elan ornielan orni
كۆرۈش: 1241|ئىنكاس: 47

مانچىستىر دىربىسى مۇسابىقە خەۋىرى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-21 02:08  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...







123182502.png


21 - چىسلا چۈشتىن كىيىن ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە 31 - ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى ئوينالدى ، نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە :

مانچىستىر شەھرى 0    -    1 مانچىستىر بىرلەشمىسى

مانچىستىر دىربىسى ! ھىلال ئاي قوشۇنى مانچىستىر شەھرى ئۆزمەيدانىدا قىزىل ئالۋاستى مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ... مۇسابىقە باشلىنىپ كەسكىن ئىلىپ بىرىلدى . مۇسابىقە داۋاملىشىپ 16 مىنۇت بولغاندا مانچىستىر بىرلەشمىسى توپچىسى راشفورد بىر توپ ئۇردى ، ئالدىنقى مەيدان 0 - 1 ئاياغلاشتى ... كىيىنكى مەيدان ھەر ئىككىلى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجە ئۆزگەرمەي 171 - قىتىملىق مانچىستىر دىربىسىنىڭ غەلبىسى قىزىل ئالۋاستى مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسىغا مەنسۇب بولدى ...





ئامپىتون 3    -    2 لىۋىرپول

كۈچلۈك ئامپىتون كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا قىزىل قوشۇن - لىۋىرپول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى . مۇسابىقە باشلىنىپ 17 مىنۇت بولغاندا لىۋىرپول توپچىسى كونتىنھو بىر توپ ئۇردى ، 22 مىنۇت بولغاندا سىتۇرىچ بىر توپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان 0 - 2 ئاياغلاشتى . كىيىنكى مەيدان ئامپىتون كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 63 مىنۇت بولغاندا ئامپىتون توپچىسى مانى بىر توپ ئۇردى ، 83 مىنۇت بولغاندا ئامپىتون كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 2 تەڭلەشتۈردى ، 86 مىنۇت بولغاندا مانى بىر توپ ئۇرۇپ لىۋىرپول كوماندىسىنى بوغۇزلاپ تاشلىدى ... كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي ئامپىتون كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا غەلبە قىلدى ...





توتىنھام 3    -    0 بۇرنىموخ

توتىنھام ئۆزمەيدانىدا بورنىمۇخ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى . مۇسابىقە باشلىنىپ 1 مىنۇت بولغاندا توتىنھام ھۇجۇمچىسى كەئىن بىر توپ ئۇردى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 17 مىنۇت بولغاندا كەئىن يەنە بىر توپ ئۇردى ، ئالدىنقى مەيدان 2 - 0 ئاياغلاشتى ... كىيىنكى مەيدان توتىنھام كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ توتىنھام كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا 3 - 0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى . بۇنىڭ بىلەن توتىنھام كوماندىسى 5 نۇمۇر پەرىق بىلەن داۋاملىق بىرىنجى ئورۇندىكى قارا تۇلپار لەسچىستىر شەھرىنى قوغلىدى ...





نىۋكاستىل 1    -    1 ساندىرلاند

دەرىجە ساقلاش جىڭى ! . بىنتىس باشچىلىقىدىكى نىۋكاستىل كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ساندىرلاند كوماندىسىنى كۈتىۋالدى . ھەرئىككىلى كوماندا دەرىجە چۈشۈش رايۇنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەيداندىكى 3 نۇمۇر ناھايتى قىممەتلىك ئىدى . 90 مىنۇتلۇق كەسكىن مۇسابىقىدىن كىيىن بىر توپ ئارقىدا قالغان نىۋكاستىل كوماندىسى ئاخىرقى مىنۇتلاردا بىر توپ ئۇرۇپ ئۆزمەيدانىدا تەڭلىشىپ قالدى . ئىككى كوماندا بىردىن نۇمۇرغا ئىرىشتى ...




پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-21 01:56:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىىلىپ ماۋۇ قوشماقلارنىڭ نۇمۇرى تەڭلەشتىمۇ ئەمدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 01:58:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرئەت دىگەن دەھشەت تىز ھە…مانچىستىرغا بىرلەشمىسىگە مۇبارەك بولسۇن،بىراق ماۋۇ لىۋىرپۇل چاتاق قىلدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 01:59:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-21 11:17  
missi يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 01:56
شۇنداق قىىلىپ ماۋۇ قوشماقلارنىڭ نۇمۇرى تەڭلەشتىمۇ ئەم ...


ئاساسەن شۇنداق ... لىكىن ھەر ئىككىلى كوماندىنىڭ بىر مەيداندىن كەم . مانچىستىر شەھىرىنىڭ ئوينالمىغان مۇسابىقىسىدىكى رەقىبى نىۋكاستىل . مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ خىرۇستال ئوردا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 02:00:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yurak su kurduk ma musabikini  aldidiki derbida kayse komanda utkan....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 02:01:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەيئىن دىگەن بالا بەك ئىچىلىپ كىتىۋاتىدۇ جۇمۇ،مادرىد سوقاپ كەتسە بولىتى مۇشۇ بالىنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 02:01:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راشفورد ئېسىل  مانا ھە،ئەتە  ئەتىگەن  تۇرۇپ  مەكتەپكە  ماڭمىسا بولمايدۇ  تېخى ،لېكىن  70-مىنۇتلاردىن  كېيىن  مانچېستېر  يەنىلا  كونا  قىلىقىنى  قىلدى ،توپ يەپ كېتەمىكى  دەپ  ئەنسىرەپ ئولتۇرسام شەھەر ھۇجۇمچىلىرى كالامپايلىق  قىلدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 02:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sardar.bez يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 02:00
yurak su kurduk ma musabikini  aldidiki derbida kayse komanda utkan....

تەڭلەشكەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 02:03:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راشفورد   ،  ماشار  ، دېپەيلەر ...   مانچېستىرنىڭ كىيىنلىكى ياخشى بوپ كەتكۈدەك جۇمۇ   ...  راشفورد  قالتىسكەن جۇما   ئەمدى  18  ياش كىرگەن بالىكەن   ...        بېنىتىزنىڭ  ئىشى  ئوڭ بولماي قېلىۋاتىدۇ يا    ...  ساڭا  ئامەت تىلەيمەن بېنىتىز    ...  غەيرەت قىل    ...   لىۋىرپول    قولغا كەلگەن غەلبە يوق بوپ كىتىپتۇ   ...    رېس  بىرە مەيدان پۇتلاشسا بولاتتى   ... مېنىڭ لەيچېستىر شەھىرىنىڭ چېمپىيون بولغىنىنى كۆرگۈم بار   ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 02:03:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېۋېرپولنىڭ  قىلغان  قىلقى  پەقەت   قاملاشمىدى  ،  بىنتىكې مۇسابىقە  2-1  چاغدا    ياخشى    پۇرسەتنى   قودىن  بىرىپ  قويدى  .  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 02:04:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن تىز، مۇسسابىقە تۈگەپ بولغىچە…مانچېستىر شەھرى بۈگەنكىدەك ئ‍وينىسا، پارىژغا ئ‍ۇتتۇرىشى ئ‍ىنىق…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 02:08:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 16:11

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش