|
بۇ ئاينىڭ بىشىدا چېلسى تەرەپ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرنىرى كونتى بىلەن توختاملاشقانلىقىنى ئىلان قىلغان، ئىلگىرىكى ئارگىنتىنا توپ چولپىنى،سابىق دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرنىرى مارادونا، كونتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى نۇمۇسسىزلىق ۋە پەسكەشلىك دەپ ئاتىدى.

ئىتالىيەلىك بۇ تىرنىر بۇ يىل 46 ياش بولۇپ ، چېلسى مورىنئۇنى ئىشتىن بوشۇتىپ ،ھىندىكنى ۋاقىتىلىق تىرنىرلىققا ئەكەلگەندىن كىيىن،چېلسى تەرپىدىن تەكلىپ قىلىنغان،ئۇنىڭ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى توختامى بۇ يىل يازدا ئاخىرلىشىدۇ ،ئۇنىڭ چېلسى بىلەن بولغان توختامى ئاشكارلانغاندىن كىيىن، كۆپلىگەن ئىتالىيە ئاخبارات ۋاستىللىرى تەرپىدىن ئەيىپلەنگەن بولۇپ،ئۇلار بۇ سەۋەپلىك ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنىڭ چۇشۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرگەن.
مۇددەتتىن بۇرۇن تىرنىر ئاشكارلاش ئىشى ھازىر يىڭىلىق ئەمەس، بايرىن كۇلۇبى ئەنچىلوتى بىلەن توختام تۇزۇپ بولدى،شەھرى مانچىستىرمۇ پىپ بىلەن توختاملاشتى،بىراق ئوخشىمايدىغان يىرى كونتى دۆلەت كوماندىسىدىن كۇلۇپقا كىلىدۇ، بۇ .ئىشقا قارتا مارادونا مۇنداق دىدى: كونتىنىڭ بۇ ئىشى ھەقىقەتەنمۇ نۇمۇسسىزلىق،ئۇ ھازىر بىر دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرنىرى ،ئۇ دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئەڭ ئابىرۇيلىق خىزمەت،بىراق ئۇ ئالدىنئالا كىتىشنى تاللاپ ،چېلسى بىلەن توختام ئىمزالىدى،بۇنداق بولغاندا باشقا بىر تىرنىرنىڭ بىر يىللىق ئەجىرى بىكار بولىدۇ،ئۇلار يەنە خىزمەت ئىزدىشى كىرەك.
كونتى چېلسى بىلەن توختاملىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي چېلسىنىڭ مەشىق بازىسىغا كىلىپ كەلگۇسىدىكى جەڭچىللىرى بىلەن كۇرۇشكەن،ھەمدە ئۆزىنى تونۇشتۇرغان،بەزى خەۋەرلەرگە قارغاندا چېلسىنىڭ يىشى چوڭراق توپچىللىرى بىلەن كۇرۇشۇپ،ئۇلارنىڭ چېلسىغا قوشقان تۆپىسىگە رەھمەت ئىيتىش بىلەن بىرگە يازلىق بازاردا يۆتكىلىشكە تەييارلىق قىلىش توغرىسدا پىكىرىنى بايان قىلغان.( قارغاندا تۆھپىكارلارنى بۇ يىتىم ھەيدەيدىغان چىغى )
مەنبە : http://sports.qq.com |
|