elan ornielan orni
كۆرۈش: 1709|ئىنكاس: 41

زىدانى: دېربىغا تەييارلىنىپ بولدۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غەلبە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-21 15:21  

237-1603210G540a4[1].png
بۈگۈن سەھەر ئوينالغان مادرىد بىلەن سەرۋىلىيە ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدىن كىين، مادرىد كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى زىدانى مۇخبىرلانى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان بۇلۇپ ، ئۇ ئۆزىنڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ماھىرلارنىڭ ئىپادىسىدىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ زىيارەت داۋامىدا مۇنداق دىدى: «مەن پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىگە نىسبەتەن ئىنتايىن رازى بولدۇم. مەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ئالدىنقى ھەپتىدىكى مەشقتىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم. بۈگۈنكىسى دەل ئۇنىڭ نەتىجىسى. بۇ مەيدان مۇسابىقە مەن مادرىدقا مەشقاۋۇل بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ قالتىس مۇسابىقە بولدى. شۇنداقلا يەنە بۇ مەيدان مۇسابىقە بىزنىڭ بېرنابو مەيدانىدا ئوينىغان ئەڭ قالتىس مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى بولدى، مەن بۇ مۇسابقە بىز ئوينىغان  مۇسابىقىلەر ئىچىدىكى ئەڭ قالتىسىمۇ ئەمەسمۇ ئۇنىڭغا بىرنىمە دىيەلمەيمەن. ئەمما بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق مۇسابىقە بولغانلىقى ئەمىليەت.» ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ سىزنىڭ قارىشىڭىزچە رىئال مادرىد كوماندىسى بۇ پەسىل قانداقراق نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ دىگەن سۇئالىغان مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى : «ئەگەر بىز داۋاملىق بۈگۈنكىدەك قالتىس ئىپادىمىزنى ساقلاپ قالالىساقلا، مەن ئويلايمەنكى رىئال مادرىد ئىنتايىن يۈكسەك نەتىجىلەرگە ئىرىشەلەيدۇ. مەن ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇشۇ ئىپادىمىزنى ساقلاپ قېلىشمىز كىرەك دەۋاتىمەن . ماھىرلارمۇ بۇ قائىدىنى ئوبدان بىلىدۇ. مەن بۈگۈنكى مۇسابىقىدىن ئىنتايىن رازىمەنلىك ھىس قىلدىم. ھەر قېتىملىق مۇسابىقە ئوخشاش بولمايدۇ. بىراق سىز مەيلى قانداق ۋاقىت بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر مۇشۇنىڭدەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىز كىرەك. ئەگەر ماھىرلار مۇشۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرالىسىلا، ئۇنداقتا مىنىڭ كوماندىدىن ئەنسىرىشىمنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمايدۇ.»
ئۇ يەنە بېنزىما توغۇرلۇق توختۇلۇپ مۇنداق دىدى:« بېنزىمانىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولدى. ئەلۋەتتە پۈتۈن كوماندىدىكىلەرنىڭ ئىپادىسىمۇ قالتىس بولدى. ئەمما بېنزىمانىڭ ئىپادىسىنى ئالاھىدە ماختاشقا تىگىشلىك. ئۇنىڭ كىرگۈزگەن توپى كوماندىمىزنىڭ غەلبىسىگە يول ئاچتى. ئۇ ھازىر ئاللىقاچان مۇشۇنداق مۇسابىقىلەردىكى جىسمانى تەلەپكە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ھالەتكە كىلىپ بولدى، بۇ پەقەت بىر مەيدان مۇسابىقە خالاس. بىز بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئىپادىمىزنىڭ تۇراقسىزلىشىپ كەتمەسلىكىگە، چوقۇم قالتىس ئىپادىمىزنى ساقلاپ قېلىشمىزغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كىرەك. »
ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ بىرلەشمىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىدى: « بىزنىڭ نىشانىمىز بولسا مادرىد ئاتلىتكىدىن ھالقىپ ئىككىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش. بىز يەنە نۇمۇرىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشىمىز كىرەك . بۇ بولسا ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىگە پۇختا تەييارلىق كۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.
ئۇ ئاخىردا مۇخبىرلارنىڭ دۆلەت دىربىسى توغۇرسىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىپ مۇنداق دىدى: «مەن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. كوماندىمىز داۋاملىق مۇشۇنداق قالتىس ئىپادىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مۇھتاج. مەن نوكەمپو مەيدانىدا غەلبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ماھىرلىرىمىز ئاللىقاچان بۇنىڭغا تەييارلىق كۈرۈپ بولدى. مىنىڭ قارىشىمچە بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىنىڭ ئىنتايىن قالتىس بۇلىشىدا گەپ يوق.


f5a74d1f3ea12586df8cdcb5da5fecbe82e613ee[1].jpg
يېقىندىن بۇيان تارقىلىپ يۈرگەن مىش مىش پاراڭلارغا ئاساسلانغاندا پورتۇگالىيەلىك ئەسەبى ئادەم مۇرۇنھۇ بۇ يىل يەتتىنجى ئايدىن باشلاپ مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا تېرنىر بۇلىدىغان بۇلۇپ، مۇرۇنھۇنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسىگە تېرنىر بۇلۇش ئىشىغا قارىتا مانچىستىر بىرلەشمىسى مەستانىلىرىنىڭ كۆز-قارىشى ئوخشاش بولمىغان. مۇرۇنھۇنىڭ مانچىستىرغا تېرنىر بۇلىشىنى قوللايدىغان مەستانىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇ دەل مانچىستىرنى ھازىرقى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان، شۇنداقلا ئالۋاستىلارنىڭ بىر شەھەردىكى ئەشەددى رەقىبى مانچىستىر شەھىرى كوماندىسىنىڭ بولغۇسى باش تېرنىرى بولىمىش گۇئاردىئولاغا تاقابىل تۇرالايدىغان بىردىنبىر مەشقاۋۇل ئىكەن. ئەمما مۇرۇنھۇنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسىگە مەشقاۋۇل بۇلىشىنى قوللىمايدىغان مەستانىلەرنىڭ قارىشىچە ئەگەر مۇرۇنھۇ مانچىستىرغا تېرنىر بۇلۇپ قالسا ، ئۇنداقتا مانچىستىردىكى ياش توپچىلارنىڭ تەرەققى قىلىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بۇ مەسىللەرگە قارىتا ئىلگىرى ئاجاكىس،نىۋكاستىل،ۋالىنسىيە،بارسىلونا قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن،شۇنداقلا ھازىرقى مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ باش تېرنىرى ۋانجال بىلەن يۇرۇتداش بولغان كىرۇيىت ئۆز كۆز- قارىشىنى بىلدۈرگەن بۇلۇپ،ئۇنىڭ قارىشىچە مۇرۇنھۇمۇ ياش توپچىلارغا پۇرسەت بىرىدىغان تېرنىر ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: «ئەگەر مۇرۇنھۇ ياش توپچىلاردا ئازراقلا قابىليەت ھەم تىرىشچانلىق بارلىقىنى بايقىسىلا، ئۇنداقتا ئۇ ھىچ ئىككىلەنمەستىن ياشلارغا پۇرسەت بىرىپ ئۇلارنى مەيدانغا چىقىرىدۇ . ئەمىليەتتە ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىق بۇلۇپ توپچىلارنىڭ قانچىلىك قابىليىتى بارلىقىنى تۇنۇپ يىتەلەيدۇ. ئۇلارنى قانداق ئوينىتىشنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر سىز ھەر خىل بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى ئىشقا سالالىسىڭىزلا چوقۇم پۇرسەتكە ئىرىشەلەيسىز.»
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-21 15:35:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرشىنى چىن كوڭلىمىز دىن ئۈمۈد  قىلىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 15:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەييارلىنىپ بولدۇم مەنمۇ بۇ جەڭنى كۆرۈشكە كۆزلىرىمنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇپ نىرۋىلىرىمنى تەڭشەپ چايلارنى دەملەپ دېگەندەك

غەلىبە بۇرادەر ئاۋۇ گوللاندىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچىنىڭ ئىسمى كىلوۋىيرىت ئىدى. ئىلگىرى بارسېلونادا توپ ئوينىغان ،1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2000-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىدا ۋال-ۋۇل قىلىپ چاقنىغان ئىدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 15:59:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەت يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 15:47
تەييارلىنىپ بولدۇم مەنمۇ بۇ جەڭنى كۆرۈشكە كۆزلىرىمنى  ...


مەنمۇ شۇنداقراقمىكىن دەپ ھىچ قاملاشتۇرۇپ بۇلالماي شۇڭا قىسقىلا قىلىپ كىرۇيىت دەپ تەرجىمە قىلىپ قويغانتىم.

يېقىندىن بۇيان كەمدىدار بوپ كەتتىلىغۇ؟

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 16:06:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ، بىزلەرمۇ كۈتۈپ تۇرۇپتىمىز مانا ، كامپ نو غا ئەڭ ياخشى ھالىتىڭلاردا كېلىڭلا ، قىززىغان بىر مەيدان بولغۇسى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 16:06:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 16:16:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتوڭا يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 16:06
كىلە تاز، بىزمۇ سىنى ساقلاپلا قالدۇق! يەڭسەڭ يەڭگەن بو ...

مىنىڭ كۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان نەتىجەم تەڭلىشىپ قېلىش …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 16:23:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بۇلمىسۇن ئىككىلا تەرەپنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ مۇسابىقىگە چۈشۈپ بىزگە بىر مەيدان قىزىغان مۇسابىقە كۈرستىشىنى ئۈمىد قىلىمەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 16:29:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتوڭا يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 16:06
كىلە تاز، بىزمۇ سىنى ساقلاپلا قالدۇق! يەڭسەڭ يەڭگەن بو ...

ئالدىرماڭلا كىلىمىزغۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 16:30:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 16:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 16:32:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلە تاز تىز كەل مادرىدقا قايتقاچ كۆزلىرىڭگە ياش ئالاسەنمۇ ئېغىر قىرغىن بوپ كىتىپ ھڭھڭھڭھڭھڭھڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 23:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش