|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-10-31 11:15
يېڭى پەسىللك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 10- ئايلانمىنى ئاخرلاشتۇردى ،رېئال مادرىد كوماندىسى بولسا بىردىن -بىر مەغلۇپ بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان كوماندا بۇلۇپ قالدى .
ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە زىدانىنىڭ كوماندىسى 10 مەيدان مۇسابىقىدە 7 مەيدان غەلبە قىلىش 3 مەيدان تەڭلىشىشتەك نەتىجە بىلەن چوققىدا ئولتۇرماقتا .
ئىسپانىيە بىرلەشمىسدە خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى تېخى مەغلۇبىيەت تەمىنى تېتىمىدى ، رەت تەرتىپ ئالدىنقى 4 كوماندىنىڭ ئىچىدە 2- ئورۇندىكى بارسېلونا كوماندىسى 2 قېتىم مەغلۇپ بولغان [ ئالاۋېس بىلەن سېرتا ] 3- ئورۇندىكى مادرىت ئاتلىتكا كوماندىسى بولسا 1 قېتىم مەغلۇپ بولغان [سېۋېلياغا] 4- ئورۇندىكى سېۋېليا بولسا 1 قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان [ باسىكلارغا] .
زىدانى باشچىلىقىدىكى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى يېقىنقى ھەرقايسى تۈرلەردىكى مۇسابىقىلەردە ئۇدا 5 مەيدان غەلبە قىلغان ،رېئال مادرىد مەستانلىرى زىدانى باشچىلقىدىكى مادرىدنىڭ بۇندىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا [
مەنبە ؛ zhibo8.cc |
|