمىسىلا (ئەڭ ئاخىردىكى ئىككى كوماندا ئۇدا تۆت مەيدان ئۇتۇپ) دەرىجە ساقلىيالايدۇ. سۇنىڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تەيدا بىلەن يەنبىيەندىن بىرئاز ياخشىراق، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۆگۈنلۈككە ئوينىلدىغان تولۇقلىما مۇسابىقە ھەل قىلغۇچتىنمۇ مۇھىمراق .
قىنى ئۇلارغىمۇ نەزىرىمىزنى سەپ سېلىپ قويايلى، بۈگۈن كەچ ياۋرۇپا ئۇزغانلىقى باشلىنىدۇ، لىكىن بۇ ئالتە قېرىندىشىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى مۇسابىقىلىرى ئۇزغانلىقتىنمۇ مۇھىمراق مېنىڭچە. ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىن باشلاپ گۈيجۇنىڭ گۈللىنىشىگە شاھىت بولغان ئىلھام ئاسىيا ئۇزغانلىقىغا قاتنىشالامدۇ، ئىلشاتچۇ؟ ئۇيغۇر پوتبۇلچىلىقىنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىدىكى باشلامچىلاردىن بولغان دەرىجىدىن تاشقىرىدا ئەڭ ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالىغان مىرئەخمەت يەنە بىر قېتىم خىنەندىكى ۋاقتىغا ئوخشاش دەرىجە ساقلىيالامدۇ؟ يىڭىدىن كۆتۈرلىۋاتقان ئۈمۈدىمىز ئىرپانچۇ؟ تاشئالمىدا جان كۆيدۈرگەن ئەخمەتجانچۇ ؟ ئەخلاقلىق ھارماس تۇلپار ئابدۇۋەلىچۇ . ...
پەقەت تۆت ئايلانما قالدى ، تۆت ئايلانما بولسىمۇ ئۇلارغا ۋاقىت چىقىرىپ قويايلۇق، ئۇلار سىزنىڭ مىنىڭ ھەممىمىزنىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇلار دەل بىزگە مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر!
قوشۇمچە : ھازىرقى كوماندىلارنىڭ نۇمۇر جۇغلانمىسى :
گۇيجۇ 39 نۇمۇر 7. ئورۇندا.
خىنەن 27نۇمۇر 12. ئورۇندا.
سۇنىڭ 23نۇمۇر 13. ئورۇندا
تىيەنجىن 19 نۇمۇر، 14. ئورۇندا
يەنبىيەن 19. نۇمۇر 15. ئورۇندا
گۈيجۇ، سۇنىڭ، تەيدالارنىڭ بىر مەيداندىن كام
مەنبە: مۇنبىرىمىزنىڭ مۆتىۋەر ئەزاسى- تەغدىرىم |
|