|
شىنلاڭ تەنتەبىيىسى خەۋىرى:
كىم بۇ يىللىق ئالتۇن توپ ساھىبى؟فىرانسىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى پوگبا بۇ يىللىق ئالتۇن توپنى شەك-شۈبىسىز رونالدو ئالىدۇ ، چۈنكى ئۇ قوش چىمپىيونلۇق (ياۋروپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ياۋرۇپا لوڭقىسى)نىڭ ساھىبى ، «ئا س گېزىتى»ESPNنىڭ زىيارەت مەزمۇنىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، بۇ يىللىق ئالتۇن توپنى كىم ئالىدۇ دېگەن مەسىلىدە پوگبا مۇنداق دەپ قارىغان :«بۇ يىلقى ئالتۇن توپنى رونالدوغا بېرىش كېرەك ، ئەلۋەتتە مېسسى بىلەن رونالدو ھەر ئىككىلىسى ئەڭ ياخشى توپچىلاردۇر ، بىراق بۇ قېتىمقىسى رونالدونىڭ». تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «ئا س»نىڭ دېيىشىچە ، پوگبا زىيارەت داۋامىدا مۇخبىرلار سورىغان سۇئالغا ئىسپان تىلىدا جاۋاپ بەرگەن بولۇپ ، تەلەپپۇزى ئىنتايىن توغرا ۋە راۋان سۆزلىگەن . پوگبا زىيارەت داۋامدا ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى سەبدىشى گىرېزمان توغرىسدا توختىلىپ مۇنداق دېگەن : «ئۇ بىر قالتىس توپچى ، ئۈتۈپ كەتكەن بىر يىلدا ئۇنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى ، ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر ماھىرلارمۇ بار»، مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ شەخسى كۆز-قارشى توغۇرلۇق سورىغاندا ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ :«مەن يەنىلا مېسسى بىلەن رونالدونى تاللايمەن» دېدى .
بۇنىڭدىن بۇرۇن پوگبانىڭ خانلىق مادىرىت ياكى مانچىېستىر بىرلەشمىسىگە كېلىش توغرىسدا خەۋەرلەر چىققان ، زىدانىيمۇ پوگبانى ئەكىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، بىراق «ماكا گېزىتى»نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا ، خانلىق مادىرىت پوگبانى يۆتكەپ كېلىش سودىسىدىن ۋاز كەچكەن ، چۈنكى فىلورىنتىنو فىرانسىيەلىكەرنىڭ ياۋروپا لوڭقىسىدىكى ئىپادىسىدىن ئۈمۈتسىزلەنگەن.
|
-
-
|