elan ornielan orni
كۆرۈش: 814|ئىنكاس: 31

ئالدىن نەزەر: بايرىن مىيۇنخىن VS يۇۋۇنتۇس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاتلىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-16 21:32  

f1eda10aaf5ca74497f610a2c270330d.gif



مۇسابىقە تۈرى: ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچۇرۇشىش مۇسابىقىدە گېرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ، ئىتالىيە زەردارى تاغىل ئات قوشۇنى يۇۋۇنتۇس كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ. تۇنجى ئۇچۇرۇشىش مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ 2—2 تەڭلەشكەن.

ئىككى تەرەپ ئۇچۇرۇشىش تارىخى:

  ئىككى كوماندا ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخدا 9 قېتىم ئۇچۇراشقان بولۇپ، بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى 4 مەيدان غەلبە قىلىپ، 2 مەيدان تەڭلىشىپ، 3 مەيدان مەغلۇپ بولۇپ ئازىراق ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان. ئەمما يۇۋۇنتۇسنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق غەلبە قىلغان ۋاقتىنى بولسا 2005-يىل 11-ئايدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقىدە يۇۋۇنتۇس كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ 2—1 نەتىجە بىلەن بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.  بايرىن كوماندىسى بولسا ساھىبخان مەيداندا 4 قېتىم يۇۋۇنتۇس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، 2 قېتىم غەلبە قىلىپ، 1 تەڭلىشپ، 1 قېتىم مەغلۇپ بولغان. 2004-يىلى 11-ئايدا بايرىن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا مەغلۇپ بولغان. 2012-2013-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/4 شاللاش مۇسابىقىسىدە بايرىن كوماندىسى ساھىبخان ۋە مېھمان مەيداندا غەلبە قىلىپ، يۇۋۇنتۇسنى قوش بوغۇزلىغان. بۇ ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىم ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇچۇراشتى.

مۇسابىقىنىڭ يارقىن نوقتىسى:

   بايرىن ساھىبخان مەيداندا ئۈمۈد بار، لېكىن يۇۋۇنتۇس ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىدۇ؛ تۇنجى ئۇچۇرۇشىش مۇسابىقىدە يۇۋۇنتۇس كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ 2—2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشپ قالدى. مۇشۇنداق نەتىجىگە نىسبەتەن تاغىل ئات قوشۇنىغا ۋەزىيەت پايدىسىز ئەلۋەتتە. يۇۋۇنتۇس كوماندىسى ئەگەر مېھمان مەيداندا غەلبە قىلالىسا، ئوڭۇشلۇق 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىرىدۇ. ناۋادا ئىككى تەرەپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 0—0 ياكى 1—1 تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى مېھمان مەيداندىكى توپ پەرقى بىلەن ئوڭۇشلۇق غەلبە قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ 2—2 تەڭلىشىپ قالسا تولۇقلىما مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىپ 120 مىنۇتلۇق مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇلار راستىنلا نوقتا توپ جېڭىغا چۈشۈپ قالسا، بايرىن كوماندىسى ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدا 6 قېتىملىق نوقتا توپ جېڭىدا 5 قېتىم غەلبە قىلىپ 1 قېتىم مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىسىگە ئېگە. يۇۋۇنتۇس كوماندىسى بولسا، 6 قېتىملىق نوقتا توپ جېڭىدە 3 قېتىم غەلبە قىلىپ 3 قېتىم مەغلۇپ بولغان. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق نوقتا توپ جېڭى بولسا 2002-2003-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ، 2—3 نەتىجە بىلەن مىلەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرغان.

   ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى تولۇق ئەمەس؛ گەرچە بېناتىيا كوماندىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن باش تېرنىر گۇئاردىيولانىڭ قارىشىچە مۇداپىئە يەنىلا ئاجىز. ئالاباغا سېلىشتۇرغاندا بۇ ماراكەشلىكنىڭ ئىپادىسى كىشىنى ئانچە خاتىرجەم قىلالمايدۇ. بايرىننىڭ ئوتتۇرا مۇداپىئە سېپىدە بولسا ناھايتى  يۇچۇق چوڭ. ياش توپچى كىممىچنىڭ بولسا قانداق بولدىغانلىقىدا تېخى نامەلۇم. يۇۋۇنتۇسنىڭمۇ ھالى بۇلاردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ، يۇۋۇنتۇس كۇلۇبى ئورگان تورىدا  چېلىينى بىلەن دىبالامۇ يارلىنىش سەۋەبلىك مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانلىقنى ئېلان قىلدى.

   دوسىت-دۈشمەنلەرنىڭ جەم بولۇشى؛ ئۆتكەن يىلى يازدا يۇۋۇنتۇس توپچىسى ۋىدال بىلەن كومان بايرىن مىيۇنخىنغا قۇشۇلغان بولۇپ، مەشقاۋۇلنىڭ مۇھىم ئورۇننى ئېگەللىدى. يۇۋۇنتۇستىن مەنزۇكىچ بولسا 2012-يىلدىن 2014-يىلغىچە بايرىندا توپ تەپكەن. 2012-2013-يىللىق ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزۈپ، بايرىن مىيۇنخىننىڭ چېمپىيۇن بولىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.  ئۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرىكى رىم توپچىسى بېناتىيا، ئىلگىرىكى سىتۇگارىت توپچىسى خېدرا، ئىلگىرىكى ۋولفسىنبۇرگ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەچىسى بارزالى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە ئىنتايىن تونۇش توپچىلار.

   مۇسابىقىدىن توختاش ئەھۋالى؛

بايرىن تەرەپتىن سىتارك، بادىستۇبىر، بوئاتىڭ، مارتىنىس،
يۇۋۇنتۇس تەرەپتىن: كاسېرىس، مارچىسىيو، چېلىينى، دىبالا

   گېرمانىيە «توپ تەپكۈچى ژورنىلى»نىڭ ئالدىن پەرەز قىلغان سەپ شەكلى:
بايرىن مىيۇنخىن: بويىر، لام، كىممىچ، بېناتىيا، ئالابا، ۋىدال، روبىن، مۇلىر، تىياگو، دوگىلاس كوستا، لەيۋەندوۋىسكى.

يۇۋۇنتۇس: بوففىن، بارزالى، بونۇچى، رۈگانى، خېدرا، پوگىبا، ئاساموئا، كۇئادرادو، مۇراتا، ساندىرو، مەنزۇكىچ.


مۇسابىقە ئۇچۇرى:
مۇسابقە تۈرى: ياۋرۇپا چېمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئۇچۇرۇشىش مۇسابىقىسى
ئىككى تەرەپ: بايرىن مىيۇنخىن VS يۇۋۇنتۇس
مۇسابىقە ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 01:45 تە، ( شىنجاڭ ۋاقتى)
مۇسابىقە ئورنى: بايرىن مىيۇنخىن ئارىيان پۇتبول مەيدانى
مۇسابىقە تارقىتىش ئەھۋالى: مەكىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى +5 CCTV، لېشى تەنتەربىيسى، تېڭشۈن تەنتەربىيسى، شىنڭلاڭ تەنتەربىيسى، PPTV تەنتەربىيسى قاتارلىق تور بىكەتلەرنىڭ ھەممىسى نەق مەيدان ئۇلاپ تارقىتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-16 21:33:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بايرىن بىلەن بارسىلوناغا ھۇررا توۋلاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 21:37:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بايرىن 8 كۈچلۈككە كىرىپ كىتىدۇ(شەخسى قاراش)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 21:37:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بۇلار 0–0 بولۇپ تەڭلىشىپ بايرىن ئوڭۇشلۇق ھالدا سەككىز كۈچلۈككە كىرىپ كىتدۇ،ئۆتكەن يىلدىكى كۈمۈش شاھ شالىنىپ كىتدۇ دەپ ئويلىدۇم ئۆزەمچە،بۇلار چەك تارتقاندىلا بەكلا ئىچنارلىق بوپ قالغان ئىككى زەردارنىڭ تۇنجى قىتىمدىلا ئۇچۇرشۇپ قىلشى ھەي ئىسىت....كىملا شالانمىسۇن ئادەمنىڭ كۆڭلى يىرىم بولدۇدە
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 21:42:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ھەر ئىككىلىسى تۆت كۈچلۈككە كىرىشكە تىگىشلىك كوماندىلار ئىدى، تەغدىرى شۇنداق بولۇپ قالغان چىغى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 21:46:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنتۇسنىڭ غەلبە قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن،پوگبا ئۈچۈن.غەيرەت قىل مانچىستىرلىق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 21:50:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈۋىنتىسقا پۇرسەت بار، دىمەكچى بىر توپ ئ‍ۇرۇپلا، ئ‍ىتالىيەچە مۇداپىئە تاكتىكىسىنى قوللانسا دەيمىنا، ئ‍ۇنىڭ ئۈستىگە يۈۋىنتىس بۇ خىل تاكتىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئ‍ەنئەنىسى بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 22:11:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنتۇسنتىن دىبالانىڭ يوقلىقى چانامىكى ،
باشقىچە ئەھۋال بولمىسا بايرىن ئۇتۇپ قىلىشى مۇمكىن
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 22:22:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر تۆھپىكارى پۇتبۇل ئۈچۈن ۋۇررا بايرىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 22:22:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karatulpar67 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-16 22:24  

بايرىىننىڭ لۈكچەكلىرى ساھىپخان مەيداندا رەقىپلىرىنى بوش قويىۋەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇۋىنتۇسنىڭ 3ئاساسلىق ئادىمى قاتنىشالمايدىكەن. بوپتۇ بۇيىل يۇۋىنتۇس بالدۇر خوشلاشقاچ تۇر. سېنىڭ شاللىنىپ كېتىشىڭ نۇرغۇن مەستانىلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ. يەنە شۇنداقلا 8كۈچلۈككە كىرگەن كوماندىلار سەندەك كۈچلۈك بىر رەقىبتىن قۇتۇلغىنىغا ئالەمچە خوش بولىدۇ. بايرىن بىلەن يۇۋىنتۇسنى تەڭ ياخىشى كۆرەتتىم. مەستانىچىلىق دېمەك ئازاپلىنىش دېمەكتۇر، ئۆزەڭ ياخىش كۆرىدىغان كۇلۇپلار شاللانسا كۆڭۈل يېرىم بولىدۇ. بۇ مۇسابىقىنى كۆرۈشتىنمۇ قورقىۋاتىمەن . قايىسسسى شاللانسا ئازاپلىنىدىغان گەپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 22:27:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 22:29:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونا ۋە تاز  ھۇررا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 12:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش