elan ornielan orni
كۆرۈش: 1224|ئىنكاس: 45

ھەقىقەت خەۋەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەقىقەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-18 16:48  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبەرداشلار!

1.  ئىسپانىيە بىرلەشمىسى جۇغلانما نومۇر تەرتىۋىدە 100نومۇرلۇق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى. d1a20cf431adcbefbc93e2bcacaf2edda2cc9fe1.jpg

بۇ پەسىللىك ياۋروپا چىمپىيۇنلۇق ۋە ياۋروپا ئىتتىپاق (بىرلەشمە) لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە ئايرىم -ئايرىم ھالدا 8كۈچلۈك رەقىبلەر تاللىنىپ بولۇندى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە تەۋە ئالتە كوماندا بۇ كۈچلۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى(بارسېلونا ،رېئال مادرىد، ئاتلېتىكا مادرىد ، سېۋىللا، ۋېللارىئال، بىلبائو ئاتلېتىكا ). بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىكى ھەرقايسى بىرلەشمىلەرنىڭ جۇغلانما نومۇرىدا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى باشقا بىرلەشمىلەردىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كېتىشتەك ئەھۋال كېلىپ چىقىپ يېقىنقى بەش مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇغلانما نومۇرى  100.73 نومۇرغا يەتتى، ئىككىنچى ئورۇندىكى گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ بولسا  78.891 بولدى، ئېنگىلانىد بىرلەشمىسى 74.784 نومۇر بىلەن 3-ئورۇننى ساقلاپ قالدى،  يۇۋىنتۇس، لازىئو كوماندىلىرىنىڭ شاللىنىپ كېتىشى بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىدىن ئۆتۈپ كېتىش پۇرسىتى يوققا چىقىپ  70.439 نومۇر بىلەن داۋاملىق 4-ئورۇندا تۇرۇپ قالدى. پورتۇگالىيە ، فىرانسىيە بىرلەشمىلىرى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 5-، 6-ئورۇندا تۇردى.

2. چىلى كوماندىسى تىزىملىكنى ئېلان قىلدى.
Img440945753.jpg

چىلى پۇتبولچىلار جەمئىيىتى  ئەڭ يېڭى دۆلەت كوماندا ئەزالىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ (18كىشىلىك چەتئەللەردە توپ تىپىۋاتقان ئەزالار) ئۇنىڭ ئىچىدە بارسېلونادىكى كىلاۋدىئو. بىراۋۇ، ئارسېنالدىكى ئالېكىس سانچىز، بايرىندىكى ئارتۇرو. ۋېدال قاتارلىقلار كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان چولپانلاردۇر، ئۇندىن باشقا ئېنتىردىكى گاراي.مېدىل، ئىسپانىيىكلەر كوماندىسىكى ئېنزو.روكو، فىلورىنسىيەدىن ماتىياس. فېرنەندىز، مارسىلدىكى مائوركىيۇ. ئېسىلا،سېلتادىكى مارسىلو. دىئاس قاتارلىق مۇنەۋۋەر ماھىرلارمۇ بار. چىلى كوماندىسى 24-مارت كۈنى ساھىبخان بولۇپ ئارگېنتىنا كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان كەسكىن جەڭ قىلماقچى، بۇ مۇسابىقە دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ بۇلتۇرقى ئامېرىكا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ قايتا نامايان بولىشىدەك قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن چىلى كوماندىسى مېھمان بولۇپ ۋىنسۇئېلاغا بارىدۇ. بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقە چىلى كوماندىسى ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق مۇسابىقىلەر ھېساپلانماقتا. بىراۋۇ ئۈچۈن ئارگېنتىنا بىلەن بولغان جەڭ ئۇنىڭ چىلى دۆلەت كوماندىسىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسىدۇر.

3. 8كۈچلۈكلەر چەك نەتىجىسىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بار ئىچكى ئۇرۇشلار
1)  ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى
(1)

ئىسپانىيە دېربىسى
رېئال مادرىد بىلەن بارسېلونادىن ئىبارەت ئىسپانىيىنىڭ ئىككى يوغان بۇقىسى ئەزەلدىن چىقىشالمايدۇ، 4-ئاي كىرىشى بىلەن ئۇلارنى بىر مەيدان دۆلەت دىربىسى ساقلاپ تۇرماقتا ، بۈگۈنكى چەك تارتىشتا ناۋادا بۇ بۇقىلار ئۆزئارا ئۇچرىشىپ قالسا توپ مەستانىلىرى ئۈچۈن يەنە قالتىس قىزىغان   ئىككى مەيدان ئېلىشىش مەنزىرىسى نامايان بولغۇسى.
Img8350608_x580.jpg

(2) مادرىد دېربىسى[
/color] Img8350607_x580.jpg
ئاتلېتىكا مادرىد بىلەن رىئال مادرىد ئۇچرىشىپ قالسىچۇ؟ 2014-يىلى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدىكى ھاياجانلىق دەقىقىلەر يەنە نامايان بولارمۇ؟ بىر شەھەردىكى قان رەقىبلەرنى ئۇچرىشىپ قالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
(3) بارسېلونا بىلەن ئاتلىېتىكا مادرىدنىڭ جېڭى
Img8350606_x580.jpg
بۇ ئىككى كوماندا ئۆز بىرلەشمىىسدە ئالدىنقى رەتنى بەرمەي چاپماقتا، ئۇلار ئارىسىدىكى ئىككى مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقە تۈگىگەن بولسىمۇ بۇ قېتىم يەنە ئۈسۈشۈپ قالسا بىرلەشمە چوققىسىنى كەسكىن تالىشىۋاتقان ئىككى كوماندىغا نىسبەتەن يېڭى باش ئاغرىقلىرى پەيدا قىلىشى ئېنىق.
2) گېرمانىيە ئىچكى ئۇرۇشى Img8350601_x580.jpg

گېرمانىيە بىرلەشمىسىنى مونۇپۇل قىلىۋالغان بايرىن ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا  تاغىل ئاتلارنى قانسىرتىپ  8كۈچلۈككە كىرىۋالدى، ئۇلا ربىلەن  بىللە يەنە بۆرە ئىنىدىكىلەرمۇ  بۇ  كۈچلۈك رەقىبلەر قاتارىغا بېسىپ كىردى، چەك تارتىش نەتىجىسىدە تانكىلار بۆرە ئىنىغا بېسىپ كىرىدىغان ۋەزىيەت ئىپەدىلەنسە بۇ ئېنىقلا گېرمانيە ئىچكى ئۇرۇشى بولۇپ قالىدىغاندەك.

3) بايۋەتچىلەرنىڭ ئېلىشىشى
Img8350605_x580.jpg

يېقىنقى يللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەقتىن كېلىۋاتقان ماي پۇراپ تۇرغان ياۋرولارنىڭ كۈچى بىلەن ئېنگىلانىد ۋە فىرانسىيىدە ئىككى يېڭى زەردار باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا، شەھەرلىكلەر تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتا 8كۈچلۈككە قەدەم ئالدى، پارىژمۇ كۆك ئارمىيىنى قوش بوغۇزلاپ بۇ سەھنىگە قىستىلىپ كىرىپ يامان ئەلپازى بىلەن باشقىلارغا ھومايماقتا. بىراق بۇ تۇپرىقى ئوخشاش ئىككى يېڭى زەردار بالدۇرلا تۇتىشىپ قىلىپ ئاغزى-بۇرنى قان بولۇشۇپ كەتسە كۆرەڭ تاماشا، ۋۇججۇن ..نېمە -دېگەن ئېسىل -ھە!!

ھەممىڭلارنىڭ تېنىغا سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا ئوڭۇشلۇق تىلەپ، ھەقىقەتتتىن
شۇ مۇسابىقىلەرنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلغاي!

2016-يىل 18-مارت ئۆرە تۇرۇپ يېزىلدى كومنىڭ تاختىسىنى قاتتىق مۇشلاپ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
turgunjan + 50

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-18 16:49:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپا دېربىسى بايرىن بىلەن خان مادرىد چۈشۈپ قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 16:53:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونا، مادرىد، بايرىن، كىچىك مارىد ، پارىژ قاتارلىق كۇماندىلار ئ‍ويلاۋاتىدۇ   بىزگە بېفىنكا چىقسا بۇلاتتى دەپ   .....  بېفىنكا  دەيدۇ  قايسىڭ كەلسەڭ بەرىبىر   ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 16:55:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈچلۈكلەر  ئۇچىرشى  قاچانمۇ  باشلار  بۇلارنىڭ  ئويونىنى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 17:01:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىلقى چىمپىيون يەنىلا .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 17:04:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا  دىربىيسى بەيرىن بىلەن بارسېلۇنا تۇتۇشسا ئەڭ قىززىيدۇ .......................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 17:04:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئ‍ەمەلىي كۈچى خىلى كۈچلۈككەن، گۇرۇپپىدىن چىقىشىدا گەپ يوق ئ‍وخشايدۇ… 8 كۈچلۈكلەر ئ‍ۇچۇرشىدا قىززىغان، ئ‍ىسىل مۇسسابىقىلەر بىزنى ساقلاۋاتقان ئ‍وخشايدۇ. بىزمۇ مۇنبەردە ئ‍ىناقلىق ئ‍اساسىدا تەمكىن مۇنازىرلىشىپ كۆرۈشكە ئ‍ىدىيە جەھەتتە تەيارلىق كۆرسەك بولغىدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 17:06:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيرىن - بىنفىكا
بارسا - شەھەر
مادىرىت- بۆرە قەلئەسى
پارىژ - ئاتلىتكا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 17:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايۋەتچىلەرئېلىششى دىگەن خەتنى كۆرۈپ كۈلۈپ تاشلىدىم ،پەيزى ئەمىلى  قويۇلغان ئىسىم بوپتۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 17:14:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەت خەۋەرلىرى دىسە تىما ئىگىسىنى ھەقىقەتكە قايىتقان چىغى دەپتىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 17:15:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپاندا  بۇرۇن مادىرت  بىلەن بارسىلونا كۈچلۈك دەۋالىتى ،  كىيىن 1 نى قېتىپ  3 دەيدىغان بولغان  مۇنبەردە ، مانا ئەمدى پۈتۈن ياۋرۇپادىكى  16 كۈچلۈكىنىڭ  6 سى   ئىسپاندىنلام چىقىپ قالدى ،  دىمەك دۇتتار كىمنىڭ !!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 17:15:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما  ئ‍ىسىل  چىقىپتۇ  
كىم  بۇ  ھەقىقەت  دىگەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 13:25

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش