|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چۈش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-5-4 04:53
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
4 - چىسلا سەھەردە 2015 - 2016 - يىللىق ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى ، يىرىم ھەل قىلغۇچلۇق ئىككىنجى قىتىملىق ئۇچۇرشىش مۇسابىقىسى ئوينالدى ، نەتىجە تۆۋەندىكىچە :
بايرېن مىيۇنخېن 2 - 1 مادىرىد رىقابەت
گىرمانىيە ئاتامانى بايرېن مىيۇنخېن ئۆزمەيدانى ئارىياندا ئىسپانىيە كۈچلۈك مادىرىد رىقابەت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى . ئالدىنقى ئۇچۇرشىشىدا مادىرىد رىقابەت ئۆزمەيدانىدا 1-0 غەلبە قىلغان ئىدى . مۇسابىقە باشلىنىپ بايرېن كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلىپ ئوينىدى . 31 مىنۇت بولغاندا ئالونسو ئىختىيارى توپ ئۇردى ، نەتىجە 1 - 0 بولدى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 35 مىنۇت بولغاندا بايرېن توپچىسى مۇللىر بىر نوقتا توپنى ئۇرالمىدى . ئالدىنقى مەيدان 1 - 0 ئاياغلاشتى ...
كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 54 مىنۇت بولغاندا مادىرىد رىقابەت توپچىسى گىرىزمان بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى . 74 مىنۇت بولغاندا لەيۋەندوۋىسكى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 1 قىلدى . كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي نەتىجە 2-1 ئاياغلاشتى . ئومۇمى نەتىجە 2 - 2 بولۇپ مادىرىد رىقابەت ئوڭۇشلۇق ھەل قىلغۇچلۇققا كىردى . مۇبارەك بولسۇن مادىرىد رىقابەت ...
|
|