ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2269 |
تۆھپىسى: سەر |
|
‹‹ دۇنيا تەنتەربىيە گىزىتى ›› ۋە ئىسپانىيە تىلۋزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋەر قىلشىچە ، ۋىلارىيال بىلەن بۇلغان مۇسابىقىدىن كېيىن ، مىسسى ، سۇئارىز ،ماسچىرانۇ ۋە بىراۋۇ قاتارلىقلار ئايرۇپىلانغا ئۇلتۇرۇپ دۆلتىگە قايتقان .
ئالدىمىزدىكى ئىككى ھەپتىدە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۇتتۇرسىدا مۇسابىقىلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ، بارسېلۇنا بىرىنجى سەپ كوماندىسدىن 18 نەپەر توپچى كوماندىن ئايرىلىپ دۆلەت كوماندىسىغا قايتىقان .كوماندىدا قالغانلاردىن بۇلسا ( ئېنىستا ، دۇگلاس ، ئادىريانۇ ، ماسىپ ، بىدال ) قاتارلىقلار . ئۇلار كوماندىدا قىلىپ ئۈچ كۈنلۈك مەشىققە ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى .
پىك ، بارتىلا ، ئالبا ، بۇسىكىس ۋە رۇبىرتۇ قاتارلىقلار ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئىتالىيە ۋە رۇمىنىيە بىلەن بۇلغان ئىككى مەيدان دۇسلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ .مۇنىر بۇلسا ئىسپانىيە 21 ياشلىقلار كوماندىسغا ئەگىشىپ كىرۇدىيە ۋە نۇرۋىگىيە بىلەن بۇلغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ .
راكېتىچ كىرۇدىيە كوماندىسىغا ئەگىشىپ ئىسىرائىليە ۋە ۋېنگىرىيە بىلەن بۇلغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ . ۋېرملۇن ۋېلىش كوماندىسىغا ئەگىشىپ پۇرتىگالىيە بىلەن بۇلغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ . تىرىشتىگىن گىرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئىنگىلاد ۋە ئىتالىيە بىلەن بۇلغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ . ماتىھۇ فىرانسىيە كوماندىسىغا ئەگىشىپ رۇسىيە ۋە گۇللاندىيە كوماندىسى بىلەن بۇلغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ . ئاردا تۇران تۈركىيە كوماندىسىغا ئەگىشىپ ئاۋىستىرىيە ۋە شىۋىتسىيە بىلەن ئۇينىلدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ .
مىسسى ۋە ماسچىرانۇ ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسغا ئەگىشىپ چىلى ۋە بۇلىۋىيە بىلەن ئۇينىلدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ . بىراۋۇ چىلى دۆلەت كوماندىسىغا ئەگىشىپ ئارگېنتىنا ۋە ۋېنسۇىلا بىلەن بۇلغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ . نېيمار بىلەن ئارۋىس بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا ئەگىشىپ ئۇراگۋاي ۋە پاراگۋاي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقلىشىدۇ . سۇئارىز بۇلسا ئۇراگۋاي دۆلەت كوماندىسىغا ئەگىشىپ بىرازىلىيە ۋە پىرۇ بىلەن بۇلغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ . رافىنىيا بۇلسا بىرازىلىيە ئۇلىمپىك كوماندىسىغا ئەگىشىپ جەنۇبىي ئافىرىقا ۋە نىگىرىيە كوماندىسى بىلەن بۇلغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ .
شۇنداق بۇلغاندا بارسېلۇنا بىرىنجى سەپ كوماندىسدىن 18 نەپەر توپچى دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا ئاتلاندى . بۇلارنىڭ يارلانماي ساق كىلشىنى ئۈمىد كىلىمىز .... |
|