elan ornielan orni
كۆرۈش: 786|ئىنكاس: 16

ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاتلىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-17 02:02  


7-14020R2414G62.png



   دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 14:45 تە 2016-يىللىق ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ G گۇرۇپپىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە كورىيە K بىرلەشمىسىنىڭ كۈچلۈك كوماندىسى سۇۋون سامسوڭ كوماندىسى مېھمان بولۇپ، ئاۋىستىرالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى مولبورىن غالىبىيەت كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىنىڭ 52-مىنۇتىدا مولبورىن غالبىيەت كوماندىسى بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ، ئوفسايىت توپ ھۈكىمى بىلەن ئىناۋەتسىز قىلىندى. كېيىن ھەرئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي تەڭلىشىش بىلەن مۇسابىقە ئاياقلاشتى. 3 ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن مولبورىن غالبىيەت كوماندىسى 1 قېتىم غەلبە قىلىپ، 2 قېتىم تەڭلىشىپ، مەغلۇپ بولماسلىقىنى ساقلاپ قالدى.




   دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:00 تە 2016-يىللىق ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ E گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىدە كورىيە K بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى جىئونبۇك خىيۈنداي ئاپتۇموبىل كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ، چاۋشىيەن پىنگان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 41-مىنۇتىدا جىئونبۇك خىيۈنداي ئاپتۇموبىل كوماندىسى بىر توپ ئۇردى. 90 مىنۇت بولغاندا جىئونبۇك خىيۈنداي ئاپتۇموبىل كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ 2—0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.



   دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 16:30 دا 2016-يىللىق ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىدىكى جىياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا ياپۇنىيە توكيو FC كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. 71 مىنۇت بولغاندا جىياڭسۇ سۇنىڭدىن تېيشېيرا  بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ بۇ توپنى خاتا ھۆكۈم قىلىپ ئىناۋەتسىز قىلۋەتتى. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي تەڭلىشىش بىلەن مۇسابىقە ئاياقلاشتى. جىياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسى 1 غەلبە قىلىپ، 2 تەڭلىشىپ مەغلۇپ بولماسلىقىنى ساقلاپ قالدى.




   دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 17:30 دا 2016-يىللىق ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ G گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىدىكى شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ، ياپۇنىيە ئوساكا گامبا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. 41 مىنۇت بولغاندا شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىدىن ئېلكېسوننىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. 59 مىنۇت بولغاندا ئوساكا گامبا كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۋالدى. 2 مىنۇتتىن كېيىن كونكانىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن ئېلكېسون 2- توپىنى ئۇرۇپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.




   دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 17:30 دا 2016-يىللىق ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ F گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىدىكى شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ، كورىيە سىئول FC كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقىدە شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسى ئاۋال بىر توپ كەتكۈزدى. كېيىن تەڭلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما 5 مىنۇت ئىچىدە 3 توپ ئىسىتىمال قىلىپ، ساھىبخان مەيداندا 1-4 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى. شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسى كورىيە كوماندىلىرى بىلەن 8 قېتىم تۇتۇشۇپ 1 قېتىم تەڭلىشىپ، 7 قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، غەلبىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىدى.





    دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:00 تە 2016-يىللىق ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ F گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىدە ياپۇنىيە J1 بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى خىروسىما ئۈچ ئوق كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ، تايلاند بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى چونبۇرى بىرلەشمىسى كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. خىروسىما كوماندىسىدىن تاكۇما ئاسونونىڭ 2 توپ ئۇرۇشى ۋە شىزىمونىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن ساھىبخان مەيداندا 3—0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.




    دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:30 تە 2016-يىللىق ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقسىدە كورىيە K بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندا پۇخاڭ تۆمۈرچىلەر كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ، ئاۋىستىرالىيە كۈچلۈك كوماندىسى سدىنېي FC كوماندىسى بىلەن تۇتۇشتى. مۇسابىقىنىڭ 41-مىنۇتىدا پۇخاڭ تۆمۈرچىلەر كوماندىسى بۇ مەيداندىكى بىردىن-بىر توپنى ئۇرۇپ، غەلبە قىلدى.




    دىيارىمىز ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 2016-يىللىق ئاسىيا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ H گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىدە مۇھىم بىر مەيدان مۇسابىقە دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىنىڭ سەركىسى گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ، ياپۇنىيە ئۇراۋا قىزىل ياقۇت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت ئىچىدە گۇئالارت 2 توپنى ناھايتى تېزلىكتە ئۇرۇپ تاماملىدى. كەينىدىن ئۇراۋا قىزىل ياقۇت كوماندىسى بىر توپ ئۇرىۋالدى. 89 مىنۇت بولغاندا ئۇراۋا قىزىل ياقۇت كوماندىسى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ مۇسابىقىنى ئاياقلاشتۇردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن گۇاڭجۇ خېڭدا تاۋباۋ كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش ھالىتى ناھايتى خەتەرلىك ھالەتكە ئايلىنىپ قالدى.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +1050 يىغىش سەۋەبى
ئۇستاز + 1000 قوللاش!
ئېلىخو + 50 ئەجېرلىك !

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-17 02:03:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىكسۇن مارتىنىز بۇ مەيدان باھاسىغا چۇشلۇق ئويناپ قويدى .بارغانچە ئېچىلىپ كىتىپ بارىدۇ .. مۇشۇ دۆلىتىمىزنىڭ توپچىللىرى پۇتىغا توپ چۈشسە قالايمىقانلا تېپىپ ئۇچىرىۋىتىدىكەن .تېخنىكىلق تىپىشنى قاچانمۇ ئۈگىنەر ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 02:10:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىڭدا گۇرۇپپىدىن چىقالمىسۇن،باشقا دۆلىتىمىز كوماندىللىرى تىرىشىپۈباقسۇن دەيمىنا ئەمدى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 02:16:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەندۇڭ لۇنىڭنىڭ قىپ يۈرگەن ئ‍ىشىنى، گۇاڭجۇ خىڭدانىڭ ئ‍ىشى چاتاق  بۇداقى ئ‍ايلانمىلاردا تولۇق يەڭمىسە گورپىدىن چىقالمايدۇ ، شاڭخەي شاڭگاڭنىڭ ئ‍ىپادىسى ياخشى  كىتىپ باردۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 02:27:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇاڭجۇ خىڭدانىڭ  تەلىيى باكەن گورپىسدىكى1.نىڭ  نۇمۇرى 6كەن 2.  3. نىڭ نۇمۇرى  4  كەن ، خىڭدانىڭ  بولسا 2  كەن
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 02:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك چۈشىنىشلىك تىما بوپتۇ رەھمەت
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 02:37:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقلەرنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم. خىڭدا قالتىس ھۇجۇم قىپتۇ ئەمما ئۈنۈملۈك بولماپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 04:36:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 04:42:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىڭدانىڭ ئىشى چاتاق، بۇلتۇرقى چىمپىيون بۇيىل گۇرپىدىن چىقالمىسا ئېغىر زىىيان بۇلدۇدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 07:01:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى قېتىملىق چىمپىيون يېقىنقى ئۈچ مەيداندا بىر مەيدانممۇ ئۇتالمىدى.
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 09:15:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىكۇلارىنىڭ زادى ئ‍ۇزۇنغا يارىمايدىغان تېرنىر دەپ نامى بىكار چىقماپتىكەندە مانا يىرىم پەسىلدىن كېيىنلا ئ‍ۆزىنى ئ‍اشكارلىغىلى تۇرۇپتۇ… جىياڭسۇ سۇنىڭ ھە نىم بوسا سالغان مەبلەغنىڭ ئ‍ۈنۈمىنى كۆرىۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 11:45:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 09:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش