elan ornielan orni
كۆرۈش: 820|ئىنكاس: 20

تۈركىيە دىربىسىغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاتلىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-20 17:36  



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بارلىق قېرىنداشلار ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن!

derbi_1.jpg


   تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 26-ئايلانمىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئايلانمىدىكى قىززىق نوقتىلىق مۇسابىقىلەردىن بەشىكتاش كوماندسىى بىلەن ئانتاليا تەنتەربىيسى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى ئاخشام ئېلىپ بېرىلىپ بولدى. نەتىجىدە بەشىكتاش كوماندىسى 1 توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلغاندىن كېيىن بىرلەشمىنىڭ چوققىسىدا ۋاقىتلىق تۇرۋاتىدۇ. بۇنىڭ كەينىدىن فەنەرباغچە كوماندىسى 4 نومۇر بىلەن قوغلاپ كېلۋاتىدۇ. بۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىدە فەنەرباغچە كوماندىسى كۈچلۈك گالاتاساراي كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان «تۈركىيە دۆلەت دىربىسى» ئېلىپ بېرىلىدۇ. فەنەرباغچە كوماندىسى ئالدىنقى ھەپتە ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ 8 كۈچلىگە كىرىشتىن مەھرۇم قالدى. بەشىكتاش كوماندىسى بولسا بۇ پەسىللىك بىرلەشمىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېلەر پەسىللىك ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىگە يۈرۈش قىلۋاتىدۇ. فەنەرباغچە كوماندىسى بولسا گەرچە ئازىراق پەرىق بىلەن ئارقىدىن كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇلارنىڭ نىشانى دەل بەشىكتاش كوماندىسىنىڭ نىشانى بىلەن ئوخشاش. مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئالدىدا فەنەرباغچە كوماندسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چۇقۇم غەلبە قىلىشى كېرەك شۇنداق بولغاندىلا بىرلەشمىدە چېمپىيۇن بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ.

   گالاتاساراي كوماندىسىنى بولسا بۇ پەسىل پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى دېسەك بولىدۇ. خۇددى ئالدىنقى پەسىللىك ئېنگىلاند چېمپىيۇنى كۆك ئارمىيە چېلىسى كوماندىسىغا ئوخشاش. چۈنكى بۇلار ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقىدە بىرلەشمە چېمپىيۇنى، تۈركىيە لوڭقىسى چېمپىيۇنى ۋە تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتارلىق ھەممە تۈردە چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن دىشۋارچىلىققا يۇلۇقۇپ، بىرلەشمىنىڭ 5-ئورۇنىغا چۈشۈپ قېلىپ، بىرىنچى ئورۇندىكى كوماندىدىن 24 نومۇر ئارقىدا قالدى. بۇلارنىڭ پەقەت يەنە 8 ئايلانما مۇسابىقىسى قالدى. بۇنىڭدىن كېينكى مۇسابىقىلەردە ھەرقانچە غەلبە قىلىپ ماڭسىمۇ بىرلەشمىنىڭ ئالدىنقى 3 نىڭ ئىچىگە كىرىش تەس ئىش بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن سىرىت ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ جازاسىغا ئۇچۇراپ، 2 يىللىق ياۋرۇپا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش سالاھىيتىدىن مەھرۇم قالدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا قالغان گالاتاساراي كوماندىسى جان تىكىپ ئويناپ، ساھىخان مەيدان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېينكى بىردىنبىر ئۈمۈد تۈركىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە قالدى.

   فەنەرباغچە كوماندىسى بولسا بىرلەشمىنىڭ 9-ئايلانمىسىدىكى تۇنجى ئۇچۇرۇشىش مۇسابىقىدە ساھىبخان بولۇپ، گالاتاساراي كوماندىسى بىلەن 1-1 تەڭلەشكەن. بىرلەشمىنىڭ بىرىنچىلىك تالىشىش جېڭى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان مۇشۇنداق ۋاقىتتا فەنەرباغچە كوماندىسى مېھمان بولۇپ مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ بۇلارغا نىسبەتەن، مېھمان مەيدان شارائىتىنى ئېلىپ ئېيىتقاندا گالاتاساراي كوماندىسى بىر قەدەر ئاكتىپ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچۇراشقاندىكى ئىپادىسى ئادەتتىكىدىن سەزگۈزلىشىپ، مۇسابىقە دەرىجىدىن تاشقىرى كەيپىياتقا چىقىدۇ.

مۇسابىقە ئورنى: گالاتاساراي تۈركىيە تېلېگراف رىقابەت مەيدانى
مۇسابىقە ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 12:00 دە (شىنجاڭ ۋاقتى)
مۇسابىقە كۆرۈش نوقتىسى: بىۋاستە تارقىتىش 8 تورىغا كىرىپ، تارقىتىش ئۇلانمىسىدىن كۆرۈڭ!

   دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇتبول بىرلەشمىلىرىنىڭ دۆلەت دىربىسىنىڭ قانچىلىك قاينام-تاشقىنلىقتا ۋە قىزغىنلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، مۇسابىقىنىڭ قانچىلىك كەسكىن داۋاملىشىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. مۇسابىقىنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسىگە قىزىقىدىغانلا كېچىدىكى مۇسابىقىنى بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-20 17:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل   كۆرىمىز قىززىشىدا گەپ  يوق   لىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 17:47:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمۈت بۇلۇت چۈشەلمەيدۇ ھەقىچان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 17:47:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىربىنى كۆرمىز ، كۆرمەي بولمايدۇ ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 17:50:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 17:51:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆسەنى يوللىغان ۋاقتى  2016-3-20 17:47
ئۈمۈت بۇلۇت چۈشەلمەيدۇ ھەقىچان

چۈشىدۇ، تىزىملىكتە بار....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 17:56:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىدا7 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-20 17:50
بىرلەشمىنىڭ مەرگەنلىكى كىمنىڭ قولىدا ھازىر؟ بىر ۋاقىت ...

گومېزنىڭ قولىدا، ئېيتو 2-ئورۇندا، ئىككىسىنىڭ ئورنىدا 3 توپ پەرىق بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 17:57:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فەنەر باغچە   ئالغا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 18:33:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 18:36:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گالاتاساراي  نىمىشقا مۇشىنداق  بولۇپ  قالغاندۇ؟
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 18:39:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە دىبىرسىنىڭ قىززىشىدا گەپ يوق
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 18:52:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەركەردە77 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-20 18:36
گالاتاساراي  نىمىشقا مۇشىنداق  بولۇپ  قالغاندۇ؟

مۇشۇنداق بولىشىدا بۇلارمۇ 3 تېرنىر ئالماشتۇرۇپ بولدى. ماسلىشىش ياخشى ئەمەس. ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 21:34

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش