|
بىز ھەر قېتىم رونالدو، مېسسى، نېيمار، سۇئارىز… قاتارلىق توپچىلارنىڭ قىسسەسىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا ئوخشاشلىقلار بولغان بەزى قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن: پالان توپچى نامرات ئائىلىدىن كىلىپ چىققان، پالان توپچى مانداق كىسەلتى…
مۇشۇنداق قۇرلار بىز ئۈچۈن پەقەتۋە پەقەت كىتابتىكى ياكى تېمىدىكى بىرقانچە قۇر، يىراقتىن ئاڭلانغان ناخشا ياكى ئەپسانە بولۇپ قالىدۇ، خالاس.
جوڭگۇدا ئالاھىدە تالانتى بار بولۇپ، ئازىراق تەربىيە ئالغانلىقى سەۋەبلىك ئونۋېرسىتىتلار لوڭقىسىدا ياكى دولەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە چاقناپ قالغان ئائىلە شارائىتى ناچار توپچىلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان يۇلتۇزلار مۇشۇنداق شارائىت ۋە پۇرسەت ھەمدە قوللاشلارنىڭ مەدەتلەرنىڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك كۆمۈلۈپ قالماقتا. ئانىسى دەيدۇ، توپ ئوينىغىچە ماڭ دەرسىڭنى ئۆگەن.
دادىسى دەيدۇ، مەن مۇشۇ ۋاققىچە توپ ئويناپ جان باقالىغان بىرەرسىنى كۆرمىدىم ماڭ، يا ھۈنەرگە بار، يا مەكتەپكە.
مۇئەللىم دەيدۇ، توپ ئوينىساڭ توپاڭنى تارتىۋالىمەن، توپ ئويناپ دۆلەت كوماندىسىغا كىرەلەمتىڭ……
ۋاھاكازا
|
|