|
يەنە بىردەمدە لاۋزا ئىنكاسلار تۇشۇپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ .
مادرېد مۇشۇ مەيداندا ياخشى نەتىجە ئالغان بولسا كىلەركى مەيدان ئاسانغا توختايتى ، لىكىن بۇ قېتىم مىھمان توپتىن بىرنىمۇ ئۇرۇۋالماي قالدىدە ، ھېچبولمىسا رونالدونىڭ توپى ئىناۋەتلىك بولغان بولسا نەتىجە باشقىچە بۇلاتتى ، باشقىچە بولمىغان تەقدىردىمۇ مىھمان توپىدىن بىرسى بار دەپ خاتىرجەم ئولتۇراتتۇق . يەنىمۇ ئۈمىد ئۈزمەيمىز ، نىمىلا دىمىگەن بىلەن مادرېد بىلەن بۈرە قەلئەسىنىڭ ئەمەلى كۈچىدە پەرىق زور ،كىلەركى مەيدان مادرېدلىقلار ئىپادىسىنى ياخشى جارى قىلدۇرالىسا 4 كۈچلۈككە كىرىپ كىتىشىدىن ئۈمىد يوقمۇ ئەمەس . ئوخشاش نەتىجىنى مىسالغا ئالسا بىر نەچچە يىل بۇرۇن باسا مىلانغا 2-0 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ نوكەمپودا تەتۈر ئېشىپ كەتكەن . مادرېدمۇ شۇنداق قىلمايدۇ دىيەلمەيمىز . ئۈمىدۋار بۇلۇپ تۇراي .
شەھەر بىلەن پارىژغا كەلسەك پارىژ ئۆز مەيدانىدا چاتاق سالامىكىن دىسەم تەڭلىشىپ ئولتۇردى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىھمان بۇلۇپ كەلگەن شەھەرلىكلەرگە مىھمان توپتىن ئىككىنى سوۋغا قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن شەھەر ئاكتىپ ئۇرۇندا ھازىر ، پارىژغا تەس توختايدىغان بولدىدە |
|