ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6196 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى .. پىكنىڭ بالدۇرلا سېرىق كارتا يەۋالغىنى كىيىنكى مەيداندىكى توپ يەپ كىتىشكە سەۋەپچى بولۇپ قالدى . ۋىللارىيال ئۆزىنىڭ 4-ئوروندا مۇنداقلا ئولتۇرۇپ قالمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ قويدى .
ماتىھۇ ... ماتىھۇ بەكلا قىرىپ قاپتۇ .. ئۇ مەيدانغا چىقىپلا كۆپ سەۋەنلىكلەرنى ئۆتكۆزدى ..
روبىرتو - بىرلا ئىغىز گەپ «قالتىس ! »
بۈگۈن ئىنىستانىڭ يوقلىقى خىلى چاندى .. ئۇ ئاز دىگەندە 50 مىنۇت ئويناپ بەرسە باشقىچە بولىدىكەن . بۈگۈن ئوتتور مەيدان ئاجىز كىلىپ قىلىپ مىسسى تولىراق ئوتتورمەيدان ئوينىدى .
نىيمار - ئۇششاق ھەركەت بەك جىق . توپنى پۇتىدىن ئۈزۈشى ئاستا . لىكىن يەنىلا ياخشى ئوينىدى .
سۇئارىز - مەن سۇئارىزنىڭ بۈگۈنكى ئوينىشىنى كۆرۆپ ، بارساغا يىڭى قىتىلغان ۋاقىتلىرىنى كۆرگەندەك بولۇپ قالدىم . ئۇنىڭغا مۇسابىقىدىن كىيىن نەچچە نۇمۇر بەردىكى؟
بۇسكىس - يەنىلا قالتىس ! پاس يەتكۈزۈش بەك ياخشى !
ئالبا - ھۇجۇمچىلا بولىدىغان بالىتىكە بۇ ؟ سۈرەت بەك تىز .. مۇداپىيەمۇ ياخشى ..
ئاردا - ئۇنىڭغا يەنە ئازراق ۋاقىت كەتكۈدەك .. ھۇدۇقۇش ئېغىر . توپنى ئالا-ئالماي ، پاس بىرىۋبتىشكە ئالدىرايدىكە .
بىراۋۇ - بۈگۈنكى قەھرىمان. |
|