ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1146 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇدۇن1314 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-20 19:59
ياش توپچىلار ھەمىشە ئاسانلا ھاياجانلىنىپ قالىدۇ .ئۇنىڭدىن كېيىن ئىتتىكلىك قىلىپ قويغانلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ .لىكىن جازاسىغا بەرداشلىق بېرەلمەي كۆزلىرىدىن ياش ئاقتۇرىدۇ .
بۈگۈب ئەتتىگەن ئوينالغان 6 نومۇرنى ساقلاپ قىلىش جېڭىدە گېرانادا ياش توپچىسى سۇكسەيىس مۇشۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلدى .سۇكسەيىسنىڭ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى تىتىك قايناق بولغان .ئۇنىڭ ھۇجۇمدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى بىلەن گىرانادا بىر توپ ئۇرۇپ تۇنجى بولۇپ ئالدىغا ئۆتكەن .
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 70-مىنۇتقا بارغان ۋاقىتتا سۇكسەيىس بالېكانو توپچىسدىن توپ تالىشىۋاتقان ۋاقىتتا قولىنى كۆتۈرۋالغانلىق سەۋەبلىك قارشى تەرەپكە زەربە بېرىپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىككىنچى سېرىق كارتىسىنى يەۋالغان .ئىككى سېرىق بىر قىزىلغا ئۆزگۈرۈپ مەيداندىن چۈشۈرۋېتىلگەن .
شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سۇكسەيىس ئۆزىنىڭ بىر ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى ھېس قىلغان .كوماندىمۇ بىر ئەزا كەمچىل ئەھۋال ئاستىدا مۇسابىقە ئويناشقا مەجبۇر بولغان . ئۇنىڭ ھېسياتدىمۇ قالايمىقانلىشىش كۆرۈلگەن .باش رېپىر قىزىل كارتىنى چىقارغاندىن كېيىن بۇ ياش يىگىتنىڭ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى ھېس قىلغاچقا ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن لىكىن بۇ 20 ياشلىق يىگىت يەنىلا ئۆزىنىڭ ھېسياتىنى كونتىرول قىلالماي مەيداندىن كۆزلىرىدىن ئاققان پۇشايمان ياشلىرىنى سۈرتكەن پېتى مەيداندىن ئايرىلغان ”
ئەڭ ئاخېرىدا بىر ئادەم ئارتۇقلىقىدىن پايدىلىنىپ بالېكانو نومۇرنى تەڭلەشتۈرۋالغان .بىز شەخسەن مەن سۇكسەيىسنىڭ كەسپى ھاياتىدكى بۇ ئاچچىق ساۋاقتىن ياخشى ساۋاق ئېلىپ تېخىمۇ ئالغا ئېلگىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن …… |
|