ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2165 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بارسېلۇنا كوماندىسى ئۈچ ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تاق مەيداندا ئىككى توپ كەتكۈزدى .
تۈنۈگۈن ئۇينالغان مۇسابىقىدە بارسېلۇنا كوماندىسى 2-2 نەتىجە بىلەن سېرىق رەڭلىك سۇ ئاستى كېمىسى ۋىلارىيال كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى .بارسېلۇنا كوماندىسىنڭ تاق مەيداندا بىردىن ئارتۇق توپ كەتكۈزۈپ قۇيغان مۇسابىقىسى ئۆتكىن يىلى يەنى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بۇلۇپ ، ئارلىقتا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن.
ئەينى چاغدىكى بارسېلۇنا كوماندىسنىڭ رەقىبى لاكرۇنىيە كوماندىسى بۇلۇپ ، بارسېلۇنا ساھىپخان مەيداندا 2-2 نەتىجە بىلەن تەڭلەشكەن . بۇ مەيدانمۇ ئىككى توپ ئۈستۈنلىكتە ئەھۋال ئاستىدا كەينى كەينىدىن ئىككى توپ كەتكۈزۈپ تەڭلىشىپ قالغان .
لاكىرۇنىيە كوماندىسى بىلەن بۇلغان مۇسابىقىدە راكېتىچ بىلەن مىسسىنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلىكنى ئىگەلىگەن ئەھۋالدا مۇسابىقىنىڭ 77-مىنۇتى ۋە 85- مىنۇتىدا ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قۇيۇپ تەڭلىشىپ قالغان .
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مۇسابىقە باشلىنىڭ 54- مىنۇت بۇلغان ئېنرىك پىكنى چۈشۈرۋىلىپ ئۇرنىغا ماتىھۇنى چىقارغان . شۇنىڭ بارسېلۇنا كوماندىسى 57-مىنۇت ۋە 62- مىنۇتتا ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قۇيغان . ئىككىنجى توپىنى پىكنىڭ ئۇرنىغا ئالمىشىپ چىققان ماتىھۇ قارشى تەرەپكە سۇۋغا قىلغان .
مەنبە- بىۋاستە تارقىتىش تورى |
|