|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چۈش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-9-26 17:15
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
يىقىنقى مانچىستىر بىرلەشمىسى ۋە ئامپىتۇن مۇسابىقىسىدە كوماندىنىڭ بىرىنجى نۇمۇرلۇق ۋارتاسى دىھيانىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى ، ئۇ مۇسابىقە جەريانىدا 4 قىتىم خەتەرلىك توپنى توسىۋالدى . ئاخىرىدا مانچىستىر بىرلەشمىسى 1-0 غەلبە قىلىپ 3 نۇمۇرنى قولغا كەلتۈردى . مانچىستىر بىرلەشمىسى 6 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ، 5 مەيداندا توپ كەتكۈزمىگەن ، بۇنىڭدا دىھيانىڭ تۆھپىسىمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ . ئەڭ يىڭى ئەنگلىيە « مۇستەقىللىق گېزىتى » تاراتقۇللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا مانچىستىر بىرلەشمىسى كەلگۈسى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە دىھيا بىلەن توختام ئۇزارتماقچى بولغان ، نۆۋەتتە مانچىستىر بىرلەشمىسى دىھيا بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىشلىرىدا سۆھبەتنى باشلىۋەتكەن . دىھيانىڭ توختامى 2019 - يىلى توشىدىغان بولۇپ ، مانچىستىر بىرلەشمىسى دىھيا بىلەن ئۇزۇن مۇدەتتلىك توختام ئۇزارتماقچى بولغان . بۇنىڭدىن باشقا تىرنىر مورىنھو دىھيانىڭ 2018 - يىلى كىرگىچە توختام ئۇزارتىپ بولشىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن . دىھيا توختام ئۇزارتسا مۇئاشى بۇرۇنقىدىن يەنە ئۆرلەيدىكەن . نۆۋەتتە مانچىستىر بىرلەشمىسى بىرقىسىم ئاساسلىق توپچىللىرى بىلەن توختام ئۇزارتىش سۆھبىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ ، ماتا ، ھىرىرا ، فىلەينى ، لۇك شاۋ قاتارلىقلار بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىششىدا بىردەكلىككە كەلگەن ...
|
|