ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3417 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم مۇنبەر ئەھلى مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.
شىنلاڭ تەنتەربىيەسى خەۋىرى:
مۇرنئۇنىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن تۈزۈلگەن يىڭى توختامىدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار تاراتقۇلاردا ئاشكارلاندى.
ھەممىزگە مەلۆم مورىنئۇ چېلسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىشسىز يۈرىۋاتىدۇ، لىكىن تاراتقۇلاردا كۈندە دىگۈدەك مورىنئۇنىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسىگە تېرنىر بولىشى توغورلوق خەۋەر تارقالغىنىغا خېلى بولدى، بۇ بىزگە ئانچە يىڭىلىق ئەمەس. مورىنئۇ ئۆزىمۇ 7 - ئايدىن باشلاپ داڭلىق بىر كولۇپنى قولغا ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
بۈگۈن چەتئەل تاراتقۇلىرى مورىنئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى مىندىسنىڭ گىستىفۇتې شىركىتى تەرىپىدىن مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن تۈزۈلگەن توختامنىڭ مەلۆم بىر ماددىسى ئىلان قىلىنىپ مورىنئۇنىڭ يازدا راسلا مانچېستىر بىرلەشمىسىگە كىلىدىغانلىقى دەلىللەندى.
يەنى مىندىسنىڭ شىركىتى خلى بۇرۇنلا مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن توختام ئىشىدا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ. توختامغا مانچېستىر بىرلەشمىسىمۇ ئەمەل قىلماي ئامالى يوق ئىكەن. يەنى ئەگەر مانچېستىر بىرلەشمىسى كولۇبى 5 - ئاينىڭ 1 كۇنىدىن بۇ توختامغا قول قۇيمىسا ئۇ ھالدا مانچىستىر بىرلەشمىسى كولۇبى يۇقۇرى قاتلىمى مىندىسنىڭ شىركىتى ۋە مورىنئۇغا 5 مىليۇن فۇنىتسىتىرلىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلش ھەققى تۈلەيدىكەن. ( بۇ بەلكىم مىندىسنىڭ شىركىتىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى مانچېستىر بىرلەشمىسى كولۇبى بىلەن قىلىۋاتقان موئامىلە جەريانىدا شەكىللەنگەن مۇناسىۋەت تورى ئوخشايدۇ ).
ئەگەر 6 - ئاينىڭ 1 - كۇنىگىچە يەنىلا توختامغا قول قۇيمىسا ئۇ ھالدا بۇ سومما 10 مىليۇن فۇنىىتسىتىرلىڭ بولىدىكەن. دىمەك مورىنئۇنىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسىگە كىلىشى ئىنىق بولدى دىگەن گەپ. پەقەت مانچىېستىر بىرلەشمىسى ۋانجالغا پۇرسەت بىرىمىز دەپ ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزلىگىدىن ئىستىپا بىرىپ يەنە بىر يىللىق توختامدىكى ۋانجالغا بىرىدىغان ئىش ھەققىنى تۇتىپ قالماقچى ئوخشايدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا ئەگەر مانچېستىر بىرلەشمىسى 6 - ئاينىڭ 1 - كۇنىدىن بۇرۇن بۇ توختامنى ئىتىراپ قىلمىسا ياكى قول قويمىسا 15 مىليۇن فۇنىتسىتېرلىڭ تۆلەم تۆلەيدۇ دىگەن گەپ. ئۇنداقتا ۋانجالغا بىرىلگەن پۇرسەتكە ھىچقانچە ۋاقىت قالمىدى.
ئەڭ موھىمى مانچېستىر بىرلەشمىسى ۋانجال ئۆچۈن مىندىسنىڭ شىركىتى بىلەن شەكىللەندۇرگەن قويۇق مۇناسىۋەتكە سەل قارىمايدۇ ئەلبەتتە. ئۇنداقتا قىنى بۇ ئۆپكە يۈز ئۆزلىگىدىن ئىستىپا بىرەرمۇ ياكى جاھىللىق بىلەن تۇرىۋىرەرمۇ. خەۋەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا قىزىقسىڭىز- دىققىتىڭىز ئەڭ يىڭى، ئەڭ سەرخىل تەنتەربىيە خەۋەرلىرى جەمگاھى - شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرى كولۇبىدا بولسۇن.
|
|