ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن
بۈگۈن ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق 4 كۈچلۈككە كىرىش بويچە ، 8 كوماندا ئوتتۇرسدا چەك تارتىش ئېلىپ بېرىلدى ، ھەممە دىققەت قىلغان رېئال مادرىدتقا بۆرە قەلئەسى ۋۆلىفسبورگ ئۇچراشتى .
10 لوڭقىنىڭ ئىگىسى ياۋرۇپا زەردارى مادرىد جەمئىي 33 قېتىم 8 كۈچلۈكتە باشقىلارنى بوغۇزلاپ دەرىجە ئۆرلىگەن ، پۈتكۈل ياۋرۇپا بويىچە ئەڭ كۆپ قېتىم ئۇتۇق قازانغان كۇلۇب بولۇپ قالغان .
ۋۆلىفسبورگ تارىختىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم 8 كۈچلۈككە كىرگەن .
ياۋرۇپا 3 چوڭ لوڭقىسى بويچە تېخى بۇ ئىككى كۇلۇب ئۇچرىشىپ باقمىغان .
مادرىدنىڭ -‹‹ چوڭ بولقى ››
ۋۆلىفسبورگ بولسا بۇ پەسللىك ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈك كۇلۇبنىڭ بىرى ، نەزىرىيە جەھەتتىن كۈچلۈك كۇلۇب ، 2009-2010 بولسا بىر قېتىم گۇرۇپتىن چىققان ، بۇ پەسىل تارىخ يارتىپ 8 كۈچلۈككە كىرگەن . ئاران 2 قېتىلىق ئۇزغۇنلۇق تەجىربىسى بار .
خان جەمەتى مادرىد بولسا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىردە ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كۇلۇپ ئۇزغۇنلۇق بويىچە 10 لوڭقا ئېلىپ ، لوڭقا سانى بويىچە بىردىن بىر قوش خانىغا يەتكەن . 42 قېتىم 8كۈچلۈككە كىرگەن ، نەزىيە جەھەتتىن ۋۆلىفسبورگ مادرىد ئۈچۈن بىر چوڭ ‹‹بولاق ››.
مادرىد ئۇدا 5 قېتىم گىرمانىيە كۇلۇبىغا ئۇچرىغان .
ئۆتۈپ كەتكەن بەش پەسىل رېئال مادرىد ئۇدا گىرمانىيە كۇلۇبىغا ئۇچرىدى ، 2011-12 بەيېرىن بىلەن نوقتا توپ جېڭى، 2012-13 بولسا كىلوپ باشچىلقىدىكى ھەرىلەر تەلۋە ئادەم مورىنھو باشچلقىدىكى مادرىدنى شاللىغان ، 2013-14 بولسا 16 كۈچلۈكتە شالىك ، 8 كۈچلۈكتە دورتموند ، 4 كۈچلۈكتە بەيېرىن ، ئۇدا 3 گىرمانىيە ئەڭ كۈچلۈك كۇلۇبلىرنى بوي سۇندۇرغان ، ئالدىنقى پەسىل 16 كۈچلۈكتە شالىكنى شاللىغان ، بۇ پەسىل يەنە بىر گىرمان كۇلۇبى ئۇچرىدى ، يەنە يېڭىپ دەرىجە ئۆرلىيەلەمدۇ ؟
زىدانى باشچىلقىدىكى سامان يولى جەڭ كېمىسى قانچىلىك چاپالايدۇ ؟
مادرىد نىڭ شاھلىق ئويناش سالاھتى ئېلىپ تاشلاندى ، بىرلەشمىدە ئۈمۈد يوق ، بىردىن- بىر نىشانى ئۇزغۇنلۇق ، مادرىدنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى نەتىجىسى ئالاھىدە بولۇپ كىلۋاتقان ، يەنى ئۆتۈپ كەتكەن 5 پەسىل ئىچىدە ھەممىسدە 4 كۈچلۈككە كىرگەن ، ۋۆلىفسبورگ شاللاپ داۋاملىق تىرشىشتىن باشقا تاللاش يولى يوق .
.
مادرىدنىڭ دەرىجە ئۆرلىشگە قارىتا بېسىم يوق
2010-11 يەنى مورىئو دەۋرىدىن باشلاپ ، ‹‹ ئەڭ ئاز ئىستىمال قىلىش ›› بويىچە ھەممە پەسلىدە 4 كۈچلۈككە كىرىپ كېلۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ ئىچدە 2013-14 ياخشى نەتىجە بىلەن ھەل قىلغۇچقا بۆسۈپ كىرىپ چىمپىيۇن بولغان ، ئەمەلىي كۈچى ئاجىز ۋۆلىفسبورگنى شاللاش ئېھتىماللىقى يۇقىرى نىسبەتتە . |