|
شىنجاڭ كوماندىسى غەلبە قىلدى
قىسقىغىنە بىر كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن، تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى بۈگۈن تۆتىنجى مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى .كەينى كەينىدىن 2 مەيدان غەلبە قىلغان شىنجاڭ كوماندىسى بۈگۈن ئۇكرائىنا كىيىف دىنامو U17 كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسى ھەممە جەھەتتە ئۈستۈنلۈكتە بولسىمۇ لېكىن توپ ئۇرالمىدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرى رەسمىي مۇسابىقە ھالىتىگە كىرىپ ، 52 مىنۇتتا، شىنجاڭ كوماندىسىدىن يەتتىنچى نومۇرلۇق ئەكبەرجان بىر توپ ئۇرۇپ كىرگۈزۇپ ، قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغاندا، 89 مىنۇت بولغاندا ئونىنچى نومۇرلۇق كەۋسەر بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2- 0 قىلىپ ئۆزگەرتتى. ھەمدە بۇ مۇسابىقىدىكى كەينى كەينىدىن 3 مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
جۇڭگۇ دۆلەتلىك U17 ياشلىقلار كوماندىسى غەلبە قىلدى
بۈگۈنكى يەنەبىر مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو دۆلەتu 17 ياشلىقلار كوماندىسى بىلەن گېرمانىيە پۇتبولچىلار جەمئىيتى شىمالىي رېيىن ۋېيىستU17 سەرخىللەر كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى . مۇسابىقىنىڭ 27 مىنۇتىدا، ئونىنچى نومۇرلۇق ماھىر لىيۇنوفەن بىر توپ ئۇرۇپ،نەتىجىنى 1-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى .39 مىنۇت بولغاندا، دۆلىتىمىز ياشلار كوماندىسىدىن يەتتىنچى نومۇرلۇق ئەزا بىر توپ كىرگۈزدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان 2- 0 ئاخىرلاشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ 2 مىنۇت بولغاندا، دۆلىتىمىز ياشلار كوماندىسىدىن 11 نومۇرلۇق ئەزا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى3-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئاخىرىدا نەتىجە ئۆزگەرمەي، مۇشۇ پېتى ئاياغلاشتى .
شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ كوماندىسى 9 نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. ئىسپانىيە خانلىق ئىسپانىيەلىكلەر U17 كوماندىسى بىلەن جۇڭگو دۆلەتu 17 ياشلىقلار كوماندىسى 6 نومۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرماقتا. ھۇررا شىنجاڭ كوماندىسى |
|