|
تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى بۈگۈن ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى.
بۈگۈن دىيارىمىز ۋاقتى سائەت 18:00 دە، شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسى ئەرگوڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا جۇڭگو 17 ياشلىقلار كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى.
شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسى تۈنۈگۈنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 2:3 نەتىجە بىلەن خانلىق ئىسپانىيەلىكلەر 17 ياشلىقلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان بولۇپ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو 17 ياشلىقلار كوماندىسى بولسا بۈگۈن تۇنجى قېتىم «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چۈشۈشى ھېسابلىنىدۇ.
مۇسابىقە باشلاندى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى يەر چىشلىتىپ زەپەر قۇچقان شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسى بۈگۈن ئۆز مەيدانىدا داۋاملىق ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ، مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا مەيداندا ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتتى. شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسى بىر نەچچە قېتىملىق ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىنى بىلەن قارشى تەرەپكە زور بېسىم ئېلىپ كەلدى، لېكىن جۇڭگو 17 ياشلىقلار كوماندىسىمۇ بوش كەلمەي كۆپ قېتىم شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ھۇجۇملىرىنى بىتچىت قىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسىدىن 10-نومۇرلۇق ئوغلانىمىز كەۋسەرنىڭ ئۇرغان توپى ئازراقلا قېيىپ كەتتى، مۇسابىقىنىڭ 50-مىنۇتىدا شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسى ئادەم ئالماشتۇردى، مەردان مەيداندىن چۈشۈپ 11-نومۇرلۇق ئەزا غۇلام ئەلى مەيدانغا چىقتى. بەش مىنۇتتىن كېيىن شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسى يەنە ئادەم ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، مۇسابىقىدە يارىلانغان ئەكبەر مەيداندىن چۈشۈپ، ئابدۇمالىك مەيدانغا چىقتى.
مۇسابىقىنىڭ 71-مىنۇتىدا شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسىدىن پەخىرلىك ئوغلانىمىز غۇلام ئەلى بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيداندىكى قاتماللىقنى بۇزدى، شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسى 0:1 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

مۇسابىقىنىڭ 78-مىنۇتىدا شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسىدىن ئىبراھىم كوماندا باشلىقى كەۋسەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشتى. شىنجاڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسى 0:1 نەتىجە بىلەن جۇڭگو 17 ياشلىقلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ قېتىملىق « تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
ھۇررااا ...ھۇررااا ،ھۇررااا ... سىلەر ئۈچۈن ياڭرىغان سادالار مەڭگۈ ئۈزلۈپ قالـمايدۇ ! !! |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|