ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1146 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-19 02:11
بەيرېن توپچىسى رېبرىنىڭ ئىپادە بىلدۈرىشچە بېنفىكا ناھايىتى ياخشى تاللاش ئىكەن بىراق ئۇ ئۆز كوماندىسنى چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئاجىز كوماندا يوق دەپ ئاگاھلاندۇردى .
رېبرى ئىپادە بىلدۈرۈپ :” بېنفىكا ناھايىتى ياخشى تاللاش .بېنفىكا بەلكىم كاتتا بىر كۇلۇپ بولمىسىمۇ لىكىن قالتىس توپچىلارغا ئىگە كۇلۇب .ئۇ يەردە گۈزەل توپ مەيدانى ۋە ناھايىتى ياخشى توپ مەستانىلىرى بار .بىز چۇقۇم دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرشىمىز كېرەك .1/4 ھەل قىلغۇچتا ئاجىز كۇلۇپ يوق”دېدى.
ئالابا ئىپادە بىلدۈرۈپ :“بۇ ئەلۋەتتە بىر يەڭگىل مۇسابىقە ئەمەس .بېنفىكا 8 كۈچلۈككە كىرىشكە لايىق كوماندا ھەم يەنە بىر خەتەرلىك كوماندا .بىز تېخىمۇ ئۇزاققىچە مېڭىشنى خالايمىز .بۇ بىزنىڭ نىشانىمىز ,بىز لوڭقىغا ئېرىشمەكچى بولساق چۇقۇم ھەممىنى مەغلۇپ قىلىشمىز كېرەك ”دېدى.
ئالونسو ئىپادە بىلدۈرۈپ :“بىز دىققىتمىزنى مەركەزلەشتۈرشىمىز لازىم بۇ دەرىجە سىنىقى .ھەربىر مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى جاپالىق ”دېدى .
سامور ئىپادە بىلدۈرۈپ :“بۇ ياخشى تاللاش بولدى .ئۇلارنىڭ ناھايىتى قالتىس بىر كوماندىسى بار .ئۇلار زېنىت بىلەن ئوينىغان ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلدى.بىز ئىشەنچىگە مۇھتاج شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەمتەرلىككە مۇھتاج .بىز ئۆزىمىز بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك كۇلۇبنىڭ تاللىنىشىنى بىلەتتۇق ”دېدى .
بەيرېن مىيۇنخىن تارىختا 6 قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ بەيرېن 4 قېتىم غەلبە قىلىپ 2 قېتىم تەڭلەشكەن .ئىككى تەرەپنىڭ يېقىنقى ئۇچرىشى 20 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن .1995/96 مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىدا بېنفىكانى شاللىۋەتكەن .ئەينى ۋاقىتتا بەيرېن ئىككى ئايلانمىدا 4-1 ,3-1 نەتىجىدە بېنفىكانى مەغلۇپ قىلىپ 1/4 كۈچلۈككە كىرگەن .
ئىككى تەرەپنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنلىيەن (بىلمىدىم مەنىسىنى )پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى نۇر پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ .
مەنبە :مىيۇنخىن گېزىتى .مەنبە ئادرىسى :http://kanqiu.hupu.com/s?u=fifa/news/2013791
……………………………………
|
|