ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6196 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!
كۈندىلىك تەنتەربىيەسى خەۋېرى ، خۇپۇ تەنتىربىيەسى مەنبەسى:
ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا سىمونى ئۇزغۇنلۇق 4 كۈچلۈككە كىرىش جىڭىدىكى رەقبى بولغان بارسېلوناغا قارىتا كۆز قارىشىنى ئىيىتتى .ئۇ :« بارسېلونادەك دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس كۇلۇپ بىلەن تۇتۇشىشىمنى بىلىپ ، بەكمۇ ھاياجانلاندىم » دىدى .
« بۇ مەيدان مۇسابىقە بولسا ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر مەيدان مۇسابىقە ، لىكىن بىز دىققەت نەزىرىمىز نى كۆز ئالدىمىزدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى رەقىبىمىزگە قارىتىشىمىز كىرەك . توغرا . بارسېلونا ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس كۇلۇپ ، بۇبىر ھەقىقەت » دىگەن .
ئۇ يەنە : « يەنە بىر نۇقتىدىن ئىلىپ ئويلىغاندا ، بىز قانداق قىلغاندا دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس كۇلۇپنى مەغلۇپ قىلالايمىز ؟ مانا بۇ مۇھىم ئويلىنىشقا تىگىشلىك ئىش . مەن راستىنلا ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتىمەن .مەن ھازىرقى بارسېلونانى نەچچە يىل ئاۋۋالقى بارسېلونادىن كۆپ ئۆزگەردى دەپ قارايمەن . ھازىر ئۇلارنىڭ تىز قايتۇرما ھۇجۇمى ئىنتايىن ياخشى . نىيمار بۇ ئىككى يىلدا كۆپ تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ سەۋىيەسى ئۆستى . سۇئارىزمۇ شۇ . ئۇلارنىڭ كاندىدات ئەزالىرىمۇ قالتىس . بارسېلوناغا نىسپەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا ئۇلار قايسى ئەزالىرىدىن جەڭ تاكتىكىسى تۈزسە ، يەنىلا ئەڭ ياخشى بولغان سەپ شەكلى چىقىۋىرىدۇ . ئۇلارنىڭ تاللىشى كۆپ ! » دەپ گىپىنى تۈگەتتى ..
(ھەمراھ)
|
|