|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاتلىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-5-22 00:47
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان دۆلىتىمىز ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 10-ئايلانمىسىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ بېيكۇڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ئىككى تەرەپ كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىسىدا شىنجاڭ كوماندىسى بىر نوقتا توپ ئۇرۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى 9 ئايلانما مۇسابىقىدە 2 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ، 4 مەيدان مەغلۇپ بولغان، جەمئىي 9 نومۇرغا ئېرىشىپ بىرلەشمە تەرتىپىدە 13-ئورۇندا تۇرغان. بېيجىڭ بېيكۇڭ كوماندىسى 9 ئايلانما مۇسابىقىدە 4 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 3 مەيدان تەڭلىشىپ، 2 مەيدان مەغلۇپ بولغان، جەمئىي 15 نومۇرغا ئېرىشىپ بىرلەشمە تەرتىپىدە 5-ئورۇندا تۇرغان. بۇ سېلىشتۇرۇشتىن بېيجىڭ كوماندىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكتە تۇرغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر ئىككى تەرەپ تىركىشىپ مۇسابىقە ئېلىپ باردى ھەم بىر-بىرىگە بىرقانچە خەتەرلىك تەھتىتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي مۇسابىقە ئاياقلاشتى. نەق مەيداندىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ كەيپىياتىمۇ قىزغىن بولدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 58-مىنۇت بولغاندا شىنجاڭ كوماندىسىغا بىر نوقتا توپ پۇرستى كېلىپ، بۇ توپنى فايىچ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 0-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ ۋاقىت توشاي دېگەندە قارشى تەرەپ توپچىسى نىكۇلا بۇ مەيداندىكى 2-سېرىق كارتىنى ئىستىمال قىلىپ مەيداندىن ئايرىلدى. مۇسابىقىنىڭ 95-مىنۇتىغا بارغاندا ئىككى تەرەپ ئازىراق تۇقۇنۇشۇپ قېلىپ، نارازلىق كەيپىياتى بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسى 1-0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ، قىممەتلىك 3 نومۇرنى قولغا كەلتۈردى.
|
|