ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2158 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غەلبە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-20 00:06
بارسىلونا كوماندىسنىڭ بىرازىليەلىك ھۇجۇمچىسى نېيمار بىرازىليەدىكى ئابولا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئەشەددى رەقىبى رىئال مادرىد كوماندسىنىڭ قاتىل ھۇجۇمچىسى كىرستىيانو رونالدونىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بارسىلونا كوماندىسغا قۇشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بۇ يىل يازدا ئۆزىنىڭ بارسىلونا كوماندىسىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن مانچىستىر بىرلەشمىسى ياكى مانچىستىر شەھىرى كوماندىسىغا قۇشۇلۇشنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ زىيارەت داۋامىدا رونالدو توغۇرلۇق مۇنداق دىدى: مەن كىرىستىيانو رونالدونى ياقتۇرىمەن، يەنى مەن ئۇنىڭ مەستانىسى. ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر رىۋايەت ھىسابلىنىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بارسىلونا كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپكەنلىكىنى كۈرۈش چوقۇمكى ئىنتايىن قالتىس ئىش ھىسابلىنىدۇ. ئۇ بارسىلوناغا قوشۇلسا قالتىس ئىش بولغان بۇلاتتى .
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مانچىستىر شەھىرى ۋە مانچىستىر بىرلەشمىسىگە قۇشۇلدىغانلىقى توغرىسىدا پەيدا بولغان سۆز چۆچەكلەرگە رەدىيە بىرىپ مۇنداق دىدى: مەن بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ياقتۇرىمەن. ھەم پات-پات ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۈرۈپ تۇرىمەن. لىكىن مەن داۋاملىق ھازىرقى مەشقاۋۇلۇم لۇيىس ئىنرىك بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھىچقاچان بارسىلونا كوماندىسىدىن ئايرىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم. مەن ئۇزۇن مەزگىل بارسىلونا ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايمەن. مىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىم توغۇرلۇق چىققان خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت تاراتقۇلارنىڭ ئۆسەك سۆزلىرى. مەن ھازىر تارىختىكى بىردىنبىر ئەڭ قالتىس دەپ سۈپەتلىنىشكە ماس كىلىدىغان قالتىس بىر كوماندىنىڭ ئەزاسى. مەن ھازىرقى سەبداشلىرىم بىلەن بىرگە توپ تىپىشنى ياخشى كۆرىمەن. مەن بارسىلونا كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. بىزنىڭ بۇيىلمۇ داۋاملىق ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىنى ساقلاپ قېلىشىمىز ئىنتايىن تەسكە توختايدۇ. چۈنكى بىزدىن باشقا يەنە 7 زەردار كوماندا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشىشنى كۆزلەۋاتىدۇ. لىكىن بىز شۇنداقتىمۇ، يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇن بۇلۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىزنى چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، ھەرگىزمۇ بەل قۇيىۋەتمەيمىز . |
|