ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6220 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئارسىنال كوماندىسىنىڭ يىقىنىقى مۇسابىقلەردىكى نەتىجىسى كىشىنى تولىمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ. ئارسىنال كوماندىسى ،ئىنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى ، ئىنگىلاند ھەممە بىرلەشمە لوڭقىسىدىن خوشلاشتى. ئۇزغۇنلۇق سەپىرىدە ،بارسلونا كوماندىسغا ئۆز مەيدانىدا 2-0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋىتىپ ،شاللىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.
ئىنگىلاند دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە بولسا ، 1- ئورۇندىكى لىچىستىر شەھرى كوماندىسىدىن 8 نۇمۇر ئارقىدا قالدى. بۇ پەسىل لوڭقا چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەسى مۈشكۈل بولۇپ قالدى. سەبىر قاچىسى توشقان ،ئارسىنال مەستانىلىرى ، ۋىنگىرنىڭ ئىشتىن چۈشىشى توغرىسىدكى لوزۇنكا ۋە پىلاكاتلارنى چىقىرىپ ، كوماندىنىڭ نەتىجىسىگە ئىتراز بىلدۈردى. ۋىنگىرنىڭ بىرلەشمە لوڭقىسىنى كۆتۈرمىگىنىگە ئاللىقاچان 10 يىلدىن ئاشتى . مۇشۇنداق بىسىم ئاستىدا ، ۋىنگىرنىڭ يازدا ئارسىنالدىن ئايرىلىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرىپ قالدى.
ئەنگىليە لوندون ئۆلچەملىك كەچلىك گىزىتى ،بىر تۈرلۈك ئارسىنال مەستانىلىرىنىڭ رايىنى سىناش ئىلىپ بارغان بولۇپ ، ئۇلار مەستانىلەردىن ، ۋىنگىر ئىشتىن چۈشسە ،ئارسىنالغا قايسى تىرنىر ئەڭ مۇۋاپىق دەپ سۇئال سورىغان .
يۇقارقى سۇئالغا مەستانىلەر ئۆز كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ، 68% مەستانە ھازىرقى گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىرنىرى لىفنى ،ئارسىنال كوماندىسىغا ئەڭ ياخشى نامزات دەپ قارىغان . چۈنكى ئارسىنال كوماندىسدا ، ئۆزىل ۋە مىرتىساكىر قاتارلىق گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بار ھەم ،باشقا داڭلىق تىرنىرلار ئاساسەن ،باشقا كوماندىلار بىلەن توختام تۈزۈپ بولغاچقا ، ئۇلار لىفنى ئەڭ ياخشى نامزات دەپ قارىغان .
لىفنىڭ گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن تۈزگەن توختامى توشۇشقا يەنە ئىككى يىل قالغان بولۇپ ، ۋىنگىر راستىنلا ئىشتىن چۈشسە ،لىف ئارسنالغا كىلەرمۇ ؟
مەنبە - http://news.zhibo8.cc/zuqiu/2016-03-16/56e8b0f2172fe.htm |
|